خىتاي كورلىدىكى تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاشكارىلشى كېرەك!

مەن يېقىندا، شەرقى تۈركىستاننىڭ كورلا تەۋەلىكىدە بىر تۈرمىدىن قېچىش ۋەقەسى يۈز بەرگەنلىكى، ۋەقەدە 3 ساقچى ۋە 10 مەھبۇسنىڭ ئۆلگەنلىكى، 5 مەھبۇسنىڭ تۈرمىدىن قېچىپ كەتكەنلىكى ھەققىدە بىر نامسىز ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم. مەن دەسلەپتە، خىتاي تۈرمىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى پۇختا قۇرۇلمىسى ۋە قاتتىق تۈزۈمىنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇ خەۋەرنىڭ چىنلقىغا ئىشىنەلمىم. ئارىدىن 10 كۈن ئۆتكەندە، ئىجدىمائىي تاراتقۇلاردا، كورلا ساقچى ئىدارىسىنىڭ ماخمۇت مويدۇن ئىسىملىك بىر قاچقۇننى ئىزدەۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر ئۇقتۇرۇش تارقالدى. تۇتۇش بۇيرۇقىدا، قاچقۇننىڭ ئىچىگە مەھبۇس كىيىمى كەيگەنلىكى يېزىلغان. ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى ئەركىن ئاسىيا رادىوسى ئۇيغۇر بۆلۈمى، تۇتۇش بۇيرۇقىدىكى ماخمۇت مويدۇننىڭ 2017 ‏-يىلى 17 يىللىق كېسىۋېتىلگەن بىر مەھبۇس ئىكەنلىكى ۋە كورلىنىڭ 29 ‏-تۈۋەن تۈرمىسىدىن قاچقانلىقىنى خەۋەر قىلدى. مەن بۈگۈن ئوخشاش مەنبەدىن يەنە بىر ئۇچۇر تاپشۇرىۋالدىم، بۇ ئۇچۇردا قېچىش ۋەقەسىنىڭ تۈرمىنىڭ ئەمگەك مەيدانىدا يۈز بەرگەنلىكى ۋە قېچىپ كەتكەنلەردىن 2 نەپىرىنىڭ ئۆزلىرىنى ساقچىغا مەلۇم قىلغانلىقى ، 2 نەپىرىنىڭ مۆكۈنۈپ ياتقان يېرىدە تۇتۇلغانلىقى، بىر نەپىرىنىڭ -ماخمۇت مويدۇننىڭ تېخىچە ئىزدىلىۋاتقانلىقى يېزىلغان. تۇتۇلغان 4 مەھبۇسنىڭ كىملىكلىرى مۇنداق بايان قىلىنغان: قەمىردىن غالىپ (42)، توختى ھېكىم (25) ، ئەخمەتجان بارات (29)، بۇرھان خىزىر (27)
ھازىرغىچە، ماڭا كەلگەن ئۇچۇرلار ۋە ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ خەۋىرى ۋە خىتاينىڭ تۇتۇش بۇيرۇقى، بىر-بىرىنى تولۇقلايدىغان مەزمۇندا؛ يەنى 10 ‏-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىدا كورلىدىكى بىر تۈرمە ياكى ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بىر تەۋەلىكتە، ئېغىر بىر قانلىق ۋەقە يۈز بەرگەنلىكى مەلۇم. مەن دۆلىتىنى قانۇن بىلەن باشقۇرىۋاتقانلىقىنى بازارغا سېلىپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنى بۇ قانلىق ۋەقە ھەققىدە خىتاي ۋە خەلقئاارا جامائەتكە ئاشكارا مەلۇمات بېرىشكە چاقىرىمەن.
ئەلۋەتتە، بۇ تەساددىپىي ۋە ئايرىم بىر ۋەقە ئەمەس، مەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى ئىزچىل كۆزىتىپ كېلىۋاتقان ۋە ئۆزۈم 6 يىل خىتاي تۈرمىسىدە ياتقان بىرسى بولۇش سۈپىتىم، بىلەن تۈرمىلەردىكى قانخور ساقچىلار بىلەن چارىسىز مەھبۇسلار ئارىسىدا مۇشۇنداق توقۇنۇش ۋە پاجىئەلەرنىڭ داۋاملىق يغز بېرىپ تۇرىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە بۇنداق سەھنىلەرگە كۆپ قېتىم شاھىد بولغانمەن.
شۇڭا خەلقاارادىكى ئاخباراتچىلارنى خىتاي تەرەپتىن بۇ ۋەقە ھەققىدە مەلۇمات سوروشقا، خەلقئاارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى بۇ ۋەقەنى ئېنىقلاپ ئىنكاس قايتۇرۇشقا دەۋەت قىلىمەن.
ئاخىرىدا شۇنى ئەسكەرتىمەن: خىتاي 2017 ‏-يىلى تەسىس قىلىنغان يىغىۋېلىش لاگىرلىرىنىڭ كۆپىنچىسىنى، 2019 ‏-يىلى ئاخىرىغا كەلگەندە، خەلقئاارا جامائەت پىكرىنىڭ بېسىمى نەتىجىسىدە، ئۇنى تاقىغانلىق نامى ئاستىدا تۈرمىگە ئۆزگەرتتى.
تۈرمىدىن قاچقان مەزكۇر 15 “ جىنايەتچى“ ، ئەمەلىيەتتە لاگىرلارغا يىغىۋېلىنغان ئەنە شۇ نەچچە مىليون بىگۇناھ ئىنسانلارنىڭ بىر پارچىسىدۇر. بۇلار ئۆز دىنىي ئېتىقادى ۋە ئۆرپ ئادەتلىرى بويىچە ياشىغانلىقى ئۈچۈنلا، خىتاي دۆلىتىگە تەھدىت قاراىلىپ جازالانغان ئىنسانلاردۇر. مەن، بۇ بۇ كىشىلەرنىڭ بۇ ئېچىنىشلىق تەقدىرىگە ، نۆۋەتتە بېيجىڭدا ۋەزىپە ئۆتۋاتقان ھەرقايسى دۆلەت ئەلچىخانىلىرىنىڭمۇ دىققەت قىلىشىنى تەلەپ قىلىمەن ۋە ئۇلارنى ئۆزلىرىنىڭ دۆلىتىنىڭلا ئەمەس ئىنسانلىق ئالىمىنىڭ بىر ئەلچىسى ئىكەنلىكىدەك ۋەزىپىسىنى ئۇنتۇماسلىققا چاقىرىمەن.

Leave a Comment

*

*