ئىدارە ھەيئەتلىرىمىز

ئىدارە ھەيئەتلىرىمىز

رابىيە قادىر خانىم:    خەلقئارا كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دىموكراتىيە فوندى جەمىيىتى،  شۇنداقلا  دۇنيا ئۇييغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى.  ئۆمۈر بۇيى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ داۋاسىنى ئاڭلىتىش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلگەن كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى، ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيىتىنىڭ لىدىرى، شۇنداقلا  ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسىدۇر.  ئۆزى خىتاي ھۆكىمىتىنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈستىدىن يۈرگۈزگەن زۇلۇمى ئۈستىدە گۇۋاھلىق بەرگەن، خەلقئارا تەشكىلاتلار ۋە دۆلەتلەرنى ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشكە چاقىرىق قىلىپ، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق ۋە ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ھۇقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە. تەپسىلاتلار ئۈچۈن  رەئىسىمىز سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىڭ

سۈرىيە ئابلىمىت:  خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دىموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ قۇرغۇچىلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلار 2005-يىلى، 2006  يىللىرىدىكى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېقىن ياردەملىرىنىڭ بىرىدۇر.  ئۇ يەنە ئۇيغۇر ئاياللىرى كومېتىتىنىڭ ئۇيۇشتۇرغۇچىسى ، پائالىيەتلەرنىڭ تەشكىللىگۈچىسىدۇر. سۈرىيە خانىمنىڭ ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيىتى ئۈچۈن كۆپ كۈچ چىقارغان پىشقەدەم خادىملىرىمىزنىڭ بىرىدۇر. سۈرىيە خانىم 1990 – يىلى شاڭخەي پىداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتىنىڭ تارىخ پەنلىرى بۆلىمىدە باكلاۋېرلىقنى تۈگەتكەن، 1999 – يىلى ئامرېكىغا كەلگەندىن كېيىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيىتى ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دىموكراتىيە فوندى جەمىيىتىدە ئاكتىپ پائالىيەت كۆرسىتىپ كەلمەكتە.

قۇتلۇق قادىر:    نۆۋەتتە ياپۇنيە كاگوشىما ئۇنىۋېسىتى، ئىقتىساد ۋە ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى بۆلۈمىدە ئىنگىلىز تىلى ئوقۇتقۇچىسى بۇلۇپ ئىشلەۋاتماقتا. قۇتلۇق قادىر ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر ۋە ئىنگىلىز تىلى ئەدەبىياتى ھەققىدە نۇرغۇنلىغان ماقالە ۋە مەتبۇئاتلارنى ئىلان قىلىپ كەلگەن، شۇنداقلا ياپۇنيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيىتىنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىسى، رابىيە قادىر خانىمنىڭ ياپۇنيەدىكى كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيىتى ئۈچۈن مۇھىم رول ئوينىغان  يېقىن ياردەمچىلىرىنىڭ بىرىدۇر.

شون روبېرىت:  جورج ۋاشىنگىتون ئۇنىۋېرسىتى، ئىللىئوت ئىنىستىتوتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر  پروفېسسورى، شۇنداقلار خەلىقئارا تەرەققىيات تەتقىقاتى بروگراممىسىنىڭ دىرېكتورى، پروفېسور روبېرت مەدىنيەت ئىنسانشۇناسلىقى تەتقىقاتچىسى، جەنۇبى كالىفورنىيە ئۇنىۋېرسىتى ئىجتىمائى ئىنسانشۇناسلىق پەنلىرى دوكتۇر ئاسپىرانتى.  پروفېسور روبېرت دوكتۇرلۇق تەتقىقاتى مەزگىلىدىن باشلاپ ئۇيغۇر مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ كەلگەن، ئۇيغۇر مەسىلىسى ھەققىدە ماقالىلەر ۋە ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىتاپلارنى يېزىپ ئىلان قىلغان. ئۇنىڭ تەتقىقاتى ئاساسلىقى ئوتتۇرا ئاسىيا رايۇنى، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە مەركەزلەشكەن، ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دىموكراتىيە فوندى جەمىيىتىنىڭ مۇھىم ئىدارە ھەيئەتلىرىنىڭ بىرىدۇر.