شەرقىي تۈركىستان ھەققىدە

 

شەرقى تۈركىستان ئاسىيا- ياۋروپا قۇرۇقلۇقىنىڭ مەركىزىگە جايلاشقان، يەر كۆلىمى 1 مىليۇن 828 مىڭ 418 كۇۋادرات كېلومېتىر بولۇپ، قۇرۇقلۇق چېگرىسى5600 كېلومېتىردىن ئاشىدۇ، ئەتراپى خىتاي، رۇسىيە، قازاقىستان، قېرغىزىستان، تاجىكىستان،  پاكىستان،  موڭغۇلىيە،   ھىندىستان، ئافغانىستان، قاتارلىق 9  دۆلەت بىلەن چىگىرلىشىدۇ. تارىختا شەرقى تۈركىستان قەدىمى يىپەك يۇلىدىكى ئاساسى بىر تۈگۈن بۇلۇشتەك ئالاھىدىلىگى بىلەن دۇنياغا تۇنۇلغان بولسا، ھېلى ھەم بۇ، رايۇننىڭ 2-ئاسىيا- ياۋروپا چوڭ قۇرۇقلۇقىدىكى مۇھىم ئۆتەڭلەرنىڭ بىرى بولۇشتەك سىتىراتېگىيلىك ئورنى بار.
ھازىر شەرقى تۇركىستاندا 14 ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر،88 ناھىيە بار بولۇپ، بۇلارنىڭ 33 چى چىگرا ناھىيە- شەھەرلەردۇر. بۇلاردىن سىرت يەنە شەرقى تۈركىستاندا ئۇ يەرنىڭ ھەر قايسى رايۇنلىرىدىكى تەبىئى بايلىقى مول ۋە ياكى مۇنبەت جايلىرنى تالان تاراچ قىلىشنى ئاساسى نىشان قىلىپ ئىچكىردىن ئىشلەپ چىقىرىش- قۇرۇلۇش بىڭتۈۋەنى نامى ئاستىدا كۆچۈرلۈپ كىلىنگەن ئاتالمىش ئېقىندى بىڭتۈۋەنلەردىن 174 تى بار بولۇپ. بۇ، ئۇرۇنلار ماھىيەتتە خىتاي باسمىچىلىرىنىڭ شەكلى ئۆزگەرتىلگەن ئەسكىرى بازىلىرىنىڭ بىر قىسمىدۇر. چەتئەللەردىكى تەرەپسىز تۈركىلوگلارنىڭ ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ شەرقى تۈركىستان نۇپۇسى ھەققىدىكى تەتقىقات نەتىجىلىرى بىردەك بولمىسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئەمىلى پاكىتلار بىلەن رەسمى ئېلان قىلغان پەرقلىق نۇپۇس سانلىرى، بۇ ھەقتە باسمىچى خىتاي ھاكىمىيتى 2004-يىلى ئېلان قىلغان(8 مىليۇن976 مىڭ 700 ) دىگەن ئۆيدۇرما ساندىن بىر نەچچە ھەسسە يۇقۇرى بولۇپ، يەنى 25 مىليۇندىن 35 مىليۇن ئەتراپىدا ئىكەنلىگى بىلدۈرۈلمەكتە.
شەرقى تۈركىستاندا ئۇزۇن تارىختىن بىرى ئۇ يەرنى گۈللەندۈرۈپ كىلىۋاتقان ئۇيغۇر، قازاق، قېرغىز، تاجىك، ئۆبەك، تاتار، تۈركمەن قاتارلىق تۈركى مىللەتلەردىن بولۇپ يەرلىك يەتتە مىللەت ياشايدۇ، ئۇلاردىن سىرت بۇ زىمىندا، ئۇ يەرگە كۇنسايىن قانۇنسىز ئېقىپ كىرىۋاتقان خىتاي مىللىتىمۇ كۆپ سانلىقنى تەشكىل قىلىپ باسمىچى مىللەت سۈپىتىدە ياشايدۇ.
شەرقى تۈركىستاننى 1949-يىلى جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى بېسىۋالغان ، 1955-يىلى13 سىنتەبىر باسمىچى خىتاي كومۇنىستلىرى ئۇ ۋەتەننىڭ ئىسمىنى (شىنجاڭ )دەپ ئۆزگەرتىپ ئاتىغان. شەرقى تۈركىستان (شىنجاڭ ) جۇڭگۇلۇقلار داۋا قىلغاندەك جۇڭگۇنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمى بولماستىن بەلكى تارىختىن بۇيان ئۆز ئالدىغا مۇستەقىل بىر دۆلەت بولۇپ ياشىغان. ئشەنجىلىك تارىخى پاكىتلارغا كۆرە، شەرقى تۈركىستانلىقلار مىلادىيە932- يىلى ئۆز خاقانلىرى باشچىلىغىدا ئىسلام دىنىغا كىرىپ ئەينى چاغلاردىكى دۇنيا تىنچلىغى ئۈچۈن ئۆچمەس توھپىلەرنى قاتقان. كۆپ ساندىكى شەرقى تۈركىستانلىقلار ئەينى زامانلاردىكى دۆلىتى (شەرقى تۈركىستان) نى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن ھەر خىل تىنىچ ئۇسۇللار بىلەن كۆرەش قىلىدۇ. ئەمما جۇڭگۇ ھۆكۈمىتى ئۇلارنى قاتتىق باستۇرىدۇ ۋە تىرورچىلىق بىلەن ئەيىپلەپ يىلىغا ئۇلاردىن بىر نەچچە يۈزىنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىدۇ. جۇڭگۇ ھۆكۈمىتىنىڭ كۆز بۇيامچىلىق تەشۋىقاتىنىڭ ئاساسى نىشانى بولۇپ قالغان شەرقى تۈركىستانلىقلار قاتتىق زۇلۇم تارتىش بىلەن بىرگە دۇنيانىڭ كۈزىدىن يىراق.