رەئىسىمىز

رابىيە قادىر خانىمنىڭ قىسقىچە بىئوگرافى

رابىيە قادىر خانىم ئۇيغۇرلارنىڭ تۇنۇلغان ۋە ئېتراپ قىلىنغان لىدىرى، ھەم ئۇيغۇر مىللى ھەركىتىنىڭ يول باشچىسى. رابىيە قادىر خانىم 1946 -يىلى 11-ئاينىڭ 15 – كۈنى، شەرقى تۈركىستاننىڭ ( ئۇيغۇرىستان ، ياكى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى ) ئالتاي شەھرىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 19 ياش ۋاقتىدىن تارتىپ ئۆز خەلقىنىڭ كىشىلىك ھۇقۇق دەپسەندىچىلىكى ، مىللى كىملىكى،  شەرقى تۈركىستان خەلقى ئۇچراۋاتقان ناھەقچىلىقلارنى چۈشىنىپ يېتىشكە باشلىغان ، ۋە ھەرخىل ئۇسۇللار بىلەن زۇلۇمغا قارشى يۇشۇرۇن ھەم ئاشكارا پائالىيەتلەر  ئارقىلىق كۈرەش قىلىپ كەلگەن. ئەينى يىللاردا رابىيە قادىر خانىم  شەرقى تۈركىستاندىكى سىياسى ۋە ئىجتىمائى پائالىيەتلەردە ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبەر، شۇنداقلا 90- يىللارنىڭ ئوتتۇرلىرىدا جۇڭگو بۇيىچە يەتتىنچى چوڭ باي قاتارىغا تىزىلغان، مۇۋاپىقىيەت قازانغان بىر شىركەت ساھىبى. شەرقى تۈركىستاندىكى ( يەنى جۇڭگونىڭ غەربى شىمالىدىكى ئاتالمىش شىنجاڭ ئۇيغۇر رايۇنى) ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھەق- ھۇقۇقلىرىنى تەشەببۇس قىلغان رابىيە قادىر خانىم، ئۈرۈمچىدە مىليونلارچە دوللار قىممىتىدىكى سودا ۋە تىجارەت شىركىتىنى قۇرۇپ چىققان، قىيىنچىلىقى بار ئۇيغۇرلارغا، بۇلۇپمۇ ئاياللار ۋە بالىلارغا ياردەم قىلىش، ئۇلارغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن نۇرغۇن كۈچ چىقارغان. 1997 – يىلى دېكابىردا يەنە رابىيە قادىر خانىم ئۈرۈمچىدە، ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلىشىگە ياردەم قىلىش ئۈچۈن «مىڭ ئانا پائالىيىتى» نى باشلىغان.

ئەينى يىللاردا رابىيە قادىر خانىم خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدە خەلق ۋەكىلى ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، شىركەتچىلەر جەمىيىتىنىڭ باش رەئىسى ۋە باشقا ئىجتىمائى ئۇرۇنلاردا، شۇنداقلار 1995 -يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ 4- نچى قېتىملىق ئاياللار قۇرۇلتىيى يىغىنىدا ۋەكىل بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. دەسلەپتە رابىيە قادىر خانىم نەتىجىلىك ۋە قۇلى ئوچۇق كارخانىچىنىڭ ئۈلگىسىنى تىكلىگەن بولسا، كېيىن خىتاي ھۆكمىتىنى شەرقى تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن خەلقنىڭ مەدەنىيەت ۋە دىنى ئېتىقادىغا بولغان باستۇرۇش، كەمسىتىش سىياسىتىنى ئۆزگەرتىشكە چاقىرىق قىلغاندىن باشلاپ خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن يامان كۆرۈلۈشكە باشلىدى.
1997 – يىلى رابىيە قادىر خانىمنىڭ خەلق قۇرۇلتىيى ۋە سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشىدىكى ۋەكىللىك ئورنى ئېلىپ تاشلىنىپ، چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن. 1999 – يىلى رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدىن شەرقى تۈركىستاندىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرىنى تەكشۈرۈش مەقسىتىدە بارغان بىر ۋەكىل ئۆمىكى بىلەن كۆرۈشكىلى ماڭغان يولدا قولغا ئېلىندى. 2000 – يىلى مارت ئېيىدا بەزى مەخپىي سوت نەتىجىسىدە سەككىز يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى. قاراڭغۇ زىنداندىكى 2 يىل جەرياندا، رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىكى مەھبۇسلارغا يۈرگۈزۈلگەن قىيىن – قىستاق ۋە خورلۇقلارغا شاھىت بولدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ مەسىلىسى خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى شۇنداقلا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئورۇنلارنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىدى. 2004- يىلى كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى رابىيە قادىر خانىمغا ئەڭ يۇقىرى كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتى بەردى. نورۋېگىيەدىكى رافتو فوندى جەمئىيىتىمۇ رافتو مۇكاپاتىنى تەقدىم قىلدى. ئارقىدىن، 2005- يىلى 17 – مارت كۈنى، يەنى دۆلەت ئىشلىرى سېكرېتارى رايس بېيجىڭغا رەسمىي زىيارەتكە بېرىشتىن ئۈچ كۈن بۇرۇن، رابىيە قادىر خانىم تۈرمىدىن قۇيۇپ بېرىلدى، شۇنداقلا داۋالىنىش نامى بىلەن ئامېرىكىغا ئەۋەتىلدى. ئامېرىكادا رابىيە قادىر خانىم سىياسىي پاناھلىق سالاھىيىتى بىلەن تۇرۇپ قالدى.

رابىيە قادىر خانىمنىڭ پەرزەنتلىرى ۋە باشقا ئائىلە ئەزالىرى، خانىمنىڭ ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق داۋاسى تۈپەيلى خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن داۋاملىق تەقىب قىلىش ۋە جازالاشقا ئۇچرىدى. رابىيە قادىر خانىمنىڭ يولدىشى (پىشقەدەم مائارىپچى، پروفېسور سىدىق ھاجى رۇزى ) ياش ۋاقتىدا زۇلۇم ۋە مۇستەملىكچىلىككە قارشى ھەكىتى تۈپەيلى 21 يېشىدىن 31 يېشىغىچە تۈرمىدە ياتقان. رابىيە قادىر خانىم قولغا ئېلىنغاندىن تارتىپ ھازىرغىچە، ئوغلى ئابلىكىم 12 يىل، يەنە بىر ئوغلى ئالىم 7 يىل تۈرمە جازاسىنى بېشىدىن كەچۈردى. جەمى 31 نەپەر ئائىلە ئەزاسى ۋە يۈزگە يېقىن تۇغقانلىرى ئۆيىدە يۇمشاق رېجىمغا ئېلىنىش، سىرتلاردا بولسا تەقىب قىلىنىشقا دۇچ كەلدى. بۇلار ئۇچرىغان جازا رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالماقتا.

رابىيە قادىر خانىم ئامېرىكىغا كەلگەندىن باشلاپ، ئاكتىپ ھالدا  كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپ كەلدى. 2006 – يىلىدىن باشلاپ ئارقا – ئارقىدىن 5 قېتىم نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئۈچۈن نامزات قىلىپ كۆرسىتىلدى . ئۇنىڭدىن باشقا يەنە  تام لانتوس كىشىلىك ھۇقۇق مۇكاپاتى ۋە باشقا ھەر تۈرلۈك كىشىلىك ھۇقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن جەمى 6 قېتىم خەلقئارالىق كىشىلىك ھۇقۇق مۇكاپاتى بىلەن تەقدىرلەندى. ئۇ كەڭ دائىرىدە » ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى»، شۇنداقلا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ  سىياسى تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك  مۇھىم لىدىرى سۈپىتىدە تونۇلۇپ كەلمەكتە.

2005- يىلى سېنتەبىر ئېيىدا رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتوندا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى، بولۇپمۇ شەرقى تۈركىستاندىكى ئاياللار ۋە بالىلارنىڭ ھەق ھوقۇقلىرىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغان خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىك فوندى جەمئىيىتىنى قۇرۇپ چىقتى. 2006 – يىل نويابىردىن 2011 -يىلغىچە رابىيە قادىر خانىم يەنە، دېموكراتىك ۋە تىنچلىق يولى بىلەن ئۇيغۇر خەلقىنىڭ كەلگۈسى سىياسىي تەقدىرىنى بەلگىلەش ھوقۇقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئامېرىكا ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى. 2006 –  يىلى ، شەرقى تۈركىستان ۋە دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللىرىنىڭ ئورتاق تەشكىلى ئاپپاراتى بولغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىگە سايلاندى. 2017 – يلى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ئالى رەھبەرلىك ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالدى .  2018 -يىلى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئەھۋالنىڭ ئۈزلۈكسىز ناچارلىشىپ بېرىشى ۋە داۋانىڭ كەڭ كۆلەملىك سىستېمىلىق ئېلىپ بېرىلىشىغا بولغان تەلەپنىڭ ئېشىپ بېرىشىدىن ئىبارەت ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىنى كۆزدە تۇتۇپ، قۇرۇلتاينىڭ ئالىي رەھبەرلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىپ، د ۇ ق ۋە بارلىق تەشكىلاتلار بىلەن ئورتاق ھەمكارلىق ئاساسىدا، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى ۋە ئۇيغۇر خەلقىنىڭ لىدېرى سۈپىتىدە داۋا پائالىيىتىنى راۋاجلاندۇرۇپ كەلدى.