تۇرسۇنتاي سەلىموف ھەققانىيەتچى بىر رەھبەر، ساخاۋەتچى بىر كارخانىچى؛ قويۇپ بېرىلىشىنى تەلەپ قىلىمىز


ئۇيغۇرلار ئارىسىدا تونۇلغان خەير-ساخاۋەتچى ۋە كارخانىچى تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىق ئۇچۇرى مۇھاجىرەتتىكى پۈتۈن ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى بىئارام قىلدى ۋە ئەندىشىگە سالدى. ئەندىشىمىز، قىرغىزىستاننىڭ ئادالىتىگە بولغان ئىشەنچسىزلىكتىن ئەمەس، بەلكى خىتاينىڭ مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارغا قارىتا كۈنسېرى ئۇزىرىۋاتقان شۇم قولى ۋە ئۆتمۈشتە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەرگە قىلغان سۈيقەستلىرى سەۋەبىدىندۇر.
شۇسى ھەممىمىزگە ئېنىقكى، تۇرسۇنجان سەلىموف سودا -سانائەتتىكى ئالاھىدە ماھارىتىگە تايىنىپ ئىگىلىك تىكلىگەن ياراملىق بىر كارخانىچى. ئۇ پۇل تاپقانسېرى ئەل-يۇرت ئالدىدىكى مەسئۇلىيىتىنىڭ چوڭىيىۋاتقانلىقىنى تونۇغان ۋە مۇشۇ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش ئۈچۈن، پۈتۈن تىرىشچانلىقىنى كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان بىر ئۈلگىلىك خەير-ساخاۋەتچىدۇر. ئۇ مۇشۇ ئالاھىدىلىكى بىلەن ئىلگىرى قىرغىزىستان ئالىي كېڭىشىگە ئىككى نۆۋەت ئەزا بولغان ۋە بۇ يىل 3 ‏-ئايدا قىرغىزىستاندىكى ئىتتىپاق جەمىىيىتىگە رەئىس بولغان ئىدى. ھەر ئىككى ئورۇندىكى ۋەزىپىسى ۋە شان -شۆھرىتى خىتاي تەرەپنى بىئارام قىلغان. خىتاينىڭ ئۇنى ھەر ئىككى ئورۇندىن ئۇزاقلاشتۇرۇش ئۈچۈن توختاۋسىز ھەركەت قىلغانلىقىدىن ئۇزۇندىن بېرى خەۋىرىمىز بار. خىتاي تەرەپ بۇ قېتىم قىرغىزستاندىكى ئالاقىدار دائىرىلەرنى ئالداش ۋە قايمۇقتۇرۇشتا بەلگىلىك نەتىجە قازانغاندەك قىلىدۇ. بىزچە، ، قىرغىزىستان 10-20 يىل بۇرىۇنقى قىرغىزىستان ئەمەس، نۆۋەتتە دېموكىراتىيە ۋە قانۇنىي جەھەتتىن پىشىپ يېتىلدى. شۇڭا بىز قىرغىزىستاننى بەلگىلىك مەنپەئەتلەر ئۈچۈن مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بىر كارخانىچىسىنى قۇربان قىلمايدۇ، خىتاينىڭ ھەقسىز تەلەپلىرىنى رەت قىلالايدۇ دەپ ئىشىنىمىز. شۇنداقتىمۇ، قىرغىز قېرىنداشلىرىمىزغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا سۈيقەستلىرىدىن بىر ئىككى مىسالنى ئەسلىتىپ ئۆتىمىز:
قازاقىستاندىكى ئۇيغۇر رەھبەرلەردىن ھاشىر ۋاھىدى، دىبىرىم سامساقوۋالار، ئۆزبېكىستان يازغۇچى ئىمىن ئوسمان، قىرغىزىستاندىن تىجارەتچى نىغمەت بوسقوۋلار سىرلىق ھالدا ئۆلتۈرۈلدى. ئۇلار مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقىنىڭ قابىل يېتەكچىلىرى ئىدى. ئۇلارنىڭ ئىقتىدارى ۋە ئەمگىكى خىتايدىن باشقا ھەرقانداق بىر كۈچنى قاتىللىق قىلغۇدەك دەرىجىدە ئەندىشىگە سالمايتى، نەپرەتلەندۈرمەيتى.
بۇ قاتىللىقلارنى خىتاينىڭ سادىر قىلغانلىقى، كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ كامبودجادىن 20 نەپەر ، تايلانددىن 100 نەپەر سىياسىي پاناھلانغۇچىنى ، مىسىردىن 5000 ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنى قايتۇرۇپ ئەكىتىشى ۋە ئۇلارنى تۈرمىلەرگە تاشلىشى قاتارلىق غەيرىي ئىنسانىي ئىجرااتلىردىن مەلۇم بولدى. 2017 ‏-يىلدىن كېيىن 3 مىليون ئۇيغۇرنى لاگىرغا سولاپ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئاشكارا ئىجرا قىلىش بىلەن، خىتاي ئۆزىنىڭ ئۇيغۇرنى يەر يۈزىدىن يوقۇتۇش ئۈچۈن ۋاستە تاللىمايۋاتقانلىقىنى نامايەن قىلدى.
شۇڭا بىز قىرغىزستان دائىرىلىرىنى، تۇرسۇنتاي سېلىموفنىڭ دېلوسىنى تەكشۆرگەندە، بۇ دېلونىڭ ئارقىسىدىكى خىتاينىڭ بارمىقىنى ئالاھىدە تەكشۈرۈشكە دەۋەت قىلىمىز.
قىرغىزستان ئاخباراراتىدا ئۇنىڭ قانۇنسىز گۇرۇھ تەشكىللەش ۋە قاتنىشىش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغانلىقى تىلغا ئېلىندى، مۇشۇ گۇماننىڭ ئۆزىلا، خىتايغا خاس بىر گۇماندۇر. چۈنكى خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق جايدا، ھەر قانداق ۋاقىتتا بىر يەرگە توپلنىشىدىن بىئارام بولىدۇ، قورقىدۇ. مەدىنە بازىرىنىڭ ساھىبى بولۇش ۋە «ئىتتىپاق» جەمىيىتىگە رەئىىس بولۇش خىتاينى بىئارام قىلىشقا يېتەرلىك سەۋەپ. تۇرسۇنتاي سەلىموفنىڭ ئىقتىسادىي ئىمكانلىرى ۋە ئەخلاقىي ساپاسى نەزەردە تۇتۇلغاندا، خەۋەرلەردە دىيىلگەندەك ئۇنىڭ قامچىبەك قولبايېف دېلوسىغا چېتىشلىق بولۇشى تېخىمۇ مۈمكىن ئەمەس. خىتاي پەقەت بۇ دېلونى ، بولۇپمۇ ئۇنىڭ قامچىبەككە قوشنا ئىكەنلىكىنى پۇرسەت بىلگەن ۋە دېلوغا يىراقتىن ياكى بىۋاستە قول تىقىپ تۇرسۇنتاي سەلىموفنى كۆزدىن يوقۇتۇشنىڭ چارىسىنى قىلىۋاتقان بولۇشى مۈمكىن. .بۇ ئېھتىمالىققا ئاساسەن، بىز قىرغىزستان دائىرىلىېرىنى تۇرسۇنتاي سەلىموف ئۈستىدىكى تەكشۈرۈش جەريانىدا نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىمۇ نەزەردە تۇتۇشقا دەۋەت قىلىمىز.
مەلۇم بولغىنىدەك، بۈگۈن غەرپ دۆلەتلىرىدىن 22 سىنىڭ پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتلىرى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ ئېلان قىلدى، بۇلارنىڭ ئىچىدە ب د ت بىخەتەرلىك كېڭىشىنىڭ ئۈچ ئەزاسى -ئامېرىكا، ئەنگىلىيە ۋە فراسنىيە بار. ياۋروپا ئىتتىپقى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىرقىي قىرغىنچىلىق خەۋپىدە، ب د ي كىشىلىك ھوقۇق ئالى كومىسىيونى » ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت خەۋپىدە» دەپ ئېلان قىلدى. ئۇيغۇر مەسلىسىنىڭ نۆۋەتتىكى خەلقاارادىكى ئورنىنى كۆزدە تۇتقاندىمۇ، قىرغىزستان دائىرىلىرى تۇرسۇنتاي سەلىموف مەسىلىسىدە يەڭگىللىك بىلەن قارار چىقارمايدۇ ، ھەق ۋە ئادالەتنى ياقىلايدۇ دەپ قارايمىز ۋە تۇرسۇنيتاي سەلىموفنى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىمىز.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*