ئۇيغۇرلار ھەققىدە

ئۇيغۇرلار تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر تارمىقى بولۇپ، دۇنيادا ياشىغۇچى تۈركىي خەلقلىرى ئىچىدە تارىخىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ئەمگەكچان- باتۇرلۇقى، ئەقىللىق ۋە كۈرەشچانلىقى، ئاق كۆڭۈل ۋە سەمىمىيلىكى، ئۆزىنىڭ ياراتقان شانلىق مەدەنىيىتى بىلەن دۇنيانىڭ مەدەنىيەت خەزىنىسىگە ئۆچمەس تۆھپە قوشقانلىقى بىلەن تونۇلغان قەدىمقىي مەدەنىيەتلىك ئۇلۇغ مىللەت.
ئۇيغۇرلار كېلىپ چىقىشى جەھەتتىن ھونلار، تۈركلەر بىلەن قان- قېرىنداش بولۇپ، تىل جەھەتتىن ئالتاي تىل سېستىمىسى تۈرك تىللىرى گۇرۇپپىسىغا كىرىدۇ.
«ئۇيغۇر» دېگەن نام دەسلەپتە ئىتنىك (مىللىي) ئىسىم ئەمەس ئىدى. خۇددى داڭلىق شەرقشۇناس، ئاكادېمىك بارتولد: ”«تۈرك» دېگەن ئىتنىك ئىسىم ئەمەس، بەلكى «تۈرك» دېگەن بۇ ئاتالغۇ تۇرك قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي بىرلەشمىسىنى بىلدۈرىدىغان ئاتالغۇ“ دېگىنىگە ئوخشاش، «ئۇيغۇر» دېگەن ناممۇ ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىرلەشكەن سىياسىي تەشكىلىنى كۆرسىتىدىغان نام.
16- ئەسىردە ئۆتكەن خىۋا خانى ئۇبۇلغازى باھادۇرخاننىڭ «تارىخىي شەجەرىئى تۈرك» (تۈركلەرنىڭ شەجەرىسى) دېگەن ئەسىرىدە: ”ئۇيغۇر دېگەن نام ئوغۇزخان تەرىپىدىن تۈركىي تىل سىستېمىسىدىكى قەبىلىلەرنىڭ باتۇر، ئۇيۇشقاق بىر قىسمىغا، ئۇلارنىڭ جەڭلەردە كۆرسەتكەن باتۇرلۇقى، خەلق ھەم ۋەتىنىگە كۆرسەتكەن سادىقلىقى ئۈچۈن بېرىلگەن نام“ دەپ كۆرسىتىدۇ.
بۇ پىكىرگە پروفېسسور كازلى (1841- يىلى ئۆلگەن)، ئاكادېمىك رادلوپ (1890- يىلى ئۆلگەن) لار قوشۇلىدۇ. شەرق تارىخشۇناسلىرىدىن رەشىددىدىن ئۆزىنىڭ «جامىئوت تەۋارىخ» (تارىخلار توپلىمى) دېگەن كىتابىدا بۇ پىكىرگە ئاساسلار كۆرسەتكەن ئىدى.
ئۇبۇلغازى باھادۇرخان ئۆز پىكرىنى داۋاملاشتۇرۇپ ”«ئۇيغۇر» سۆزى ئۇيۇشقاق، «يېپىشقاق»، «بىرىككەن» مەنىسىدە بولۇپ، ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدە شۇنداق خۇسۇسىيەتلەر بولغانلىقى ئۈچۈن «ئۇيغۇر» دەپ نام بېرىلگەن“ دەيدۇ.
بۇ نام دەل مۇشۇنداق ئاساستا مەيدانغا چىققانمۇ، بۇنىڭغا تا ھازىرغىچە نەق، ئىلمىي، تارىخىي ئاساستا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىت كەم، بولسىمۇ يېتەرلىك ئەمەس.
ئەمما «ئۇيغۇر» دېگەن ئاتالغۇنىڭ تومۇرى تۈركچە ئىكەنلىكىنى كىلاپورت، پىلانو، كارنپىلى قاتارلىق تىلشۇناسلار ئۆز ئاساسلىرى ئارقىلىق ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، «ئۇيغۇر» دېگەن نام ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ سىياسىي تەشكىلىنىڭ نامى ئىكەنلىكىدە شەك يوق. 8- ئەسىرلەردە، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدا قۇرۇلغان دۇنياغا داڭلىق ئورقۇن دۆلىتىمۇ ئۆزلىرىنى ئۇيغۇر دۆلىتى، دەپ ئاتىغان ئىدى.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەجداتلىرى جۇڭگو يىلنامىلىرىدا ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەرگە قاراپ ئوخشىمىغان ناملار بىلەن ئاتىلىپ كەلگەن، مەسىلەن، ئۇيغۇرلار ھۇن ئىتتىپاقىغا كىرگەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىرلەردە دىڭلىڭ 丁零 دېگەن نام بىلەن ئاتالغان بولسا، مىلادى 4- ئەسىرلەرگە كەلگەندە يۈەنخې 袁纥 دېگەن نام بىلەن، 5- ئەسىرلەردە گاۋچې 高车 دېگەن نام بىلەن، ئۇنىڭدىن كېيىن تېلې 铁勒، ۋېيخې 韦纥، تاڭ سۇلالىسىنىڭ دەسلەپكى يىللىرىغا كەلگەندە خۇيخې 回纥، مىلادى 788- يىللاردىن كېيىن خۇيگۇ 回鹘 دېگەن ناملار بىلەن ئاتالغان.
ئۇيغۇرلار قەبىلە ئىتتىپاقى 9 قەبىلىدىن، بەزىدە 10 قەبىلىدىن تەشكىل تاپقاچقا، بەزى تارىخىي ھۆججەتلەردە «توققۇز ئوغۇزلار» دەپ ئاتىلىدۇ. خەنزۇ تارىخىي مەنبەلىرىدە بولسا «توققۇز تۈركلەر» 九姓铁勒 دەپ ئاتالغان.
ئۇيغۇرلار ئۇرۇق، قەبىلىدىن قەبىلە ئىتتىپاقى بولۇپ، قەبىلە ئىتتىپاقىدىن خەلق، خەلقتىن مىللەت بولۇپ شەكىللەنگەنگە قەدەر بولغان ئارىلىقتا ناھايىتى ئۇزاق بىر تارىخىي مۇساپىنى بېسىپ ئۆتكەن ھەمدە مۇشۇ ئۇزاق تارىخىي جەرياننى بېسىپ ئۆتۈش جەريانىدا نۇرغۇن ئىجتىمائىي ئەگرى- توقايلىقلارنى بېشىدىن كەچۈرگەن. بۇنداق ئۇزۇن ۋە مۇرەككەپ جەريان ئۇلارنىڭ ئىقتىسادىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي ھاياتى، جەمىيەت تۈزۈلمىسى، ئىتنىك تەشكىلى، تۇرمۇش ئۆرپ- ئادەتلىرى ۋە ئاڭ- پىكرى، تىل تەرەققىياتىغا ماھىيەتلىك تەسىر كۆرسەتتى، بۇ ئۇلارنىڭ بەدىئىي تەپەككۇرىغا، ئەدەبىيات- سەنئىتىگە سىڭىپ كىرىپ، چوڭقۇر ئىز قالدۇرغان.

2. ئۇيغۇرلارنىڭ ياشىغان جايلىرى
ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى شىنجاڭنى ئاساس قىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا بولۇپ، دۇنيا جامائەتچىلىكى بىردەك ئېتىراپ قىلغان تارىخىي ئارجىئولوگىيەلىك ماتىرىياللار بۇ كۆز قاراشنى يىمىرىلمەس پاكىتلار بىلەن ئىسپاتلاپ بەرمەكتە.
ياۋرۇپالىق تارىخ ۋە ئارخىئولوگىيە ئالىملىرىنىڭ تەكشۈرۈپ ئىسپاتلىشىچە، ئىنسانىيەت جەمىيىتىنىڭ تارىخ سەھىپىسىدىكى تەرەققىياتى بىر خىل بولغان ئەمەس. بۇنىڭغا ھەر قايسى خەلق ياشىغان جاينىڭ جۇغراپىيىۋى شارائىتى موھىم سەۋەبلەرنىڭ بىرى بولغان.
دەريا بويلىرىدىن ماكان تۇتقان، دېھقانچىلىق شارائىتى ياخشى بولغان خەلق دېھقانچىلىق بىلەن شوغۇللۇنۇپ، تۇراقلىق ھايات كەچۈرۈپ، مەدەنىيەتكە خېلى بالدۇرلا قەدەم قويغان.
مەسىلەن، تارىم دەريا ۋادىسى، نىل دەريا ۋادىسى (مىسىردا)، گاڭگا دەريا ۋادىسى (ھىندىستاندا)، سىر دەريا ۋادىسى، خۇاڭخې، چاڭجىياڭ قاتارلىق چوڭ-چوڭ دەريا ۋادىلىرىدا ياشىغان خەلقلەرنىڭ مەدەنىيىتى خېلى بۇرۇنلا تەرەققى قىلغان.
تاغ ئېتەكلىرى، يايلاقلاردا ياشىغان خەلقلەر كۆچمەنچىلىك، چارۋىچىلىق بىلەن، ئورمانلاردا ياشىغانلار ئوۋچىلىق بىلەن شوغۇللانغان، ئۇلارنىڭ مەدەنىيىتىمۇ ئۆزىنىڭ ياشىغان شارائىتى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇلىغا قاراپ ئۆزىگە يارىشا تەرەققى قىلغان. خەلقلەر توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان يېزا- قىشلاق، شەھەر، ئۆتەڭلەردە بولسا، مەدەنىيەت تېز ۋە يۈكسەكراق تەرەققى قىلغان.
كەڭ تېرىلغۇ يەرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دەريا ۋادىلىرى، چەكسىز كەتكەن ئورمان ۋە ئوتلاقلارغا ئىگە بولغان، تەبىئىي شارائىتى ياخشى بولغان ئوتتۇرا ئاسىيادا ئەڭ قەدىمقىي زامانلاردىن باشلاپلا مەدەنىيەت تەرەققى قىلغان.
يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا تەبىئىي شارائىت ئۆزگۈرۈپ، دەريا سۇلىرى قۇرۇپ، كۆللەرنىڭ، دېڭىزلارنىڭ ئورنىنى قۇم بارخانلىرى ئىگىلەپ، قۇرغاقچىلىق ئاپىتى يۈز بەرگەن. ھازىرقى كاسپىي دېڭىزى، بالقاش كۆلى، لوپنۇر كۆلى، سايرام كۆلى ۋە باغراش كۆلى، ئارال دېڭىزى قاتارلىق ئوتتۇرا ئاسىيادىكى چوڭ-كىچىك كۆللەر بۇرۇنقى دېڭىزدىن قالغان پارچە كۆللەردىن ئىبارەت.
بۇنىڭدىن ئون مىڭ يىللار بۇرۇن قۇرغاقچىلىق ۋەھىمىسىدە قالغان ئاتا-بوۋىلىرىمىز ئوتتۇرا ئاسىيادىن تەرەپ-تەرەپكە قاراپ كۆچۈشكە باشلىغان.
ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ شەرقىدىكى-تارىم ۋادىسىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىگە يېقىن بولغان سېرىق دەريانىڭ شىمالىي تەرىپىگە كۆچكەن، يەنە بىر قىسمى تارىم ۋادىسىدا داۋاملىق ئولتۇراقلىشىپ قالغان. سېرىق دەريانىڭ شىمال تەرىپىگە كۆچكەنلەر تاشقى موڭغۇلدىكى ئورخۇن، سىلىنگا دەريالىرىنىڭ ۋادىلىرىغا، بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىغا ئورۇنلاشقان، تارىختىكى ھونلار، تۈركلەر، ئۇيغۇرلار دەپ ئاتالغانلار مانا شۇ تارىم بويىدىن كۆچۈپ بارغانلارنىڭ ئەۋلاتلىرىدۇر.
«شىنجاڭ گېزىتى» نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنىدىكى سانىدا ئېلان قىلىنىشىچە (ئۇيغۇرچىدا): 1979- يىلى قىشتا شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ئاخىئولوگىيە تەتقىقات ئۆمىكى لوپنۇر كۆلىنىڭ غەربىي شىمالىدىن تەخمىنەن 70 كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆنچى دەرياسى تۆۋەن ئېقىمىنىڭ شىمالىي قىرغىقىدىكى بىر ئىپتىدائى جەمئىيەتكە مەنسۇپ قەۋرىستانلىقتىن ئىككى جەسەتنى تاپقان. ئۇنىڭ بىرى، ياش ئايالنىڭ جەسىتى، يەنە بىرى بالىنىڭ جەسىتى. نەنجىن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇغراپىيە فاكولتېتىنىڭ «كاربون 14» تەجرىبەخانىسى جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان ياغاچ ۋە باشقا بۇيۇملارنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق جەسەتلەرنىڭ بۇندىن 6412 يىل بۇرۇنقى جەسەت ئىكەنلىكىنى ئىنىقلاپ چىقتى (بۇ خەۋەر «خەلق گېزىتى» نىڭ 1981- يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنىدىكى سانىنىڭ 1- بېتىدىمۇ ئېلان قىلىنغان). بۇ جەسەتلەر ئاپتونوم رايونىمىز بويىچە ھەتتا پۈتۈن مەملىكىتىمىز بويىچە ئالغاندىمۇ، ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمقىي جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىسى ھېسابلىنىدۇ.
بۇ ئىككى جەسەت ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان تۈرلۈك نەرسىلەر ئەجداتلىرىمىزنىڭ جىسمانىي ئالاھىدىلىكىنى، شىنجاڭنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، يۇڭ توقۇمىچىلىق، ھۈنەر-سەنئەت قاتارلىقلىرىنى تەتقىق قىلىشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
جەسەت تېپىلغان قەۋرىستانلىقتىكى قەۋرىلەر ناھايىتى پۇختا ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، قۇم دۆۋىسىنىڭ ئۈستىدىن بىر- بىرىگە كىرىشتۈرۈپ تىزىلغان يەتتە قات يۇمۇلاق ياغاچ ۋە ھارۋا چاقىنىڭ شادىسىغا ئوخشاش تىزىلغان يۇمۇلاق شەكىلدە ياغاچلار كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆرنىڭ شەكلى ئاساسەن ئۈچ خىل بولۇپ، جەسەت بىلەن ھەر خىل نەرسىلەر بىللە قوشۇپ كۆمۈلگەن. جەسەت قېزىۋېلىنغان گۆرنىڭ ئىككى بېشىغا بىردىن ياغاچ قويۇلغان بولۇپ، يەر ئۈستىدىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ. گۆر تىك قىلىپ قېزىلغان، جەسەتلەر ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان. گۆر ئۈستى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە قوي تېرىسى ۋە ئەخلەت ئالىدىغان شازا شەكىلدىكى چىغ توقۇلما يېپىلغان. جەسەت ناھايىتى يىرىك، قوپال توقۇلغان يۇڭ توقۇلما رەختكە ئورالغان بولۇپ، ئۆز پېتى ساقلانغان. ئايال جەسەتنىڭ بېشىغا كىگىز تەلپەك كىيگۈزۈلگەن. ئۇنىڭ ساغۇچ ئۇزۇن چېچى دولىسىغا چۈشۈپ تۇرىدۇ. كۆزلىرى بۇلاقتەك، كىرپىكلىرى ئۇزۇن، ئاغزى ئويماقتەك، بۇرنى قاڭشارلىق بولۇپ، بەكمۇ چىرايلىق ئىدى. جەسەت بىلەن بىللە قېزىۋېلىنغان نەپىس توقۇلغان چىغ سۆۋەتلەرنىڭ ئىچىگە زىرائەت دانلىرى سېلىنغان بولۇپ، بۇ دانلار ۋاقىتنىڭ ئۆتىشى بىلەن چىرىپ، ئۇنغا ئايلىنىپ كەتكەن.
بالا جەسىتى بىلەن بىللە كۆمۈلگەن چىغ سۆۋەتتىن ئۆز پېتى ساقلىنىپ قالغان بۇغداي چىققان. مۇشۇ قەۋرىستانلىقتىكى باشقا قەۋرىلەردىن تاش قوراللار، ياغاچ ئەسۋابلار، سەدەپ مارجان، تاش مارجان، ياغاچتىن ئويۇلغان ئادەم ھەيكىلى ۋە ھەر خىل ھايۋانات سۆڭىكى قاتارلىق يۇقۇرى ئىلمىي قىممەتكە ئىگە مەدەنىي بۇيۇملار قېزىۋېلىندى.
يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان، ئىككى جەسەت ھەققىدىكى مەلۇمات دۇنيا جامائەتچىلىكىنى ھەيران قالدۇرىدۇ، چۈنكى ئۇ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەسلى ئانا ماكانى، ئىرقىي كېلىپ چىقىشى، مەدەنىيىتى قاتارلىق جىددىي مەسىلىلەرگە قايىل قىلارلىق دەرىجىدە جاۋاب بېرىدۇ.
6412 يىل بۇرۇن ئۇيغۇر ئايال بىلەن بالىنىڭ لوپنۇر ئەتىراپىغا دەپىن قىلىنىشى ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ ناھايىتى ئۇزاق تارىخىي دەۋردىن تارتىپ شىنجاڭدا ياشاپ كەلگەنلىكىنى ۋە بۇندىن 10 مىڭ يىللار ئىلگىرى، قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن بىر قىسىم ئۇيغۇرلار ئۆزىگە يېقىن بولغان ھازىرقى ئىچكى، تاشقى موڭغۇلغا، بايقال كۆلىنىڭ بويلىرىغا كۆچۈپ بارغانلىقىنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغان پولاتتەك پاكىت.
لوپنۇر ئەتىراپىدىن تېپىلغان ياش ئايال بىلەن بالىنىڭ جەسىتى ھەققىدىكى مەلۇماتتا «بۇلار ھازىر ئاپتونوم رايونىمىز ۋە مەملىكەت بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى؛ شۇنداقلا دۇنيا بويىچىمۇ ھازىرغىچە تېپىلغان قەدىمقىي جەسەتلەر ئىچىدە ئەڭ بۇرۇنقى جەسەت ئۈلگىسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دېيىلگەن.
دۇنيا تارىخىنى ۋاراقلاپ كۆرىدىغان بولساق، ھازىرغىچە دۇنيادا مەدەنىيەت ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي دەپ ھېسابلىنىۋاتقان ئافرىقىدىكى نىل دەرياسى ۋادىسىدىن تېپىلغان ئېھراملار (پرامىدالار) ئىچىدە ئەڭ قەدىمقىي ئېھرام دەپ تونۇلغىنى بۇندىن 5500 يىل بۇرۇن ياسالغان بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىگە مىسىر پادىشاھلىرىنىڭ جەسىتى دەپىن قىلىنغان. مانا شۇ جەسەتلەر ھارىزغىچە دۇنيادا تېپىلغان جەسەتلەرنىڭ ئەڭ قەدىمقىسى ھېسابلىنىپ كەلگەن. لېكىن لوپنۇردا تېپىلغان جەسەت ئۇنىڭدىن 912 يىل كونا. شۇنداق بولغاندا، دۇنيا تارىخىي بۇندىن كېيىن دۇنيادا مەدەنىيەت ئەڭ بۇرۇن باشلانغان جاي مىسىردىكى نىل دەرياسى بويلىرى ئەمەس، ئاسىيادىكى تارىم دەرياسى بويلىرى دەپ يېزىشقا تامامەن ھەقلىق.
يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان جەسەت ھەققىدىكى مەلۇماتتا يەنە «گۆر تىك قىلىنىپ قېزىلغان، جەسەتلەر ئوڭدىسىغا ياتقۇزۇلغان. تۆت ئەتىراپى ياغاچلار بىلەن توساپ قويۇلغان، گۆر ئۈستى ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلغان» دېيىلگەن.
گۆر ئۈستىنىڭ ياغاچ تاختاي بىلەن يېپىلىشى ئاتا-بوۋىلىرىمىزنىڭ شۇ دەۋرلەردىلا تۆمۈر قورال، ھېچ بولمىغاندا مىس قوراللارنى ئىشلەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ. چۈنكى ياغاچنى تاش قورال بىلەن چاناپ ياختاي قىلغىلى بولمايدۇ. ئۇنى تۆمۈر پالتا، تۆمۈر ھەرە ياكى مىس پالتا، مىس ھەرە بىلەنلا تاختاي ھالىتىگە كەلتۈرۈش مۇمكىن.
جەسەتنىڭ يۇڭ رەخت بىلەن كېپەنلىنىشى، ياغاچ تاختاي، چىغ سۆۋەت ۋە سۆۋەت ئىچىدە بۇغداينىڭ ساقلىنىشى تارىم ۋادىسىدا مەدەنىيەتنىڭ ناھايىتى قەدىمقىي چاغلاردىن تارتىپ باشلىنىپ، ئاتا- بوۋىلىرىمىزنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق، قول ھۈنەرۋەنچىلىك بىلەن شوغۇللانغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.
خۇلاسە قىلغاندا، لوپنۇر ئەتىراپىدىن تېپىلغان جەسەتلەر ۋە باشقا بۇيۇملار تارىخچى مورگاننىڭ «دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ ئاچقۇچى تارىم دەرياسى تۈزلەڭلىكى ئاستىدا كۆمۈكلۈكتۇر، قاچانكى بۇ ئاچقۇچ تېپىلىدىكەن، دۇنيا مەدەنىيىتىنىڭ سىرى مەلۇم بولغۇسىدۇر» دېگەن ھۆكۈمىنىڭ توغرىلىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
مىلادى 2- ئەسىردە ياشىغان يۇنان ئالىمى پتولومى ئۆزىنىڭ 10 توملۇق «جۇغراپىيە» ناملىق ئەسىرىدە، ھازىرقى تارىم دەرياسى ۋادىسىدىكى ئاساسىي يەرلىك خەلقلەرنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ھايات پائالىيىتى، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەبىئىي شارائىتلىرى (تاغ- دەريالىرى) ھەققىدە خېلى تەپسىلى مەلۇمات بەرگەن.
«ۋېي يىلنامىسى، ئىگىز ھارۋىلىقلار ھەققىدە قىسسە»، «ۋېي يىلنامىسى، جۇجانلار ھەققىدە قىسسە» باپلىرىدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، مىلادى 4- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ شەرقىي قىسمىدا ياشايدىغان، ياۋرۇپا تارىخچىلىرى ئاۋارلار دەپ ئاتايدىغان جۇجانلار باش كۆتەردى. جۇجانلار مانجۇ-موڭغۇل نەسلىگە مەنسۇپ بولۇپ، بىرنەچچە ئەسىر يەنى مىلادىدىن بۇرۇنقى 3- ئەسىردىن مىلادى 1- ئەسىرگىچە ھۇن ئىمپىراتورلۇقىنىڭ تەركىبىدە تۇرغانلىقتىن، ئۇلار تۈركلەشكەن خەلق ئىدى. مانا شۇ جۇجان تۈركلىرىنىڭ قاغانى مىلادى 400- يىللىرى، تاشقى موڭغۇلدىكى ئۇيغۇرلارنى، ئالتايدىكى تۈركلەرنى بويسۇندۇرۇپ، ئۇلارنىڭ كۈچى بىلەن تېخىمۇ قۇدرەت تاپتى. ئۇيغۇرلار جۇجان قاغانلىقىنىڭ قولىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتەشكە مەجبۇر قىلىنغان بولسا، ئالتايدىكى تۈركلەر جوجانلار ئۈچۈن ھەربىي قورال ياساپ بېرىشكە مەجبۇر قىلىنغان. چۈنكى ئالتاي تۈركلىرى مېتال ئېرىتىپ تۈرلۈك ھەربىي قوراللارنى ياساشقا ئۇستا ئىدى. ئەينى ۋاقىتتىكى جۇجان قاغانلىقىنىڭ زىمىنى غەربتە ھازىرقى قاراشەھەرنىڭ شىمالىغىچە، شەرقتە چاۋشيەننىڭ غەربىي قىسمىغىچە، شىمالدا تاشقى موڭغۇلنىڭ شىمالىغىچە، جەنۇپتا ئىچكى موڭغۇلنىڭ جەنۇبىغىچە سوزۇلغان، ئۇنىڭ پايتەختى ھازىرقى گەنسۇ (كەڭسۇ) ئۆلكىسىنىڭ جاڭيى ناھىيىسىنىڭ شىمالىدا ئىدى.
مىلادى 487- يىلى، تاشقى موڭغۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى بورىكلى قەبىلىسىنىڭ (بوكلىكلەر) خانى ئاي ئوجرونىڭ يېتەكچىلىكىدە جۇجانلارغا قارشى ئىسيان كۆتۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ شىمالىي قىسمىغا (جۇڭغار ئويمانلىقىغا) قاراپ كۆچكەن. جوجان قاغانى تولۇن خان ۋە ئۇنىڭ تاغىسى ئايناغاي خانلار ئۇيغۇرلارنىڭ كەينىدىن قوغلاپ شىنجاڭغا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار تولۇن قاغان بىلەن ئايناغاينى تارمار كەلتۈرگەن. مىلادى 487- يىلى شىنجاڭغا كۆچۈپ كەلگەن ئۇيغۇرلار شۇ جايدىكى قېرىنداشلىرى بىلەن بىرلىشىپ، تارىختا «ئىگىز ھارۋىلىقلار» 高车 خانلىقى دەپ نام ئالغان ئۇيغۇر خانلىقىنى (487- يىلىدىن 546- يىلىغىچە ھۆكۈم سۈرگەن) قۇرغان. 59 يىل ھۆكۈم سۈرگەن بۇ خانلىقنىڭ پايتەختى ماناس ئەتىراپىدا بولۇپ، زىمىنى شىمالدا ئالتاي، شەرقتە قۇمۇل، غەربتە ئىلى ۋادىسى، جەنۇپتا قاراشەھەر، لوپنۇر ئەتىراپلىرىغىچە سوزۇلغان. بۇ خانلىق ئۆزىگە چېگرىداش بولغان شىمالدىكى جوجانلار بىلەن، جەنۇبتا ئاق ھونلار بىلەن، لوپنۇر ئەتىراپىدا تاڭغۇتلار بىلەن (تىبەت خانلىقى) دائىم ئۇرۇشۇپ تۇرغان.
موڭغۇلىستاندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ مىلادى 487- يىلى شىنجاڭغا كۆچۈپ كېلىشى پەقەت ئۆز قېرىنداشلىرىنىڭ قوينىغا، ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىشتىنلا ئىبارەت.
خۇلاسە قىلغاندا، يۇقۇرىدىكى پاكىتلار ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ قەدىمقى چاغلاردىن تارتىپ، شىنجاڭنىڭ ئەڭ ئاساسىي يەرلىك خەلقى ئىكەنلىكىنى، شىنجاڭنىڭ ئەزەلدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ماكانى ئىكەنلىكىنى، ئونمىڭ يىللار بۇرۇن يۈز بەرگەن قۇرغاقچىلىق تۈپەيلىدىن، ئۇيغۇرلارنىڭ بىر قىسمى ھازىرقى تاشقى موڭغۇلدىكى ئورخۇن، سىلىنگا دەرياسى ۋادىلىرىغا، بايقال كۆلى ئەتىراپىغا كۆچۈپ بېرىپ ماكانلاشقان بولسىمۇ، تۈرلۈك تەبىئىي، ئىجتىمائىي، سىياسىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، شىنجاڭغا – ئۆز قېرىنداشلىرى قوينىغا، ئانا ماكانىغا قايتىپ كېلىپ، ئالتاي، يەتتە سۇ (ھازىرقى قازاقىستانغىچە)، تەڭرى تاغ ئېتەكلىرى، ھەتتا كوئىنلون باغرىغىچە، دۇڭخۇاڭ، چىليەنشەن، گەنسۇ ئەتىراپلىرىغىچە ماكانلاشقانلىقىنى تولۇق ۋە قايىل قىلارلىق ھالدا ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. 8- ئەسىردە، ئورقۇن ئۇيغۇر دۆلىتىنىڭ تەبىئىي ئاپەت، ئىچكى-تاشقى ئۇرۇش-تالاش سەۋەبىدىن پايتەختنى شىنجاڭغا كۆچۈرگەنلىك توغرىسىدىكى پاكىتنى قوشقاندا، بۇ ئىسپاتنى تېخىمۇ زور ئاساس بىلەن تەمىنلەيدۇ.
دېمەك ئۇيغۇرلار قەدىمقىي دەۋرلەردە ئەنە شۇنداق كەڭ زىمىننى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالتۇن دىياردا ياشىغان ئىدى.

ئۇيغۇر تىلى
ۋەتىنىمىز كۆپ مىللەتلىك مەملىكەت بولغىنى ئۈچۈن، تىل سىستېمىسىمۇ خىلى كۆپ. كونكىرت قىلىپ ئېيتقاندا، خەنزۇ-زاڭزۇ تىل سىستېمىسى، ئالتاي تىل سىستېمىسى، ئاۋسترو- ئاسىيا تىل سىستېمىسى، جەنۇبىي ئاسىيا تىل سىستېمىسى، ھىندى-ياۋرۇپا تىل سىستېمىسى قاتارلىق بەش خىل تىل سىستېمىسىغا مەنسۈپ 80 خىلدىن كۆپرەك تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەت ۋە خەلق ياشايدۇ.
ئالتاي تىللىرى سىستېمىسى ناھايىتى چوڭ تىل سىستېمىسى، ئۇ تۈركىي تىللار تۈركۈمى، موڭغۇل تىلى تۈركۈمى، مانجۇ-توڭگۇس تىلى تۈركۈمى ۋە چاۋشيەن، ياپون تىلى تۈركۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شۇنداقلا بۇ تىل سىستېمىسى ئورال تىل سىستېمىسىغا كىرىدىغان ئوگۇر-فىن ۋە سامودى تىللىرى تۈركۈمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھالدا تېخىمۇ زور ئورال- ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنى تەشكىل قىلىدۇ. ھازىر دۇنيادا مۇشۇ تىل سىستېمىسىدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى تەخمىنەن 200 مىليون ئەتىراپىدا بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن ئاسىيا ۋە ياۋرۇپانىڭ شەرقىي شىمالىي قىسمىدا ياشايدۇ. ئۇيغۇر تىلى ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار، يوغۇر (سېرىق ئۇيغۇر)، سالار، نوغاي، تۈركمەن، تۈرك، ئەزەربەيجان، باشقۇرت، قارا قالپاق، قومىق، تۇخار، خاكاس، چۇۋاش، ياقۇت، قارايىم، قاراچاي، شور، ئاباقان، تىلىۋوت، تورا، قۇندۇم، كوماندى، قويبول، كورىك، سۇيۇت، ساغاي، بارابا، قاچا، لىبىد قاتارلىق تىللار بىلەن بىر قاتاردا تۈركىي تىللار تۈركۈمىگە مەنسۇپ بولۇپ، تۈركىي تىللار تۈركۈمىنىڭ شەرقىي تۈركىي تىللار تارمىقىغا مەنسۈپ بىر خىل تىل.
دۇنيا تۈركشۇناس ئالىملىرى تۈركىي تىللار شەكىللىنىش تارىخىنى مۇنداق 6 دەۋرگە بۆلىدۇ:
(1) ئالتاي دەۋرى: بۇنىڭ يىل ھېسابى ئېنىق ئەمەس. ئالىملارنىڭ ئىلمىي پەرىزىچە، مىلادىدىن بۇرۇنقى خېلى ئۇزاق بىر تارىخىي دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(2) ھون دەۋرى: مىلادىدىن بۇرۇنقى 5- ئەسىردىن مىلادى 3- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(3) قەدىمقى تۈركىي دەۋرى: مىلادى 5- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(4) ئوتتۇرا تۈركىي دەۋرى: يەنى تۈركىي تىللارنىڭ تەرەققى قىلىپ بىر بىرىدىن پەرق قىلىپ، ئايرىم شەكىللىنىشكە باشلىغان دەۋرى بولۇپ، مىلادى 10- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(5) يېڭى تۈركىي دەۋرى: تۈركىي خەلقلەرنىڭ تىلى شەكىللىنىپ، مۇستەقىل تەرەققى قىلىشقا باشلىغان دەۋرى بولۇپ، مىلادى 15- ئەسىردىن 20- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
(6) ئەڭ يېڭى دەۋر: بۇ ئۆكتەبىر سوتسىيالىستىك ئىنقىلابى دەۋرىدىن باشلىنىدۇ. يۇقۇرىدىكى ئىز بىلەن ئۇيغۇر تىلىنى تەكشۈرگەندە، تۆۋەندىكى جەرياننى كۆرگىلى بولىدۇ:

(1) ئالتاي دەۋرىدە، مانجۇ- توڭگوس (سىيانپىي) گۇرۇپپىسى بىلەن موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسى ئايرىلىپ، مۇستەقىل ئىككى تىل گۇرۇپپىسى شەكىللىنىشكە باشلىغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىنى تەكشۈرگەندە، موڭغۇل تىلىدىن تۈركىي قەبىلىلىرىنىڭ تىلىمۇ ئايرىلىپ چىقىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان. موڭغۇل، تۈركىي تىل گۇرۇپپىسىدىن ئەڭ ئالدى بىلەن ئايرىلىپ چىقىپ شەكىللىنىشكە باشلىغان تىل ئۇيغۇر قەبىلىلىرىدىن ئوگور (ئوغۇر)، قوتورغور (قوتتاغور)، ساراگور (ساراغۇر) لارنىڭ تىلى. كېيىنرەك ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى شەكىللىنىشكە باشلىغان.
(2) ھون دەۋرىدە، تۈركىي قەبىلىلەر ئۇزاققىچە بىر-بىرى بىلەن ئارىلىشىپ ياشاپ، ئۈچ تىل گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى: پۈتۈن ئۇيغۇر قەبىلىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ نەسىللىرى بىرلىشىپ قارلۇق، ئوغۇر تىلى گۇرۇپپىسىنى شەكىللەندۈردى؛ ئوغۇر تىلى گۇرۇپپىسى شەكىللەندى؛ قىپچاق تىلى گۇرۇپپىسى شەكىللەندى.
(3) قەدىمقى تۈركىي دەۋرىدە يەنى 5- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە تۆۋەندىكى ئۈچ دەۋرنى بېشىدىن كەچۈردى: توكيو دەۋرى (5- ئەسىردىن 8- ئەسىرگىچە بولغان كۆك تۈرك دەۋرى)؛ قەدىمقى ئۇيغۇر دەۋرى: 8- ئەسىردىن 9- ئەسىرگىچە)؛ قەدىمقى قىرغىز دەۋرى: (9- ئەسىردىن 10- ئەسىرگىچە).
(4) ئوتتۇرا تۈركىي دەۋرى. 10- ئەسىردىن 15- ئەسىرگىچە ۋاقىتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تۈركىي تىللار رەسمىي شەكىللىنىپ، تەرەققى قىلىش باسقۇچىغا كىرگەن بۇ دەۋر سىياسىي كۈچلەر نۇقتىسىدىن ئېيتقاندا، مۇنداق ئىككى دەۋرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ: قاراخانىلار دەۋرى (10- ئەسىردىن 12- ئەسىرگىچە)؛ موڭغۇل چىڭگىزخان ۋە ئۇنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ دەۋرى.
10- ئەسىردە، قۇدرەت تاپقان ياغما قەبىلىلەر ئىتتىپاقىنى ئاساس قىلىپ ئالدىن بالاساغۇن، كېيىن قەشقەرنى مەركەز قىلغان ھالدا كۈچلۈك قاراخانىلار دۆلىتى قۇرۇلدى. قاراخانىلار پۈتۈن ماۋرائۇننەھرى ۋادىسىنى ۋە سامانىلار (ئىرانلىقلار) غا تەۋە بولغان غەربتىكى بۇخارا، سەمەرقەنتلەرنىمۇ ئۆز ئىلكىگە كىرگۈزدى. ئۇ ئۇششاق فېئودال ئۇيغۇر خانلىقلىرىنى ۋە ئامۇ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرا ئېقىمدىكى 10- ئەسىردە ئىسلام دىنىنى قوبۇل قىلغان مەدەنىيەتلىك تۈركىي ۋە ئىران خەلقلىرىنىمۇ ئۆزىگە بويسۇندۇردى. بۇ مەزگىلدە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي ئەدەبىي تىل ئىككى مەركەزنى ئاساس قىلغان خاراكتېرگە ئىگە ئىدى:
1) قاغانىلار تىلى (قاغانىيە تىلى) بولۇپ، بۇ قارلۇق-ئۇيغۇر تىلى. بۇ تىل پۈتۈن غەربىي ۋە شەرقىي ئاسىيادا ئەدەبىي تىلنىڭ شەكىللىنىشىگە تەسىر كۆرسەتكەن.
2) قارلۇق-خارازىم تىلى. بۇ تىل قاراخانىلارنىڭ ئەدەبىي تىلى بولغان قارلۇق-ئۇيغۇر تىلى (قاغانىيە تىلى) تەسىرىدە مەيدانغا كەلگەن بولۇپ، خارازىم ئوبلاستىدا موڭغۇل ئىستىلاسىغىچە ئۈلگە بولۇپ كەلگەن. موڭغۇل ئىستىلاسىدىن كېيىن خارازىمنى مەركەز قىلغان جۇجى ئۇلۇسى (پۇقراسى) «ئالتۇن ئوردا» ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ۋە چاغاتاي ئۇلۇسىنىڭ غەربىي قىسمىنىڭ ئەدەبىي تىلىنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس سالدى. لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسى يېزىق جەھەتتىن قەدىمقى ئۇيغۇر ئېلىپبەسىنى، قىسمەن ئەرەب ئېلىپبەسىنى ئىشلەتتى. ئەمما يازما ئەدەبىي يادىكارلىكلىرىدا قارلۇق-ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلەتتى. يۇقىرىقىلار ئۇيغۇر تىلىنىڭ شەكىللىنىشىنىڭ قىسقىچە جەريانىدۇر.
ئۇيغۇر قەبىلىلىرى مىلادىدىن 3 ئەسىر بۇرۇنلا ھۇن ئىتتىپاقىغا كىرگەن. ھون ئىتتىپاقىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغۇچى قارلۇق قەبىلىسى قارلۇق-ئۇيغۇر تىلىنى شەكىللەندۈرۈپ، قاراخانىلار دۆلىتىنىڭ «قاغانىيە تىلى» نىڭ ئاساسىنى ياراتقان ھەمدە ئوتتۇرا ئاسىيادا شەرق ۋە غەرب ئەدەبىي تىللىرىنى شەكىللەندۈرگەن. ئەڭ ئاخىرى يېڭى زامان ئۇيغۇر تىلى ۋە ئۆزبېك تىللىرىنىڭ ئاساسىي بولۇپ قالغان قارلۇق-ئۇيغۇر تىلى ھۇن تىلىنىڭمۇ ئاساسىي دېگەن ھۆكۈمگە ئېلىپ كېلىدۇ.
تارىخىي پاكىتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر ئەجداتلىرىنىڭ بىر قىسمى ئەڭ قەدىمىي چاغلاردا ھازىرقى تاشقى موڭغۇلنىڭ ئورخۇن، توغلا دەريالىرى ۋادىسىدا ياشىغانلىقى ناھايىتى ئېنىق. مانا شۇلارنىڭ ئورخۇن دەرياسىنىڭ «خۇن» دەپ ئاتىلىدىغان بىر تارمىقىنىڭ بويىدا ياشىغانلىرى ئۆزلىرىنى ئاشۇ دەريانىڭ نامى بىلەن «خۇن» دەپ ئاتاشقان ئىكەن. بەزى تۈركشۇناسلار «ھۇن» سۆزى ئەنە شۇ «خۇن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېيىشىدۇ. يەنە شۇنىمۇ ئېيتىپ ئۆتۈش لازىمكى، ھازىرقى تۈركشۇناسلارنىڭ بىر قىسمى قەدىمقى چاغلاردا شامان دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ئۇيغۇرلارنىڭ ئاتا-بوۋىلىرىنىڭ بىر قىسمى ئۆزلىرىنى «كۈن» دەپ ئاتاشقان. چۈنكى شامان دىنى كۆپ خۇدالىق دىن بولۇپ، ئۇنىڭدا كۈن تەڭرىسى ئاساسلىق تەڭرى ئىدى، ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلىش ناھايىتى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى. «ھۇن» سۆزى ئەنە شۇ «كۈن» سۆزىدىن كېلىپ چىققان دېيىشىدۇ. قانداق بولمىسۇن، يۇقۇرىدا تىلغا ئېلىنغان ئىككى خىل ھۆكۈمنىڭ بىرى توغرا دېيىلگەندىمۇ، «ھۇن» دېگەن نامنىڭ كېلىپ چىقىشىنى ئىسپاتلىغىلى بولىدۇ.
ھازىرقى زامان تۈركولوگلىرى ئۆز تەتقىقاتلىرىدا ئەنە شۇ ھۇنلارنىڭ تىلى ئۇيغۇرلارنىڭ تىلى ئىگەنلىكىنى ئىسپاتلىماقتا. شۇ نەرسە ئېھتىمالغا ناھايىتى يېقىنكى، تىل تارىخنىڭ شەكىللىنىشىدە «ھۇن تىلى» دېگەن ئىبارىنى زادى ئۇچراتمايمىز. ئەكسىچە ئۇنىڭ ئىتتىپاقىنىڭ ئەڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى تەشكىل قىلغان، ئۇنىڭ قان قېرىندىشى بولغان ئۇيغۇرلار ۋە ئۇنىڭ قەبىلىلىرىنىڭ تىل تارىخىنىڭ شەكىللىنىشى ۋە ئۇنىڭ بۇ جەرياندا تۇتقان ئورنى، رولى توغرىسىدا يېتەرلىك پاكىتلارنى تاپالايمىز.
خۇلاسە قىلغاندا، ئۇيغۇر تىلى ئالتاي تىللىرى سىستېمىسىنىڭ شەرقىي تۈرك تىلى قارمىقىدىكى ناھايىتى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە تىل بولۇپ، ھەر قايسى تارىخىي دەۋرلەردىن بېرى تەرەققى قىلىپ، مۇكەممەللىشىپ، بېيىپ كەلدى. نەچچە مىڭ يىللىق تارىخىي تەرەققىيات جەريانىدا، تىلنىڭ فونېتىكا سىستېمىسى، لۇغەت تەركىبى ھەم گرامماتىكىلىق قۇرۇلىشىدا كۆپلىگەن يېڭىلىنىش، تولۇقلىنىش، قېلىپلىشىش بارلىققا كەلگەن بولسىمۇ، لېكىن بۇ تىلنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ۋە خۇسۇسىيەتلىرى ئۇزاق تارىخىي دولقۇنلارنى يېرىپ ئۆتۈپ، ئۆزىنىڭ ياراتقۇچىسى بىلەن بىللە ساقلىنىپ تەرەققى قىلدى. زاماننىڭ ئۆتىشى بىلەن ئىپادىلەش ئۈنۈمى ئۆسۈپ، شەيئىلەر تەرەققىياتىنىڭ ئەڭ نازۇك، ئەڭ ئىنچىكە، ئەڭ مۇرەككەپ، ئەڭ چوڭقۇر جەريانلىرىنى تولۇق ئىپادىلەپ بېرەلەيدىغان نەپىس، پاساھەتلىك (سەنئەتلىك)، باي تىلغا ئايلىنىپ، دۇنيادىكى تارىخىي ئەڭ كونا، لۇغەت تەركىبى بىر قەدەر باي تىللارنىڭ بىرى بولۇپ قالدى، ئۇلۇغ ئۇيغۇر ئالىمى مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆلمەش ئەسىرى «تۈركىي تىللار دىۋانى» بۇنىڭ جانلىق پاكىتى.

مەنبە: ئۇيغۇر ئاكادىمىيسى