خىتاي دائىرىلىرى ئۈرۈمچىدىكى ئوت ئاپتىدىكى جاۋاپكارلىقنى ئۈستىگە ئېلىشى ۋە جازاغا تارتىلىشى كېرەك

ئانا ۋەتىنىمىز شەرقى تۈركىستاندا، يەنە بالايى-ئاپەت يۈز بەردى، نەچچە ئونلىغان ۋە بەلكىم 100 لىگەن قېرىندىشىمىز، دۇنيانىڭ كۆزى ئالدىدا ئوتتا كۆيۈپ جان ئۈزدى.
خىتاي دائىرىلىرى ئۆز تەبىئىتى بويىچە يەنە رەھمە قىلمىدى؛ خادىملىرى شۇمىنۇت- شۇ دەقەىقىلەردىمۇ، بىناغا بېسىپ كىرىپ قۇلۇپلارنى چاقمىدى. قارىماققا، يول تار كېلىپ قالغان بولدى، ماشىنىلار توسۇلۇپ قالغان بولدى. نەق مەيدانغا بەش مىنۇتتا يېتىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئوتنى ئۆچۈرۈشكە 3 سائەت ۋاقىت كەتتى. قېنى » 5 ‏-ئىيۇل » ۋەقەسىدە بىنالارغا چاقماق تېزىلىكىدە بېسىپ كىرىپ گۇماندالارنى يوتقىدىن كالتا ئىشتىنى بىلەن كوچىغا سۆرەپ چىققان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ بۇ ماھارىتى ۋە جاسارىتى ئەمدى نەگە كەتتى؟! قېنى زورۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرسە، بەش مىنۇتنىڭ ئىچىدە مەيداننى تازىلاپ بولىدىغان خىتاينىڭ ئالاھىدە قىسىملىرى ، بۇ ئوتنى ئۆچۈرۈشتە قەدىمى ئەجەپ ئاستا بولدى؟
مەسىلە شۇ، قۇتۇلدۇرغۇسى كەلمىدى، چۈنكى ، بىنا ئۇيغۇرلارنىڭ ئولتۇراق بىناسى ئىدى؛ يىغلاۋاتقانلار، يالۋۇرىۋاتقانلار دۆلەت تىلىدا گەپ قىلمايۋاتاتتى، بەلكىم قۇتۇلدۇرۇشتىنمۇ قورقتى، چۈنكى باشلىقلىرىنىڭ كۆڭلىدىكى ئۇلارنى ياخشى بىلىدۇ. شۇڭا يۇقۇرى دەرىجلىك ئورۇنلاردىن-بېيجىڭدىن بۇيرۇق كۈتتى.
بالداقمۇ-بالداق بۇيرۇق چۈشۈپ بىنانىڭ قۇلۇپى چېقىلغىچە، نارسىدىلەر، تىپىرلاپ تۇرۇپ، يىغلاپ-قاخشاپ تۇرۇپ دۇنيا بىلەن ۋىدالاشتى.
ئەلۋەتتە، بۇ بىز ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان پاجىئەنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىقى ئەمەس، پەقەت ئەڭ كۆزگە كۆرۈنگىنى، خىتاي يوشۇرۇشقا ئامالسىز قالغىنى. بۇنىڭدىنمۇ ئېچىنىشلىق سەھنىلەرنىڭ تۈرمىلەردە، لاگىرلاردا، ئاچلىق ھۆكۈم سۈرگەن مەھەللىلەردە يۈز بەرگەن ۋە بېرىۋاتقانلىقىنى قۇلىقىمىز ئاڭلاپ تۇرىۋاتىدۇ، يۈرىكىمىز تۇيۇپ تۇرىۋاتىدۇ، ئەمما خىتاي ئاخبارات چەكلىمىرى بىلەن بۇلارنى پەدەزلەپ مېڭىۋاتىدۇ.
خىتاي بۇ ئاپەت ھەققىدىكى ئاخبارات باياناتىدىمۇ، يەنە يالغانچىلىقىنى ئىشقا سالدى، ئوت كەتكەن بىنادىكى ئاھالىلەرنىڭ ئۆيدىن چىقالمايۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ قىلغان سۆزلىرى تورلاردا يامراپ تۇرسىمۇ، ھىچ ئىككىلەنمەستىن، » بۇ كېسەل يەڭگىل رايون ئىدى، ئاھالىلەر بىنادىن تېشىغا چىقالايتتى» دېدى. مۇشۇ يالغانچىلىقىنىڭ ئۆزىلا، ۋەقەدە 10 كىشى ئۆلدى، 9 كىشى ئۆلدى دېگەن ئۇچۇرنىڭ يالغانلىقىنىڭ ئېنىق ئىشارىتى.
بىزگە كەلگەن ئۇچۇردىن، ئاپەتتە ئاز دېگەندە 30 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى، 60 دىن ئارتۇق كىشىنىڭ يارىلانغانلىقى مەلۇم. بىنانىڭ3 قەۋىتى كۆيگەن، قالغان 4 قەۋىتىنى ئىس-تۈتەك قاپلىغان ۋە 3 سائەت داۋام قىلغان بىر ئاپەتتە، زىيان-زەخمەتنىڭ 20 ئادەم بىلەن چەكلەنمەيدىغانلىقى ئېنىق.
خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپەتتە ئۆلگەن ۋە يارىلاغنالارنىڭ سانى ھەققىدە توغرا مەلۇمات بېرىشى كېرەك، بۇ ئاپەتتىكى جاۋاپكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغۇچىلار ئائىلە تاۋباتلرىدىن ئاشكارا ئەپۇ سورىشى كېرەك. بىلىمەن، ۋەتىنىزمىزدە ئىرقىي قىرغىنچىلىق ئېلىپ بېرىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، بۇ جاۋاپكارلىقنى ئۆزلىگىدىن ئۈستىگە ئالمايدۇ، شۇڭا مەن خەلقئاارا جامائەتنى، رايونغا مۇستەقىل تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئەۋەتىپ ئەھۋالنى ئېنىقلىشقا ۋە خىتاينى تېگىشلىك جازاغا تارتىشقا چاقرىمەن.

بۇ پۇرسەتتە، ۋەقە ھەققىدە خىتاي تەرەپنى مەلۇمات بېرىشكە چاقىرغان تۈركىيە ھۆكۈمىتىگە مىننەتدارلىقىمنى نبىلدۈرىمەن، شۇنداقلا، ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، ياپونىيە ۋە ھىندىستان قاتارلىق دۆلەتلەرنى، خىتاينىڭ ۋىرۇسنى نۆلگە چۈشۈرۈش سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقارغان بۇ پاجىئەگە كۆز يۇمۇپ تۇرماسلىقىنى، ھەققانىي بىر پوزىتسىيە بىلدۈرۈىشىنى تەلەپ قىلىمەن.
ئۇيغۇر مىللىي ھەركىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*