ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ خەلقئارادىكى بىردىن بىر تولۇق ھوقۇقلۇق ئەڭ يۈكسەك رەھبەرلىك ئورگىنى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى دېموكراتىك پرىنسىپلار ئاساسىدا، تىنچ ۋاسىتىلەر ئارقىلىق ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ئەركىنلىكى، دېموكراتىيىسى، ئىنسانى ھەق – ھوقۇقلىرى ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ مۇستەقىل سىياسىي كەلگۈسى ئۈچۈن كۈرەش قىلىدۇ. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى 2004 – يىلى 4 – ئاينىڭ 16 – كۈنىدىن 19 – كۈنىگىچە گېرمانىينىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە چاقىرىلغان «شەرقىي تۈركىستان (ئۇيغۇرىستان) مىللىي قۇرۇلتىيى» بىلەن «دۇنيا ئۇيغۇر ياشلىرى قۇرۇلتىيى» نىڭ بىرلەشمە قۇرۇلتىيىدا، ئىككى قۇرۇلتاي ئومۇمى ۋەكىللىرىنى ئاساس قىلغان ھالدا، ۋەتەن سىرتىدىكى بارلىق شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ قاتنىشىشى ۋە بىردەك ئاۋازدا تەستىقلىشى بىلەن ۋۇجۇدقا چىققان، 2006 – يىلى 11-ئايدىن باشلاپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى، ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم د ئۇ ق نىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە . دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ھەققىدە قىسقىچە چۈشەنچە بېتىنى زىيارەت قىلىڭ.

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى

ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتى 1998 – يىلى ئامرېكا ۋە باشقا غەرىپ ئەللىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىلار ۋە كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەدىنيىتى قوغداش،  دېموكراتىك ۋە تىنچلىق يولى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش مەقسىتىدە خىزمەت قىلىۋاتقان ئاممىۋى تەشكىلاتتۇر. 2006- يىلدىن 2011 -يىلغىچە رابىيە قادىر خانىم رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن، نۆۋەتتە يېتىشكەن ئۇيغۇر زىيالى ۋە كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بۇ جەمىيەتنىڭ  رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەپ كەلمەكتە. تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن ئۇيغۇر ئامېرىكا جەمئىيىتى سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىڭ.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پروجېكتى 

ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پروجېكتى 2004 -يىلى ئامرېكا ئۇيغۇر جەمىيىتى تەرىپىدىن، دىموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتىنىڭ ياردىمى بىلەن قۇرۇلغان. ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پروجېكتىنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى شەرقى تۈركىستاندىكى كىشلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكىگە بولغان ئىتىبارنى ئاشۇرۇش، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  دىموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھۇقۇق تۇنۇشىنى ئۆستۈرۈشتۇر. ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پروجېكتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئامرېكىدىكى زىيالى، كىشىلىك ھۇقۇق پائالىيەتچىسى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باياناتچىسى بۇلۇپ كېلىۋاتقان ئالىم سېيتوف ئەپەندى ئۈستىگە ئېلىپ كەلمەكتە.  تەپسىلى مەلۇمات ئۈچۈن ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق پروجېكتى تور سەھىپىسىنى زىيارەت قىلىڭ.