ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى- ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك بىر سەھنىسى


( ئۆتكەن يىلى 24 ‏-نويابىر كۈنى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەىسى خاتىرىسى)

رابىيە قادىر
24 ‏-نويابىر ئوت پاجىئەسى يۈز بەرگىنى مانا بىر يىل بولدى. بەلكىم دۇنيا ئۇنتۇپ كەتتى بۇنى ، ئەمما بىز ئۇنتۇمىدۇق. چۈنكى ئۇيغۇرلار شۇ كۈنى ئىنسانىيەت تارىخىدا ھىچ بىر مىللەتنىڭ بېشىغا كەلمىگەن بىر پاجىئەنى باشتىن كەچۈردى. . ئۈرۈمچىدىكى ئۇيغۇرلار ئولتۇراقلاشقان بىر بىناغا ئوت كېتىپ 44 كىشى جان ئۈزدى.
بۇ 44 كىشىنىڭ كۆپونىچىسى ئانا ۋە بالىلاردىن تەشكىللەنگەن ئىدى. شۇ كۈنى ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ ئوت ئازابىدىن چىقىرىغان ئاۋازلىرى بىنالارنى ھالقىپ ئۈرۈمچىنى قاپلىدى ، تورلار ئارقىلىق پۈتۈن دۇنياغا ئۇلاشتى، ئەمما ھىچكىم ئۇلارغا قىلچىلىك ياردەم قىلالمىدى. چۈنكى بۇ، خىتاينىڭ كوۋىدنى نۆلگە چۈشۈرۈش پلانى بويىچە قامال يۈرگۈزىۋاتقان مەزگىل بولۇپ بىنا ۋە ئۆينىڭ ئىشىكلىرىگە قۇلۇپ سېلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئوتتا كۆيۈۋاتقانلارنىڭ بەزلىرىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بەزىلىرىنىڭ جورىلىرى تۈرمە ۋە لاگىردا بولغاچقا ئىشىكلەرنى چېقىپ چىقىشقا جىسمانىي كۈچى يەتمىگەن ئىدى.
قوشنا بىنادىكىلەر ۋە ئەل-جامائەت ئوت ئازابىدا قىينالغان جانلارنىڭ پەريادلىرىنى ئاڭلاپ تۇردى، يۈرەكلىرى پۇچىلاندى، ئەمما قۇتقۇزۇشقا كېلەلمىدى، چۈنكى ئۇلارمۇ قامالدا ئىدى. خىتاينىڭ ئوت ئۆچۈرۈش ماشىنىسى بىنا ئەترەپىنى تومۇر ۋە ياغاچ توساقلار بىلەن توسۇۋېتىلىشى قاتارلىق تەبىئىي ۋە سۈنئىي سەۋەپلەر بىلەن بىناغا دەرھال يېقىنلىشالمىدى.
ئوت ئۆچۈرۈش شىلانكىسى بىنا ئىگىز بولغاچقا جايىغا يېتىپ بارالمىدى. خىتاينىڭ ھەربىي ۋە ساقچى قىسىملىرى « تېرور» ۋەقەلىرىدە كۆرسىتىدىغان ئۇ چەبدەستلىك ۋە جاسارىتىنى بۇ چارىسىزلارنى قۇتقۇزۇشتا كۆرسەتمىدى، توغرىسى كۆرسەتكىسى كەلمىدى.

خىتاي ئاخباراتى ئوتنى 3 سائەتكىچە ئۆچۈرۈلمىگەن ئوت ئەترىتىنى «ۋەزىپىسىنى غەلىبىلىك ئادا قىلدى» دەپ خەۋەر قىلدى، ئەمما پاجىئەدە ئۆلگەنلەرنىڭ كىملىكلىرى ۋە ھەقىقىي سانىنى يوشۇرۇن تۇتتى. بۈگۈنگە قەدەر بىز ئۆلگۈچىلەردىن قەمبەرنىسا (48) ۋە ئۇنىڭ ئۈچ پەرزەنتى شەھىدە (13)، ئابدۇراخمان(9) ۋە نەھدىيە(5)نىڭلا ئىسىملىرىنى بىلىمىز. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەرنىڭ تۆۋەندىكى سوئاللىرى تېخىچە جاۋاپسىز: . ئۆلگۈچىلەرنىڭ جەسىتى يەرلىكىدە دىنىي يوسۇن ۋە مىللىي ئۆرپ ئادەتلەر بويىچە قويۇلدىمۇ؟ تېخىمۇ مۇھىمى بۇ پاجىئە ئۇلارنىڭ تۈرمە ۋە لاگىردىكى ئائىلە ئەزالىرىغا بىلدۈرۈلدىمۇ، نىمە دەپ بىلدۈرۈلدى ۋە ئۆلۈم مۇراسىمىغا قاتناشتۇرۇلدىمۇ؟ئائىلىلەرگە تۆلەم ياكى ياردەم بېرىلدىمۇ؟
شۇنداق، 24 ‏-نويابىر كۈنى 44 جان 3 سائەت ئوتتا كۆيۈپ ۋە ئىستا بوغۇلۇپ جان ئۈزدى. ئانىلار بوۋاقلىرىنى باغرىغا باسقان ھالەتتە، نارەسىدىلەر ئۆيىنىڭ ئۇ بۇلۇڭىدىن بۇ بۇلۇڭىغا، ئۇ تىمىدىن بۇ تېمىغا غا ئۆزىنى ئاتقان ھالەتتە.
بۇ كۆرۈنۈشنى دۇنيا ئۇنتۇپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن، ئەمما بىز ئۇنتۇمايمىز، ئۇنتۇيالمايمىز. ئۇلار لاگىردىن ئىبارەت چوڭ بالايى ئاپەتنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان بىر پۈتۈن جەمىيىتىمىزنىڭ ئاجىز بىر پارچىسى ئىدى. بۇ ئوتسىزمۇ، ئايرىلىپ قالغان ئاتا-ئانىلىرى ۋە جورىللىرىنىڭ ئوتىدا كۆيۈۋاتقان ئىدى. بىز خىتايدىن بۇ ھېساپنى سوراشقا قادىر بولالمىدۇق، ئىشىنىمىزكى تارىخ ھامان بىر كۈنى سورايدۇ.
شۇنىمۇ ئۇنتۇمايمىز، بۇ قاباھەتلىك كۈنلىرىمىزدە تۈركىيە ھۆكۈمىتى خەلقىمىزدىن ئاخبارات باياناتى ئارقىلىق ھال سورىدى. ياۋروپا بىرلىكى خىتاينى پاجىئە ھەققىدە ئېنىق مەلۇمات بېرىشكە، مەسئۇلىيىتى بارلارنى جاۋاپكارلىققا تارتىشقا چاقىردى. ئەمما جاۋاپكارلارنىڭ سۈرۈشتىسى بولمىدى.
بىز بۇ ئازاپلىق خاتىرە كۈنىمىزدە، دۇنيا جامائىتىنىڭ سەمىگە شۇ بىر ھەقىقەتنى سېلىپ ئۆتىمىز: قاتىللىقنىڭ ھېسابىنى سوراش قاتىلغا ئامانەت قالدۇرۇلسا، مەيداننى ئادالەتنىڭ نۇرى ئەمەس، ئاداۋەتنىڭ ئۇرۇقى قاپلايدۇ.
24 ‏-نويابىر ئۈرۈمچى ئوت پاجىئەسى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنىڭ تىپىك بىر سەھنىسى ۋە ئەينىكى . ئۆزىنى ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ بىر پارچىسى سانىغان ھەر بىر شەخس ۋە ئورگاننى بۇ سەھنىنى ئۇنتۇماسلىققا ۋە ئۆزىگە تېگىشلىك دەرس ئېلىشقا چاقىرىمىز.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*