ھەققىمىزدە

خەلىقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى ھەققىدە

خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە فوندى جەمئىيىتى 2005- نچى يىلى ۋاشىنگتوندا قۇرۇلغان، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى شەرقى تۈركىستان تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقىنىڭ كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرىنى ئىقتىسادى جەھەتتىن قوللاش، ئۇلارنىڭ مەدەنىيەت، مائارىپ، سەھىيە ۋە باشقا جەھەتلەردە راۋاجلىنىشى ئۈچۈن ئەمىلى ياردەم بېرىش مەقسىتىدە خالىسانە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر.

تەشكىلاتىمىزنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى خەيرى- ساخاۋەت پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئىقتىسادى ياردەم توپلاش، بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر داۋاسىنى كۈچەيتىش ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىش، شەرقى تۈركىستان (ئاتالمىش ش ۇ ئا ر ) خەلقىنىڭ كىملىكى ۋە تارىخ- مەدەنىيىتىنى تونۇتۇش، شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكلىرى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى توپلاش، بۇلارنى دۇنيا خەلقىگە بىلدۈرۈش، ئورتاق مەقسىتىمىز بولغان باشقا تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقىنى كۈچەيتىش، ھەر قايسى تۈرك ، ئىسلام ئەللىرىنى، شۇنداقلا بارلىق دېموكراتىك دۆلەتلەرنى شەرقى تۈركىستانغا ياردەم قىلىشقا چاقىرىش، بۇ جەھەتتە كۆۋرۈكلۈك رول ئويناش، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستاندىكى ئاياللار ۋە بالىلار ھوقۇقى مەسىلىلىرىنى ياخشىلاش ئۈچۈن كۈچ چىقىرىشتىن ئىبارەت.