ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ھەبىبۇللا توختىنىڭ كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

بۈگۈن ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى خەۋرىگە قارىغاندا، رادىئو  ئاڭلىغۇچىلاردىن بىرىنىڭ يەتقۈزگەن ئۇچۇرىغا ئاساسەن، 2015‏-يىلى ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن دوكتور ھەبىبۇللا توختىنىڭ خىتاي سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن دۆلەت بىخەتەرلىكىگە خەتەر يەتكۈزۈش بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم بولغان. مەكتۇپتا ھەبىبۇللا توختىنىڭ شىنجاڭ ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئوقۇتقۇچىلىققا تەكلىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن 2016‏-يىلى يىل ئوتتۇرىسىدا ئايالى بىلەن بىرلىكتە مىسىردىن ئۈرۈمچىگە قايتقانلىقى يېزىلغان. مۇخبىر بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن، ئۈرۈمچىدىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە ئۇ تەۋە بولغان ئۈرۈمچى باخۇلياڭ ساقچىخانىسىغا تېلېفون قىلدۇق. ئىگىلەنگەن ئۇچۇرلار، ھەبىبۇللا توختىنىڭ كېسىلگەنلىكىنى ئېنىق دەلىللىمىگەن بولسىمۇ، شۇنداق بىر ئېھتىماللىقىنى چەتكە قاقمىغان.

تۆۋەندە مۇخبىرنىڭ ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتى نۆۋەتچى خادىمى بىلەن  ئۆتكۈزگەن تېلفون سۆھبىتى :

سوئال: ھەبىبۇللا توختى مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلامدۇ؟

جاۋاب: ياق، بۇرۇن مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇپ، ئەزھەرگە ئوقۇشقا كەتكەن.

سوئال: ئۇنىڭ كېسىلىپ كەتكەنلىكى راست گەپمۇ؟

جاۋاب: يېقىندا قويۇپ بېرىلىپتۇ دەپ ئاڭلىغان.

سوئال: قانچىلىك بولدى، سىز بۇ گەپنى ئاڭلىغىنى؟

جاۋاب: بىرەر ئايچە بولدى.

سوئال: ئۇنىڭ مۇشۇ مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا ئىلتىماس قىلغانلىقى توغرىمۇ؟

جاۋاب: شۇنداق. بىراق، سىياسىي تەكشۈرۈشتىن ئۆتەلمىگەچكە قوبۇل قىلىنمىغان.

سوئال: ئىلتىماس سۇنغان ۋاقتى قاچان؟

جاۋاب: بۇلتۇر 12‏-ئايلار، گوباۋدىكىلەر ئالماي تۇرۇڭلار دېگەچكە، بۇ يىل 1‏-ئايدا، باشقا 3 ئوقۇتقۇچىنى قوبۇل قىلدۇق.

ئۈرۈمچى شەھىرى باخۇلياڭ ساقچىخانا خادىمى بىلەن سۆھبەت:

سوئال: بۇرۇن مۇشۇ سىلەرنىڭ تەۋەلىكتىكى ئىسلام ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان ھەبىبۇللا توختىنى سىلەرنىڭ ساقچىخانا تۇتتىمۇ؟

جاۋاب: بۇ ئەھۋالنى تېلېفوندا دېسەك بولمايدۇ، بۇ مەخپىيەتلىك، مۇشۇ يەرگە كېلىڭ ئاندىن دەپ بېرىمىز.

سوئال: تۇتۇلغانلىقى راستمۇ؟
جاۋاب: ئۇ چاغدا كۆپ ئادەم تۇتۇلغان، بۇ ئەھۋالنى ساقچىخانا باشلىقىمىزدىن سوراڭ.

سوئال: ھەبىبۇللانى ساقچىخانىنىڭ باشلىقى تۇتقانمۇ؟

جاۋاب: پالانچىنى پالانچى تۇتىدۇ دەيدىغان گەپ يوق، تىزىملىكتە بولغاچقا تۇتۇلغان گەپ.

سوئال: قاچان تۇتۇلغان؟

جاۋاب: بۇنى دەپ بەرسەم بولمايدۇ.

سوئال: تۇتۇلغانلىقىنى بىلىسىز بولمىسا؟

جاۋاب: ھەئە.

سوئال: ئۆزىڭىز ئۇ چاغدا كۆپ ئادەم تۇتۇلدى دېدىڭىز، شۇ چاغ قاچان؟

جاۋاب: بۇ تېلېفون دېلو مەلۇم قىلىش تېلېفونى، ماقۇل ئەمىسە.

ئەركىن ئاسىيا راىئوسىغا كەلگەن مەكتۇپتا بايان قىلىنىشىچە، دوكتور ھەبىبۇللا توختى ئۈرۈمچىدە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئەلدىك ناملىق تېز تاماقخانىسىنىڭ بىر شۆبىسىنى ئاچقان. 3‏‏-دوختۇرخانىنىڭ ئۇدۇلىدا ئورۇن ئالغان بۇ ئاشخانىنىڭ مۇلازىمىتى ھەققىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى نۇر تورىدا ئېلان بېرىلگەن. مۇخبىر مەزكۇر ئېلاندىكى تاماق زاكاز قىلىش نومۇرىغا تېلېفون قىلغاندا . ئاۋاز ماشىنىسىدىن كەلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، مەزكۇر تېلېفوننىڭ پۇلى تۆلەنمىگەنلىكى ئۈچۈن تاقىۋېتىلگەنلىكىنى مەلۇم بولغان.
ئەركىن ئاىسيا رادىئوسىغا يوللانغان مەزكۇر مەكتۇپتا دوكتور ھەبىبۇللا توختىنىڭ 10 يىل كېسىلگەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن، يۇقىرىقى ئۇچۇرلاردىن ھەبىبۇللانىڭ كېسىلگەنلىكى تېخى دەلىللەنمىگەن بولسىمۇ، شۇنداق بىر ئېھتىماللىق چەتكە قېقىلمىغان.

مەنبە: ئەركىن ئاىسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*