ئامېرىكا ھۆكىمىتىگە تەلىپىم

ھۆرمەتلىك ئاقساراي ۋە تاشقى ئىشلار مىنىستىلىقىندىن كەلگەن رەھبەرلەر :سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام سالامىم بىلەن مىنىڭ خەلقىمگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىڭلار ئۈچۈنرەھمەت ئېيتىمەن. مەن رابىيە قادىر تۆۋەندە ئۇيغۇر خەلىقىنىڭ ئامىرىكىدىكى ئۇزۇنغا سۇزۇلۇپ ھەل بولماي كىلىۋاتقان مەسىللەرنى ئوتتۇرغا قويىمەن.
1. ئامىرىكىدا سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماس قىلغان ئۇيغۇرلار ئالدى 10 يىل كەينى ئىككى يىلغىچە سىياسىي پاناھلىق ئىلتىماسىغا جاۋاپمۇ كەلمەي ساقلاۋاتقانلار كۆپ ھەم ئائىلىسى بىلەن كۆرۈشەلمەي يۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگەللەيدۇ. مۇشۇ ئۇيغۇرلارنىڭ مەسىلىسىنى بىرلا قېتىمدا بىراقلا چىقىرىپ بېرىش ھەققىدە قانۇن چىقىرىپ بېرىشىڭىزنى ئۈمۈد قىلىمىز.
2. ئۇيغۇر سەرگردانلىرى دۇنيانىڭ ھەممە يىرىدە ئىنتايىن ئېغىر ئەھۋالدا. بەزى دۆلەتلەر خالىغانچە تۇتۇپ خىتاي ھۆكۈمىتىگە قايتۇرۇپ بېرىۋاتىدۇ. بۇلۇپمۇ ئوتتۇرا ئاسىيا ،تۈركىيە ۋە مۇسۇلمان دۆلەتلىرىدە قېچىپ يۈرىۋاتقان ۋە سولانغان ئۇيغۇرلار ناھايىتى كۆپ. ئۇيغۇر دىگەن بۇ ئىسمنىڭ ھەممىسى چەتەلدە ۋە ۋەتىنىمىز ئۇيغۇرئىستاندا ئۆلۈم تەھتىدى ئاستىدا ياشاۋاتىدۇ. ئامىرىكىنىڭ شۇ سەرگەردان ئۇيغۇرلارنى ۋىزا ئېلىپ ئامىرىكىغا كىرىش مەسىلىسىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. بولسا 10 مىڭ ئۇيغۇرنى ئامىرىكىغا قۇبۇل قىلىشقا قانۇن بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمىز.
3. ئۇيغۇر سەرگەردانلىرى تايلانتقا 2013 نىڭ ئاخىرى 2014 نىڭ باشلىرى خىتاينىڭ ناھايىتى خەتەرلىك سۈيقەستى بىلەن قاچىدىغان يولنى ئېچىپ بەرگەن. 50 مىڭ ئەتراپىدا تايلانىت ۋە مالايسىياغا قېچىپ چىققان. ئىسمى ئۇيغۇر بولۇپ قالغان قۇشمۇ قېچىپ چىقالمايدىغان بىر ۋەزىيەتتە بۇ ئۇيغۇرلار قېچىپ چىقالىغان. بۇ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەلۇم دۆلەتلەر بىلەن بىرلىشىپ قۇرغان قاپقىنى بولۇپ، بۇنىڭدا 20 مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر ئوتتۇرا شەرىقتە ۋە باشقا يەرلەردە ھالاك بولغان. چۈنكى بۇلاردا بىرىنجىدىن پاسپورت يوق، ئىككىنجىدىن تىل بىلمەيدۇ ، ھەتتا خىتايچە تىلمۇ بىلمەيدۇ. بۇلارنىڭ سەۋىيىسى 16 ياشلىق باللاردىنمۇ تۆۋەن. بۇلارنىڭ بىر قىسىمى تۈركىيەدە ساقلىنىپ قالدى ،بىر قىسىمى ئوتتۇرا شەرىقتە ئۆلتۈرۈلدى. ھازىر تايلانىت تۈرمىسىدە 57 ئادەم بار.2014 تىن تاكى ھازىرغىچە كىچىك باللار ۋە ئاياللاردىن 8 ئادەم ئۆلۈپ بولدى. تايلانىت تۈرمىستىكىلەر بۇلارنى شۇنداق ئېغىر خارلاۋاتىدۇ. بۇ ئىشقا ئامىرىكىمۇ ئارلاشقان. شۇ 57 ئادەمنى تايلانىت تۈرمىسىدىن قۇتقۇزۇپ ئامىرىكىغا ئەكىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن.
مۇشۇ مەسىللەرنى ھەل قىلىپ بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن. ھەمدە مەن بايدىن ھۆكۈمىتىنىڭ بىزگە تۇتقان سىياسەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

ھۆرمەت بىلەن رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*