سايلامدا ئۆز ئاجىزلىقىنى يېپىش ئۈچۈن مەزلۇمنى قۇربان قىلىش نائەھلىلىكتۇر

( تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا ئوچۇق خەت)
راب ئىيە قادىر

«ئۇيغۇرلارنى ئامېرىكا خىتايغا قارشى قوللىنىۋاتىدۇ» دېيىش ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلغانلىقتۇر. بۇ، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىغا قارىتا خەلقئارا دىققەتنى سۇسلاشتۇرۇش ۋە قىرغىنچىلىقىنىڭ داۋامى ئۈچۈن خىتاينى جاسارەتلەندۈرۈشتۇر.

س ن ن تۈركتە، بۇنى تەرغىپ قىلغان تۈركىيە ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى سۇلايمان سويلۇغا، شۇنى بىلدۈرۈپ ئۆتىمىز: ئامېركىغا قانچىلىك ئاچچىقىڭىز بولسۇن ۋە قانداق شەكىلدە قارشى تۇرۇڭ، بۇ سىزنىڭ تاللىشىڭىز، ئەمما بۇ جەريانغا، ئۇيغۇرنى ۋاستە ياكى دەسمىي قىلىشىڭىز، مەيلى ئىنساندارچىلىق،مەيلى مۇسۇلماندارچىلىق نۇقتىسىدىن نائەھلىلىكتۇر. چۈنكى بىز-ئۇيغۇرلار – بۈگۈن ئەگەر بەلگىلىك دەرىجىدە خەلقاارادا تونۇلغان ۋە ئامېرىكىنىڭ قوللىشىغا ئېرىشكەن بولساق، بىز بۇ دىققەتنى مايمۇنى ئويۇنى ئويناپ ياكى ئىھالە بېرىپ تارتمىدۇق. بۇ تونۇلۇش 6 يىلدىن بېرى لاگىردا يېتىۋاتقان 3 مىليون ئۇيغۇرنىڭ جىسمانىي ۋە روھىي ئۇپرىشى ، ئۇلارنىڭ پارچىلانغان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ كۆز ياشلىرى ،چەتئەللەردىكى يۈز مىڭلارچە ئۇيغۇر مۇھاجىرنىڭ ماڭلاي تەرلىرى بەدىلىگە ئېرىشتۇق.
ئەسلىدە شەرقى تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان پاجىئەلەرگە نىسبەتەن دۇنيا قوزغۇلۇپ كېتىشى كېرەك ئىدى. ئەمما خىتاينىڭ كۈچى ۋە غالچىلىرىنىڭ توسالغۇسى بىلەن يېتەرلىك ئىنكاس ۋە ھەركەت قوزغالمىدى. ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا كۆرسىتىۋاتقان ھېسداشلىقى، بىرلىرىنىڭ ھەسىتى ۋە ياكى بىرلىرىنىڭ گۇمانىنى قوزغىغۇدەك دەرىجىدىكى كاتتا ئالىيجانپلىق ۋە ئادالەتپەررلىكمۇ ئەمەس، پەقەت تاغدەك پاكىتلارنى كۆرگەندىن كېيىن قوزغالغان كىچىككىنە بىر ئىنسانىي مەرھەمەتتۇر. ئامېرىكا بىزنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەركەتكە ئۆتۈپ كەتكىنىمۇ يوق، خىتاينىڭ ئوزىنىڭ ئاشكارىلانغان ئىرىقىي قىرغىنچىلىق بۇيرۇقىنى ، سۈنئىي ھەمرا سۈرەتلىرىدا ئاشكارىلانغان 380 لاگىرنى، لاگىر گۇۋاھچىلىرىنىڭ باياناتلىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، ئىنساپقا كەلدى، كۆز يۇمۇۋېلىشتىن نومۇس قىلدى. بىز ئۈچۈن بىرقانچە مەرتە ھەققانىي ئاۋاز چىقاردى، ، ئەمما ، سىز بۇنى ئارتۇق كۆردىڭىز، دۇنيادا بىز جېنىمىز ۋە كۆز يېشىمىز بىلەن ئېرىشكەن كىچىككىنە نەتىجىگە سىز توپا چاچتىڭىز.
6 يىلدىن بۇيان داۋام قىلىۋاتقان ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقنى بىلمەسلىكىڭىز مۈمكىن ئەمەس. ئەگەر سىز ب د ت مۇتەخەسىسلىرىنىڭ 4 دوكىلاتىغا، ئۇيغۇر سوتىنىڭ خۇلاسىسىغا ئىشەنمىسىڭىز، تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتىلا چۈشىنىشڭىزگە كۇپايە ئىدى. 6 يىلدىن بۇيان ئۇرۇق-تۇققانلىرى بىلەن ئالاقىسى ئۈزۈلگەن ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركىيەگە ئىلتىجالىرى، كۆز ياشلىرى سىزنى تەسىرلەندۈرەلمەپتۇ. ئىستانبۇلدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا تۈرك ساقچىلىرىدىن يىغلاپ تۇرۇپ نامايىشقا رۇخسەت تەلەپ قىلغان ئۇيغۇر يىگىتلىرىنىڭ كۆز يېشى سىزگە «ئويۇن» كۆرۈنۈپتۇ. ئۇلارنىڭ يىغىسىدا، بىرلىرىنىڭ بارمىقى ئەمەس، لاگىردا قىينىلىۋاتقان ، جان ئۈزىۋاتقان ئائىلە ئەزالىرىنىڭ ئازابى بار ئىدى.
قېنى، كونزېرۋاتىپ، دىندار ئاق پارتىيەنىڭ مەنسۇبى ئىدىڭىزغۇ؟ ئېتىقادىمىز بويىچە ، بىر بەدەننىڭ ئەزالىرى ئىدۇققۇ؟ سىز ئاندا ساندا بېرىپ بېشىنى سىلاپ، دولىسىنى قېقىپ قويىدىغان شۇ ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭمۇ يۈرىكىدىكى ئازاپنى چۈشەنمەپسىز، قانداقمۇ، دۇنيانىڭ يەنە بىر بۇرجىكىدىكى- تۈرك دۇنياسىدىكى- قېرىنداشلارنىڭ ھالىدىن خەۋەردار بولالايسىز؟!
دۇنيادا دوست ۋە دۈشمەن ئالدىدا كۈچىنى يوقاتمايدىغان ئۇپرىماس قورال- سەمىمىيەتتۇر. ھۆكۈمىتىڭىزنىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى توغرىسىدا خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيەدە بولالماسلىقى ۋە ساقچىلىرڭىزنىڭ ئۇيغۇر نامايىشچىلىرىغا قىلغان زوراۋانلىقىنى يېپىش ئۈچۈن، ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئىنكار قىلىشىڭىزنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. «بۈگۈن بىز ئۇيغۇرلار ئۈچۈن مۇشۇنچىلىك قىلالايمىز» دېيىشىڭىزلا ھەممىمىز ئۈچۈن كۇپايە ئىدى.
بىز ئۇيغۇرلار، سەددىچىننىڭ تۈۋىدە ئەسىرلەردىن بىرى مەۋجۇت بولۇپ كەلگەن بولساق، بىرلىرىنىڭ مۇداپىيەسى ۋە بىرلىرىنىڭ مەرھىمىتىدىن ئەمەس، ئاللاھنىڭ ئىرادىسى ۋە ئۆزىمىزنىڭ ئەجداتلىرىمىزدىن كەلگەن مىللىي روھنىڭ قۇدرىتى بىلەن ساقلىنىپ كەلدۇق. نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى، نوپۇسىمىزنى تىزگىنىلىشى ۋە ھەتتا ئازايتىشى مۈمكىن، ئەمما بىزنى يەر شارىدىن يوق قىلىۋېتەلمەيدۇ. شۇڭا بىز ھىچ بىر دۈلەتتىن قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلمايمىز، پەقەت ۋە پەقەت ساتماسلىقىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئەلۋەتتە، كىچىككىنە مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن، بولۇپمۇ سايلام مەزگىلىدە ئاجىزلىقلىرىنى يېپىش ئۈچۈن مەزلۇم بىر مىللەتنىڭ نەتىجىسگە توپا چېچىشنى ئەقىلسىزلىق ۋە ئەخلاقسىزلىق دەپ قارايمىز ۋە لەنەتلەيمىز.

Leave a Comment

*

*