ئاتۇش شەھىرىگىلا يەنە 48 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلماقچى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى پەقەت ئاتۇش شەھىرىگىلا يەنە جەمئىي 48 قوش تىل يەسلىسى كېڭەيتىپ قۇرۇشنى پىلان قىلغان بولۇپ، نۆۋەتتە بۇنىڭ 38 ئى تاماملىنىش باسقۇچىغا كىرگەن.

تەڭرىتاغ تورىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، مەزكۇر قۇرۇلۇشنىڭ «ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي ھەل قىلىش پىرىنسىپى» غا ئۇيغۇن كېلىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. خەۋەرگە قارىغاندا، نۆۋەتتە ئاتۇشتا ئەسلى بار بولغان قوش تىل يەسلىلىرىگە يەنە 98 يېڭى سىنىپ قوشۇلۇپ، بۇ يەنە 5940 نەپەر يېڭى يەسلى ئوقۇغۇچىسى قوبۇل قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئەتكەن. ئەمما خەۋەردە، ئاتۇش شەھىرىدە ئىلگىرى قانچە قوش تىل يەسلىسى بارلىقى، بۇلاردا جەمئىي قانچە ئوقۇغۇچى ئوقۇيدىغانلىقى كۆرسىتىلمىگەن.

خىتاي دائىرىلىرى يېقىنى بىر نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئاتالمىش قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلۇشىغا سېلىنىدىغان مەبلەغنى ھەسسىلەپ كۆپەيتكەن ۋە بۇ قۇرۇلۇشىنى بىۋاسىتە نازارەت قىلىدىغان خادىملارنى تەيىنلىگەن ئىدى. ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل 31-مايغا قەدەر پۈتۈن ئۇيغۇر ئېلى مىقياسى بويىچە قوش تىل يەسلىسىدە ئوقۇۋاتقان بالىلارنىڭ سانى 1 مىليوندىن ئاشقان. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى 2017‏-يىلى ئۇيغۇر رايونىدا يېڭىدىن 4387 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلىدىغانلىقى، ياكى كېڭەيتىپ قۇرۇلىدىغانلىقى، بۇنىڭغا يەنە 10 مىڭ ئوقۇتقۇچى قوبۇل قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى.

ئىلگىرى، بۇ ھەقتە ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان ئامېرىكا ئالەم قاتنىشى ئىدارىسىدىكى دوكتور ئەركىن سىدىق ئەپەندىم، خىتاي ئۇيغۇر رايونىدا يولغا قويغان قوش تىل مائارىپى سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيەتتە خىتاي تىلىنىلا ئاساس قىلغان يەك تىللىق مائارىپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئۇ، ئانا تىل مۇھىتىدىن ئايرىلغان ئاتالمىش قوش تىل مائارىپىنىڭ ماھىيىتىگە سوئال قويۇپ، ئۇيغۇر ئاتا-ئانىلارنى ئاگاھ بولۇشقا چاقىرغان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*