رابىيە قادىر :   تۆھمەتچىلەرگە ھەددىنى بىلدۈردىڭىز، كۈچىمىزگە كۈچ قاتتىڭىز 

( تۈركىيە مىللەتچى ھەركەت پارتىيەسى رەھبىرى مۆھتىرەم  دەۋلەت باغچەلى ئەپەندىگە ئوچۇق خەت  )

ھۆرمەتلىك دەۋلەت باغچەلى،  دەل ۋاقتىدا ئوتتۇرىغا چىقتىڭىز، بىز ئۇچرىغان تۆھمەتكە  ئىنكاس قايتۇردىڭىز ، تۆھمەتچىگە  ھەددىنى بىلدۈردىڭىز. ھەققانىي سۆزىڭىز ۋە تونىڭىز بىلەن مەزلۇمنىڭ يېنىدا تۇرۇشنىڭ ، زالىم ۋە  ئۇنىڭ يانتاياقلىرىغا ھەددىنى بىلدۈرۈشنىڭ نادىر بىر  ئۈلگىسىنى كۆرسەتتىڭىز.

شۇنداق پەلەستىن رەھبىرى ماھمۇت ئابباس 13 ‏-ئىيۇن كۈنى بىزگە بېيجىڭدا «تېرورچى» دەپ تۆھمەت چاپلىدى.  بۇ ھەرگىز  بىلمەسلىكتىن ئەمەس.  چۈنكى  ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە ب د ت كومىسيونلىرى تەييارلىغان دوكىلاتلار ماخمۇت ئابباسنىڭ ئۈستىلىدە بار. بۇ دوكىلاتلاردا بىزنىڭ تېرورلۇقتىن ئەمەس، ئۇيغۇر بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، دىنىي ئەسەبىي بولغانلىقىمىز ئۈچۈن ئەمەس،  نورمال ئىبادەتلىرىدىن ۋاز كەچمىگەن  مۇسۇلمان بولغانلىقىمىز ئۈچۈن قىرغىنچىلىققا ئۇچراۋاتقانلىقىمىزنىڭ مىڭلارچە پاكىتى ۋە ئىزاھاتلىرى بار.

سەۋەپ،  دېگىنىڭزىزدەك ۋىجدانسىزلىقتۇر. بىر دىنىي قېرىندشىنى بىر دىنسىز،  كومۇنىست ھاكىمىيەتكە ، قاتىل دۆلەتكە سېتىشتۇر.  سېتىشقا نىمە ئۈچۈن جاسارەت قىلدى؟ چۈنكى  بىزنى يالغۇز كۆرۆپ قالدى، ئىگىسىز كۆرۆپ قالدى، كىم سېتىپ خەجلىسە بولىدىغان لوق مال كۆرۈلۈپ قالدى. تۈركىيەنىڭ ئىستراتىگىك مەنپەئەتلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، خەلقاارا قائىدە-قانۇنىيەتلەرگە بويسۇنۇپ، دىپلوماتىك نازاكەتكە زىيادە ئەھمىيەت بېرىپ ئۇيغۇرلار ھەققىدە ئېھتىيات بىلەن  گەپ قىلىشىنى، بەزىدە جىم تۇرىۋېلىشىنى قېرىندىشىغا  كۆيۈمسىزلىك  ۋە سىياسىي سەھنىدە جاسارەتسىلزىك  دەپ چاغلاپ قالدى.

ماھمۇت ئابباسنىڭ خىتاي تەشكىللىگەن زىيارەتلەردە ئالدانغان بولۇشىمۇ  مۈمكىن ئەمەس.  چۈنكى  خەلقئارا ئاخباراتلاردا شەرقى تۈركىستاندا 3 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇر 6 يىلدىن بۇيان سولۇنۇپ تۇرىۋاتقان 380دىن ئارتۇق  لاگىرنىڭ سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرى بار؛ بۇ  لاگىرلاردىكى  پاجىئەلەر ھەققىدە يىغلاپ تۇرۇپ گۇۋاھلىق بېرىۋاتقان لاگىر شاھىتلىرى بار.

دەل ۋاقتىدا  بىزنىڭ ئاۋازىمىز بولدىڭىز، يۈرىكىمىزنىڭ ساداسى بولدىسىڭىز . مەردانە تونىڭىز  ۋە يىغىن زالىدىن ئالغان ئالقىشلىرىڭىز بىلەن كۈچىمىزگە كۈچ قاتتىڭىز.  10 كۈندىن بۇيان ، ماھمۇت ئابباسنىڭ سۆزلىرىنى شەرقى تۈركىستاندىكى خەلقىمىزگە تولۇق ۋە قايتا-قايتا يەتكۈزىۋاتقان ، بۇ ئارقىلىق خەلقىمىزنى دىنىدىن ، قېرىنداشلىرىدىن ۋە دۇنيادىن ئۈمىد ئۈزدۈرۈشنى كۈزلەۋاتقان  خىتاي دائىرىلىرى سىزنىڭ بۇ مەردانە بايانىتىڭىزنىڭ بىر جۈملىسىنىمۇ يەتكۈزمەيدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما چەتئەلدىكى بىر مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنىڭ   سۆزلىرىڭىزدىن يۈرىكى سۇ ئىچتى، بۇ سۇ  بىز ئارقىلىق،   شۇ لاگىردىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭمۇ يۈرىكىگە يېتىپ بارىدۇ، ئۇلارنىڭ ھايات قېلىشىغا ۋە تىك تۇرۇشىغا ئوزۇق بېرىدۇ.

شۇسى ئېنىقكى ، بۇ باياناتىڭىز،  ھەممىدىن بەك خىتاينى بىئارام قىلىدۇ. بۈگۈندىن باشلاپ  قاتتىق- يۇمشاق تەدبىرلىرى بىلەن ، ھەتتا تۈركىيەدىكى بەزى گۇرۇھلارنىڭ  » ئاقىلانە» ئاگاھلاندۇرۇشى بىلەن سىزنى سۆزىڭزىدىن يېنىشقا، تونىڭىزنى يۇمشۇتۇشقا تىرىشىدۇ، ئىشىنىمىزكى،  بىر  تۈرك مىللەتچىسىلا ئەمەس ، بىر ئىلىم ئادىمى ۋە  دۇرۇست بىر ئىنسان بولۇشتەك سۈپەتلىرڭىز بىلەن، بايانتاىڭىزنىڭ ئارقىسىدا ئاخىرىغىچە تۇرالايسىز. بۇ تۇرۇشىڭىز، يەنە كۆپلىگەن خىتاي يانتاياقلىرىنىڭ زۇۋانىنى  تۇۋاقلايدۇ.

ئاخىرىدا،  خىيالىمدا سىز چىققان شۇ سەھنىدە، سىز سۆزلىگەن شۇ مىكرافوندا، دۇنياغا شۇنى خىتاپ قىلىمەن:

خىتاي «تېرولۇق» قىلغىنىمىز ئۈچۈن ئەمەس، زۇلۇمغا باش ئەگمىگەنلىكىمىز ئۈچۈن،  دىنىي ئەسەبىيلىكىمىزدىن ئەمەس،  خىتايلاشمىغانلىقىمىز ئۈچۈن -مەدەنىيەت جەھەتتىن  بىزگە تەسىر كۆرسىتەلمىگەنلىكى ئۈچۈن  قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتىدۇ. شەرقى تۈركىستاندىكى بۇ  ئىرقىي قىرغىنچىلىق، ئىشغالىيەتتىن بۇيان باشلانغان، بۈگۈنكىسى نىسبەتەن ئوچۇق ۋە پەرقلىق شەكىلدە داۋام قىلىۋاتىدۇ. 21 ‏-ئەسىردە ياشاۋاتىمىز، خىتاي  بۇ قىرغىنچىلىقى  بىلەن سانىمىزنى ئازايتىشى، تەرەققىياتىمىزنى توسۇشى مۈمكىن، ئەمما مىللىي  مەۋجۇتلۇقىمىزنى يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. دەۋرلەردىن بېرى بولغىنىدەك، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە  ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا ۋۇجۇدىمىزدا ياشنىتىپ كەلگەن ئەجدات روھىي بىلەن ھەرقانداق زۇلۇمنىڭ،  ھەرقانداق ساتقۇنلۇقنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىمىز. تاغلار ئورنىدىن يۆتكىلىشى مۈمكىن، قۇياش  غەرپتىن چىقىپ شەرققە پېتىشىمۇ مۈمكىن، ئەمما، ئۇيغۇرلار خىتايلاشمايدۇ!!!

Leave a Comment

*

*