• شەرقى تۈركىستاندىكى يېزا بازىرىدىن بىر كۆرۈنۈش

خەلىقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ھەققىدە

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى 2005- يىلى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ۋە باشقا جەھەتلەردە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئەمەلىي ياردەم بېرىش مەقسىتىدە خالىسانە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر.

داۋامىنى ئۇقۇڭ....

تەشكىلاتىمىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خەيرى- ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادى ياردەم توپلاش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىنى كۈچەيتىش ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش، شەرقىي تۈركىستان (ئاتالمىش ش ۇ ئا ر ) خەلقىنىڭ كىملىكى ۋە تارىخ- مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش، شەرقىي تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش، بۇلارنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرۈش، ئورتاق مەقسىتىمىز بولغان باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى تۈرك ، ئىسلام ئەللىرىنى، شۇنداقلا بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى شەرقىي تۈركىستانغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش، بۇ جەھەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش، شۇنداقلا شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت.

تەپسىلاتلار ئۈچۈن «ھەققىمىزدە» سەھىپىمىزگە قاراڭ.  

ئەسلىگە قايتىڭ

ئىتتىپاقداشلار