شەيىخ ئىمران ھۈسەيىنگە ئوچۇق خەت

 

رابىيە قادىر
بۈگۈن «زىمىستان» تورىدا ئېلان قلىنغان مۇشۇ تىمىدىكى باياناتنىڭ قىسقىچە تەرجىمىسى
مۆھتىرەم شەيىخ ئىمران ئىمران جاناپلىرى،
سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى دەججالنىڭ جەڭچىلىرىگە ئوخشىتىپسىز ۋە خىتاينىڭ دۆلەت پۈتۈنلىكىنى قوغداش ھەققى بارلىقى ۋە مۇشۇ سەۋەپتىن ئۇيغۇرلارنى باستۇرىشىنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپسىز. خوش، خىتاينىڭ شۇنداق ھەققى بار بولسا، ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەتىنىنى دۈشمەن تاپىدىن قۇتۇلدۇرۇش-يىقىلغان ئىككى قېتىملىق جۇمھۇريىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ھەققى يوقمۇ؟ 9‏-ئەسىردىن 18 ‏-ئەسىرگە قەدەر ھۆكۈم سۈرگەن قاراخانىلار ۋە سەىدىيە خانلىقى ئاستىدىكى مىللىي ئازاتلىق دەۋرىنى قايتا تىرىلدۈرۈش ھەققى يوقمۇ؟ ئىسلامنىڭ قايسى تەلىماتى سىزنى ئۇيغۇرلار ئەبەدىي خىتاي كومۇنىستلىرىنىڭ ھاكىمىيىرتى ئاستىدا ياشىشى كېرەك دېگۈزىۋاتىدۇ؟ !
شۇنداق ، ئۇيغۇرلار سۈرىيەدە ، ئافغانىستاندا ، تۈركىيەدە ، ئامېرىكىدا ، گېرماننىيەدە ، يەنى دۇنيادا ئاز دېگەندە 30 دۆلەتتە بار. ھەممىسى ئانا ۋەتىنىنى مۇستەملىكىچلىكتىن، خەلقىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىقتىن قۇتقۇزۇش ئۈچۈن چامىنىڭ يېتىشىچە ھەركەت قىلىۋاتىدۇ. سىز تەلىم ئالغان پاكىستان دۆلىتى ئۆز خەلقىنىڭ قارىنىنى تويغۇزۇش ئۈچۈن ، مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىنى قۇربان قىلىپ خىتايدىن ياردەم ئالسا بولىدىكەن، ئۇيغۇرلار مىللىي مەۋجۇدلۇقىنى قوغداش ۋە مىللىي ئازاتلىققا ئېرىشىش ئۈچۈن، باشقا دۆلەتلبەردىن ياردەم ئالسا، ئۇرۇش مەيدانلىرىدا ھەربىي تەلىم كۆرسە، ، خەلقاارا توقۇنۇشلاردىن ئۆزلىرىگە شېرىك ئىزدىسە نىمە ئۈچۈن بولمايدىكەن؟؟؟؟
» پۈتۈن دۇنيانى ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى قىرىلىۋاتىدۇ دېگەپ گەپ قاپلىدى » دەپ شىكايەت قىپسىز. قارىغاندا ، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى خېلى كۆزىتىپسىز، بەلكىم خىتاي تەشكىللىگەن زىيارەت ئۆمەكلىرىگە قېتىلغاندەك، خىتاي تەييارلىغان ئالىي مېھمانخانىلاردا ياتقاندەك، زىياپەتلىرىگە ئېغىز تەگكەندەك، ، خىتاينىڭ «شىنجاڭ ھېكاي-لىرى»نى يادلىغاندەك قىلىسىز. سىز مۇشۇ جەرياندىكى خىتاي تەشۋىقاتلىرىغا يۈزدە-يۈز ئىشىنىپسىز، ئەقلىڭىزدىن پەخىرلىنىپ، » مەندىكىسى ئىشىكنىڭ ئىشەكنىڭ ئەقلى ئەمەس، ئىشنىڭ ئەمەلىيىتىنى بىلىمەن» دەپسىز.
خوش، ئەقلى نورمال بىر ئادەم، مۇستەملىكە جايدا ۋە دىكتاتىر ھاكىمىيەت ئاستىدا ئەركىن ئاخبارات بولمايدىغانلىقى، پىكىر ئەركىنلىكى بولمىغان يەردە ھەقىقىي ئەھۋلانىڭ ئوتتۇرىغا چىقمايدىغانلىقىنى بىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ نورمال بىر ئەقىل دۆلەت تەشۋىقاتىنىڭ تەرەپسىز بىر كۆز بىلەن كۆزتىلىشى كېرەكلىكىنى بولسىمۇ بىلىشى كېرەك ئىدىغۇ؟ قارىغاندا سىزنى سۆزلىتىۋاتقان ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ئەمەس ئامېرىكا نەپرىتى ۋە ياكى خىتاي مۇھەببىتىدەك قىلىدۇ. شۇنداق، ھىسسىيات پەللىگە چىققىنىدا ئەقىل تورمۇزلىنىدۇ. شۇڭا ئامېرىكىغا بولغان نەپرىتىشىز سەۋەبىدىن ئىرقىي قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ، جۈملىدىن ئۇنىڭ 6 يىلدىن بېرى لاگىردا جان تالىشىۋاتقان 3 مىليوندىن ئارتۇق ئەزاسىغا كۆز يۇمۇپسىز.
ئامېرىكىنىڭ پەلەستىن سىياسىتىدىن نارازى بولۇشىڭىز مۈكىن، ئىسلان دۇنياسىغا قارشىدىن نەپرەتلىنىشىڭىز مۈمكىن، بۇ تاللىشىڭىز ۋە ھەققىڭىز، ئەمما، بۇ سەۋەپتىن ئامېىكا باشچىلىغىدىكى غەرپنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى ھەققانىي مەيدانىنى ئىنكار قىلىشىڭىز، ئەقلىي تەڭپۇڭسىزلىق ئەمەسمۇ؟ ھەقىقىي بىر ئىسلام ئالىمى دۈشمىنىنىڭ خاتاسىنى خاتا دىيىش بىلەن تەڭ، تپغرا قىلىغىنىنى توغرا دىيىشىمۇ كېرەك ئىدىغۇ؟ !
ئەقلىي تەڭپۇڭلىقىڭىزدىن مۇخلىسلىرىڭىز گۇمانلانماسلىقى مۈمكىن، ئەمما بىز گۇمانلىنىمىمىز. مىللىتىمىزنىڭ يەر شارىدىن يوقۇتۇلۇشىنى توغرا كۆرۈۋاتقان ۋە تەشەببۇس قىلىۋاتقان بىرسىنى ئىسلام ئالىمى دەپ ئەمەس دەججلانىڭ ئۆزى ياكى ئۇستازى دەپ بىلىمىز.
گەپلىرىڭىزدە باشتىن ئاخىر، ئامېرىكا خىتايغا توسقۇنغلۇق قىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر كارتىنى ئويناۋاتىدۇ دەپسىز. رېئاللىق شۇكى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قارشى تۇرۇشى ئۈچۈن ئۇيغۇر كارتىغىلا م ئۇھتاج ئەمەس. ئوتتۇرىدا خىتاينىڭ تېخنىكا ئوغرىلىق، دۇنيا سودا ئەخلاقىنى بۇزۇشى، دىكتاتورلارنى يۆلىشى قاتارلىق يۈزلەرچە سەۋەپ بار. ئەسلىدە بىر مىليون ئەتراپىدا ئامېرىكىلىقنىڭ ئۆلۈمىگە سەۋەپ بولغان كوۋىد ۋاباسىنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكىنىڭ خىتايغا ئۇرۇش ئېچىشىغا يېتەرلىك سەۋەپ.
ئامېرىكا ئىستىخبارارتى ( CIA) ئۇيغۇرلارنى قوراللاندۇرىۋاتىدۇ دەپسىز . بۇ رېئاللىق ئەمەس، بۇ بىزنىڭ ھىچ بولمىدى دېگەندە مۇشۇ باياناتنى يېزىۋاتقان ئىككى ئاپتورنىڭ ئارزۇسى. ئەگەر ئامېرىكا ئىستىخاباراتى سىز ئىلگىرى سۈرگەندەك، ئۇيغۇرلارغا ياردەم بېرىپ خىتايغا قارشى ھەركەت قىلدۇرسسا، بىز بۇنى ئاللاھنىڭ بىزگە مەرھىمىتى دەپ قارايمىز.
گېپىڭىزدىن ئاخىرىدا » مېنىڭ ئالدىمغا ئۇيغۇرلار زۇلۇمغا ئۇچرىدى دەپ يىغلاپ كەلمەڭلار، بۇ CIAتېرىغا ئىشى دەپسىز» ، ئەگەر بۇ گەپنى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە قارىتىپ دەۋاتقان بولسىڭىز، ئېنىق بوپ كەتسۇن، بىز ھېچقاچان ھىچكىمىڭ ئالدىدا يىغلىمىدۇق، پەقەت ئۈزىنى ئىنسان ھېس قىلغانلارغا ئىنسانىي مەسئۇلىيىتىنى ئېسىگە سېلىۋاتىمىز. بىزنىڭ مۇراجىئەت ئوبيېكتىمىز، ئىنسانلار ، ھەرگىز خىتاينىڭ قورچاق ياكى يالاقچلىرى ئەمەس.

Leave a Comment

*

*