ۋەزىپىمىز

بىزنىڭ ۋەزىپىمىز

1.دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى  ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىلىرىنىڭ پائالىيىتىنى قوللاش ئۈچۈن ئىقتىسادى ياردەم توپلاش، ئۇيغۇر دەۋاسىنى كۈچلەندۈرۈش ، دۇنياغا ئاڭلىتىش ئۈچۈن تېخىمۇ ئۈنۈم ئۈنۈملۈك يول تېپىش

2.شەرقى تۈركىستاننىڭ جۇغراپىيلىك، تارىخى، مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكلىرىنى، ھازىرقى ۋەزىيىتىنى دۇنيا خەلقىگە يەتكۈزۈش

3.دۇنيادىكى ھەرقايسى تۈرك ۋە ئىسلام دۆلەتلىرى، دىموكراتىك دۆلەتلەر بىلەن، بۇ دۆلەتلەردىكى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئالاقە باغلاش، ئۇلارنىڭ  شەرقى تۈركىستانغا ياردەم بېرىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە تىرىشىش

4.خىتاي مۇستەملىكىسى ئاستىدا قالغان باشقا مىللەت خەلقىنىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردە پائالىيەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتلىرى  بىلەن مۇناسىۋەتنى كۈچەيتىش

5.ئامرېكا، ياۋرۇپا ئىتتىپاقى ۋە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا شەرقى تۈركىستان مەسىلىسىنى كۈنتەرتىپكە ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن تىرىشىش

6.دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋە بالىلارنىڭ ئۇچرىغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم قىلىش