ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇننىڭ ئوچۇق خېتىگە جاۋاپ مەكتۇپ

– ئەركىن قەلەم 

شەرقى تۈركىستاندىكى  خىتايغا بېقىندى ھەر دەرىجىلىك ئەمەلدارلار نۆۋەتتە بەزىلىرى خالاپ، بەزىلىرى مەجبۇرلانغان ھالدا، ئاتالمىش ئۈچ خىل كۈچلەرگە قارشى مەيدانىنى ئىپادىلەپ ئوچۇق خەتلەر ئېلان قىلماقتا. بۇ  ئوچۇق خەتلەرنىڭ  مەزمۇنى  ئاشكارا ھالدا خىتايغا قۇلچىلىققا چاقىرىش بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئىدىيىۋى جەمئىيەتتىن يېتەكلەش رولى ئوينىيالمايدىغانلىقى ئېنىق. ئەمما بۇ ئوچۇق خەتلەر ئۇيغۇر جەمئىيىتىدىكى بىر قىسىم تېڭىرقاپ تۇرۇۋاتقان ياشلارنى ۋە ساددا ئاھالىلەرنى قايمۇقتۇرۇپ قېلىش ئېھتىمالمۇ يوق ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنى يېڭىدىن كۆزىتىۋاتقان بىر قىسىم چەتئەللىك كۆزەتكۈچى ۋە ئاخباراتچىلارمۇ، بۇ ئوچۇق خەتلەردىكى بەزى مەزمۇنلارغا ئىشىنىپ قېلىشى مۇمكىن. ۋەتەندىكى خەلقىمىزنىڭ بۇ ئوچۇق خەتلەر ئىچىدىكى  ناھايىتى ئۇستىلىق بىلەن بۇرمىلانغان بەزى پاكىتلارغا دەرھال ئىنكاس قايتۇرغۇسى بولسىمۇ ئۈنىنى چىقىرالماي بوغۇلۇۋاتقانلىقى ئېنىق.  شۇڭا مەن، چەتئەلدە ياشاۋاتقان بىر ئۇيغۇر مۇھاجىر بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۈگۈندىن باشلاپ بۇ ئوچۇق خەتلەرنىڭ بىر قىسمىنىڭ تولۇق، بىر قىسمىنىڭ ئايرىم مەزمۇنلىرىغا جاۋاب بېرىپ ئۆتمەكچىمەن. بۈگۈنكىسى ئوچۇق خەت ئېلان قىلغۇچىلارنىڭ باشلامچىسى كېرىيە ناھىيە، جاي يېزىلىق پارتكوم سېكرېتارى يېزا باشلىقى مەتتۇرسۇن ئوبۇلقاسىمنىڭ » ئۇيغۇر قېرىنداشلارغا ئوچۇق خەت» كە  جاۋابتۇر.     ئاخبارات ئورۇنلىرى ۋە  تەشكىلاتلار بۇ مەكتۇپلاردىن مۇۋاپىق كۆرگەن جايلىرىدىن   پايدىلانسا بولىدۇ.  مەكتۇپ ئۈزۈندى -جاۋاب شەكلىدە يېزىلدى.

   ئو. م :    مېنىڭ ئىسمىم ئوبۇلقاسىم مەتتۇرسۇن، ھازىر كېرىيە ناھىيىسى جاي يېزىلىق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، يېزا  باشلىقى. مەن دېھقان ئائىلىسىدە تۇغۇلۇپ چوڭ بولغان، ئاتا – ئانام يېڭى جۇڭگونىڭ جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلغانلىق تارىخىنىڭ شاھىتى، شۇنداقلا كومپارتىيە رەھبەرلىكىدە بەختىيار تۇرمۇشتىن بەھرىلەنگۈچى، ئائىلەمدىكىلەر جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ چوڭقۇر مېھىر – مۇھەببىتى ۋە شەپقىتىگە ئېرىشكەن.

ئە. ق:  ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە نىسبىتى 1% گىمۇ يەتمەيدىغان، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ھىمايىسىدە   كۈن كەچۈرۈۋاتقان بىر تەبىقىنىڭ ئەزاسى ئىكەنسىز.  سۆزلىرىڭىز سىز ياكى ئائىلىڭىزگە ۋەكىللىك قىلىشى مۇمكىن؛ ئەمما ئۇيغۇر  جەمئىيىتىنىڭ ھېچقانداق بىر قاتلىمىغان ۋەكىللىك قىلالمايدۇ، ھەتتا سىز مەنسۇپ بولغان شۇ تەبىقىغىمۇ.

ئو. م :   ھازىر دېھقانلىرىمىز ئاشلىق تېرىسا، باقمىچىلىق قىلسا، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى سېتىۋالسا، ئۆي سالسا تولۇقلىما بېرىلىدۇ، تۇرمۇشىدا قىيىنچىلىقى بارلار تۆۋەن تۇرمۇش كاپالەت پۇلىدىن بەھرىلىنىدۇ، «بەشتە كاپالەتلىك ئائىلىلەر»نى دۆلەت باقىدۇ، داۋالىنىشىمىز كاپالەتكە ئىگە، بالىلىرىمىز مەكتەپكە بارسا ئوقۇش پۇلى تاپشۇرمايدۇ، يەنە ياتاق، تاماق ھەقسىز، ۋەھاكازا… مەن دائىم: بىر قىسىم كىشىلەر نېمىشقا مۇشۇنداق ياخشى كۈنلەرنى قەدىرلىمەيدىغاندۇ، قوغدىمايدىغاندۇ؟ دەپ ئۆز – ئۆزۈمگە سوئال قويىمەن.

ئە.ق: ئۆزىڭىزگە بىخەتەر سوئاللارنى سورايدىكەنسىز، نېمە ئۈچۈن تۆۋەندىكى سوئاللارنى قويۇپ باقمايسىز: شىنجاڭنىڭ ( سىزدىن شەرقى تۈركىستان دېگەن نامنى كۈتمەيمىز)  تەبىئىي بايلىقلىرى نېمە ئۈچۈن ئىچكىرى ئۆلكىلىرىگە يۆتكەپ كېتىلىدۇ، يەرلىك خەلق بولغان ئۇيغۇرلار ئۇنىڭدىن پايدىلىنالمايدۇ؟ شۇنچە كەڭ زېمىن، شۇنچە زور تەبىئىي بايلىقنىڭ ئەسلى ئىگىسى بولغان ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن دېھقانچىلىق ۋە باقمىچىلىقتەك ئەڭ ئاددىي ئىشلەپچىقىرىشتىمۇ تولۇقلىمىغا موھتاج بولۇپ قالىدۇ؟ بەشتە كاپالەت ئائىلىلەر نېمە ئۈچۈن تا بۈگۈنگە قەدەر مەۋجۇت؟ ئۇيغۇرلار تۆۋەن كاپالەت پۇلى ئېلىپ دۆلەتكە بېقىنىپ ياشىغۇچە، ئۆزلىرى ئىشلەپ، ئۆزلىرى پۇل تېپىپ، مۇستەقىل ياشاش ئىمكانىغا نېمە ئۈچۈن ئېرىشەلمەيدۇ؟ شىنجاڭنىڭ ئاساسلىق ئىقتىسادىي ئەۋزەللىكى بولغان نېفىت ۋە  گاز قاتارلىق تەبىئىي بايلىقنى ئېچىش ۋە ئىشلەپچىقىرىش ساھەسىدە ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن ئورۇن ئالالمايدۇ؟ زامانىۋى سانائەت، ئالىي تېخنىكا ۋە خەلقئارا سودا ساھەسىگە ئۇيغۇرلار نېمە ئۈچۈن يېقىنلاشتۇرۇلمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئاپتونوم رايوندىن ناھىيىلەرگە قەدەر ھاكىمىيەت ئورۇنلىرىنىڭ بىرىنچى باشلىقلىرى ۋە خىزمەتچىلىرىنىڭ  مۇتلەق كوپ قىسمى خەنزۇ بولىدۇ؟ شىنجاڭدا خەنزۇلارنىڭ نوپۇسى 41% ئەمما، نېمە ئۈچۈن، ھاكىمىيەت ۋە خىزمەت ئورۇنلىرىدا 90% تىن كوپ نىسبەتنى خەنزۇلار ئىگىلىۋالىدۇ؟

بۇ سوئاللارنى نېمە ئۈچۈن كاللىڭىزغا كەلتۈرمەيسىز؟ يېزا باشلىقى ھوقۇقىڭىزدىن ئايرىلىپ قالىدىغانلىقىڭىز ئۈچۈنمۇ ياكى ئويلاش ئىقتىدارىڭىز ئاجىزمۇ؟

ئو. م : دۇنيادىكى ھەرقانداق ئادەم ۋە مىللەتنىڭ بەختى بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئۈستىگە قۇرۇلغان ئەمەس. ئەگەر بىرەر ئادەم جاھىللىق بىلەن بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق يولىنى تۇتسا، ئۇ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە زىت يولدا ماڭغان بولىدۇ؛ ئەگەر بىرەر مىللەت ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ئىدىيىسى يامرىسا، بۇ مىللەت چوقۇم غايەت زور بالايىئاپەتكە دۇچار بولىدۇ. «ئۈچ خىل كۈچ» مىللەتنىڭ مۇسكۇلىنى تەرەققىي قىلدۇرىدىغان شىپالىق دورا ئەمەس، بەلكى ئۇ مىللەتنىڭ ساغلام تەرەققىي قىلىشىغا زىيان يەتكۈزىدىغان يامان سۈپەتلىك ئۆسمە.

ئە. ق : سىز بۇ يەردە تىلغا ئالغان بۆلگۈنچىلىكنى مەن مۇستەقىلچىلىك، ئوز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەش ئۈچۈن كۈرەش قىلىش دەپ چۈشىنىمەن؛ بۈگۈن دۇنيادا بايلىق ، ئەركىنلىك  ۋە پاراغەتنىڭ ئۈلگىسى بولغان ئامېرىكا مۇستەقىللىقنىڭ مېۋىسىدۇر، بۇ ئۈلگىنى ياراتقان جېئورج  ۋاشىنگتون قاتارلىق كىشىلەر ئەينى دەۋرنىڭ بۆلگۈنچىلىرى ئىدى. سىز جۇش ئۇرۇپ تەرەققىي قىلدى دەۋاتقان جۇڭگونىڭ بايلىرى ۋە ئەمەلدارلىرى، ئۆز پەرزەنتلىرىنى بۈگۈن مانا بۇ دۆلەتتە تەربىيىلەۋاتىدۇ. سىز مەدھىيە ئوقۇۋاتقان  ئاسارەت ۋە قۇلچىلىق  دۇنيادا ھېچ بىر مىللەتنىڭ بەختىنى ئاچقان ئەمەس.

ئو. م :   يېقىنقى بىر مەزگىلدە ئارقا – ئارقىدىن يۈز بەرگەن تېررورلۇق ۋەقەلىرىگە قاراپ، ئۆز – ئۆزۈمدىن بىز ئۇيغۇرلار ھازىر نېمىگە ئەڭ   ئېھتىياجلىق؟ دەپ سورايدىغان بولدۇم. ئەجەبا، بىز بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق قۇترىغان جەمئىيەت قۇرۇشنى ئۈمىد قىلامدۇق؟ شۈبھىسىزكى، بۇ مۇتلەق كۆپ ساندىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تاللىشى ئەمەس، بۇ يەنە ھەرگىزمۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ مىللىي غايىسى ئەمەس. ئۇيغۇرلارنى بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق گىردابىغا ئاپارماقچى بولغان ھەرقانداق ئادەم ئۇيغۇرلارنىڭ دۈشمىنى.

ئە. ق:  ئەگەر  شىنجاڭدا تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىك بار دېيىلسە، بۇ گىردابقا ئاپارغانلار «ئۈچ خىل كۈچلەر»مۇ ياكى ، ئۇيغۇرلارغا ئەركىن پىكىر بايان قىلىش، ئۆزى خالىغان رەھبەرنى سايلاش، ئۆزى ئىشلەپ، ئۆزى تېپىپ باياشات ياشاش پۇرسىتى بەرمىگەن، پەقەت سىزگە ئوخشاش ھاكىمىيەتنى قوللىغۇچىلارغا  سۆزلەشكە سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ  قارشى گەپ قىلغانلارنى تۈرمىگە سولىغان ۋە ئاتقان خىتاي ھۆكۈمىتىمۇ؟

ئو. م  :ئەمما، ئىچىمىزنى ئاچچىق قىلىپ، بىزنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغىنى شۇكى، ھازىر ئاز بولمىغان ئۇيغۇرلار «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ مىللەتنىڭ كەلگۈسىگە قانداق بالايىئاپەتلەرنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تولۇق تونۇپ يېتەلمەي، بىخۇدلۇق ئىچىدە يۈرۈۋاتىدۇ؛ يەنە بەزىلەر «ئۈچ خىل كۈچ» ئۇيغۇرلارنىڭ مەنپەئىتىنى قوغداۋاتىدۇ، دېگەن ھاماقەتلەرچە قاراشتا بولۇۋاتىدۇ.

ئە.ق :  بىر راست گەپنى قىلىپسىز، توغرا، ئاز بولمىغان(كۆپ ساندىكى ) ئۇيغۇرلار «ئۈچ خىل كۈچلەر»نى مىللەتنىڭ مەنپەئەتنى قوغدايدۇ دەپ قارايدۇ، چۈنكى ئۇيغۇرلار ئەقلى نورمال بىر ئىنسانلار توپى، ھەققانىيەت تۇيغۇسىنى يوقاتقان ھايۋانلار توپى ئەمەس.

ئو. م : ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ئۆزۈڭلاردىن شۇنى سوراپ بېقىڭلار: ئافغانىستان خەلقىنىڭ تالىباننىڭ كونتروللۇقى مەزگىلىدىكى ئاشۇ تۇرمۇشى سىز ۋە ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ئىنتىلىشىمۇ؟

ئە. ق : ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىدا بىز ئىنتىلىدىغان قىممەتلىك بىر نەرسە بار، ئۇ بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىنى ئۆزلىرى ئىدارە قىلىۋاتقانلىقى، قوشنا دۆلەتلەردىن بىرلىرى كېلىپ » ئافغانىستاننى ئېچىش، ئافغانىستاننى گۈللەندۈرۈش كويىدا بولمايۋاتقانلىقى، ئافغانىستانغا تىنچلىق ئەكېلىمىز دېگەن كۈچلەرنىڭ : ئافغانىستان تارىختىن بۇيان بىزنىڭ پارچىمىز دېۋالماي ۋە كۆچمەن يۆتكىمەي،بىر مەزگىلدىن كېيىن زېمىننى ئوز خەلقىگە تاشلاپ بېرىۋاتقانلىقى.

ئو.م : سۈرىيەدىكىدەك ئەسەبىي تەشكىلات خالىغانچە قىرغىن قىلىدىغان، دۆلەت ۋەيران بولغان، خەلق ئازاب – ئوقۇبەتتە ياشاۋاتقان تۇرمۇش سىلەرنىڭ غايەڭلارمۇ؟ بىر قىسىم ئوتتۇرا شەرق دۆلەتلىرىدىكىدەك ئۇرۇش ئوتى ھەممە يەرنى قاپلىغان، ئائىلىلەر خانىۋەيران بولغان تىنچسىز مەنزىرىنى كۆرگۈڭلار بارمۇ؟ مېنىڭچە، كۆپچىلىك بۇنىڭغا بىردەك «ياق» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.

ئە.ق: ياق ئەمەس، ھەئە دەپ جاۋاب بېرىمىز چۈنكى، ئەسەبىي بىر تېررورچى تەشكىلاتنىڭ قىرغىنچىلىق، ئەسەبىي بىر تېررورچى دۆلەتنىڭ قىرغىنچىلىقىدەك قورقۇنچلۇق ئەمەس. ئۇرۇش مەيدانىدا ئۆلۈش، تۈرمىدە چىرىشتەك ئازابلىق ئەمەس، ئوتتۇرا شەرق مۇسۇلمانلىرىنىڭ دۆلەتمۇ دۆلەت قېچىپ جان قۇتقۇزۇشى، يېزىدىن يېزىغا رۇخسەتسىز بارالمايدىغان، قوشنىسىنىڭ ئۆيىدە  10 مىنۇتتىن ئارتۇق ئولتۇرسا ساقچىغا مەلۇم قىلىدىغان خوتەن ئاھالىلىرىنىڭ كۈنىگە سېلىشتۇرغاندا ئەركىندۇر،  راھەتتۇر . سىز قورقۇنچلۇق تەسۋىرلەۋاتقان ئۇ مەنزىرە ھەققىدە، سىزگە ئوخشاش سۆزلەش ئەركىنلىكى بولمىغان، غايىب ئوغلىنى ئىزدىگەنلىكى  ئۈچۈن بىر يىلدىن ئارتۇق قاماقتا يېتىپ چىققان ئۈرۈمچىدىكى پاتىگۈل غۇلام دېگەن ئايال ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىغا مۇنداق دەيدۇ:

» سۈرىيەدىكى ئانىلار مەندىن بەختلىك ئىكەن ، ئۇلار بالىسىنىڭ جەسىتىگە ئىگە بولالايدىكەن، ئۇلار ۋاي بالام دەپ يىغلىيالايدىكەن، يىغلىغانلىقى ئۈچۈن تۈرمىگە تاشلانمايدىكەن، پەلەستىنلىكلەر بىزدىن بەختلىك ئىكەن، ئۇلار ئۆلتۈرۈلسە ئاخباراتچىلار خەۋەر قىلالايدىكەن، دۇنيا بىلەلەيدىكەن، بىزدە بىر ئىنسان  ئۆلسە دۇنيا ئەمەس، قوشنا يۇرت بىلمەيدىكەن،»

 ئو. م :  ھەر بىر ئۇيغۇر «ئۈچ خىل كۈچ» غالجىرلاشقان ۋە ھەددىدىن ئاشقان ۋاقىتتا، بىر چەتتە قول قوۋۇشتۇرۇپ تۇرماي ياكى سۈكۈت قىلىپ تۇرماي، ئۇلارغا دادىللىق بىلەن قارشى تۇرساق، ……. دۇنيادا بىگۇناھ قازا قىلىدىغانلار  بولمىغان بولاتتى. ھاياتلىققا خائىنلىق قىلىش ۋە ئۇنىڭغا سەل قاراش ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغان ھەقىقىي مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەمەس.»

 ئە. ق : مۇسۇلمانلىقتىن ئېغىز ئېچىپسىز، ئاقنى قارا دەپ تەسۋىرلەش، ئادالەتسىزلىككە چاپان يېپىش، زۇلۇمغا شېرىك بولۇش، مۇسۇلماننىڭ ئىشى ئەسلا ئەمەس.

ئو. م. : بۇ يەردە بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلارنىڭ سەمىگە شۇنى سالماقچىمەن، بىز ۋەتىنىمىزدىكى ھەر مىللەت قېرىنداش ئاچا – سىڭىللار، ئاكا – ئۇكىلار بىلەن ئەسلىدىنلا بىر ئائىلە كىشىلىرى، دۆلەتنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداشتا ھەممىمىزنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى بار. «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى تۇرۇش ئۇيغۇرلارنىڭ ۋە ھەر مىللەت قېرىنداشلارنىڭ ئورتاق مەسئۇلىيىتى. ئۆز مەسئۇلىيىتىدىن ۋاز كەچكەن ھەرقانداق كىشى ۋەتەننى قىزغىن سۆيىدىغان كىشى ئەمەس.»

ئە. ق : بىرى يەنە بىرىنى يالماپ يۇتۇۋېتىش ، بىرى ئۆزىنى يەنە بىرىنىڭ چاڭگىلىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ھەرىكەت  قىلىۋاتقان  ئىنسانلار، ھەرگىز بىر ئائىلە كىشىلىرى ئەمەس. قانلىق ئۆلتۈرسۇن، قانسىز ئلۆلتۈرسۇن، چايناپ يوقاتسۇن، ئېرىتىپ يوقاتسۇن، ئۆلۈم -ئۆلۈمدۇر، ئۆلتۈرگۈچى قاتىلدۇر، ھېچقاچان باشپاناھ ياكى قۇتقۇزغۇچى ئەمەس.

ئو. م : «ئىنسانىيەت جەمئىيىتى زوراۋانلىققا چوقۇنىدىغان ئەخمىقانە دەۋردىن قۇتۇلغان. 21 – ئەسىردە تىنچلىقنى سۆيۈش، ئىنسانىي ھوقۇقنى قوغداش، كەڭ قورساق بولۇش ئىنسانىيەت جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي  قىممەت قارىشىغا ئايلاندى.»

ئە. ق: دېمەك-كى، دۇنيا ۋەزىيىتىنىڭ ئاساسى ئېقىمىدىن خەۋەردار ئىكەنسىز، قۇربان تۇلۇم سەۋىيىسىدە ساداقەتمەنلەردىن ئەمەسكەنسىز، بىر سوئال سوراي: بۈگۈنكى خىتاي  ھۆكۈمىتىدە كەڭ قورساقلىق بارمۇ؟  شەرقى تۈركىستاندا  ئىنسان ھەقلىرىدىن ئېغىز ئېچىش مۇمكىنمۇ؟

ئو. م: ھازىر ۋە كەلگۈسىدە بىر مىللەتنىڭ مەيلى قانداق غايىسى ۋە ئىنتىلىشى بولسۇن، بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىك ۋە تېررورلۇق ۋاسىتىسىگە تايانسا ئۇلار ئۆز مەقسىتىگە مەڭگۈ ئېرىشەلمەيدۇ.»

ئە. ق: ئۇنداقتا،مىللىتىمىز غايىسى ۋە ئىنتلىشلىرىگە  ئەسەبىيلىك ۋە تېرورلۇقتىن باشقىچە ۋاستىلارغا تايىنىش كېرەك دېمەكچىمۇسىز؟ خوش، توغرا گەپ، ئۇيغۇرلار مىللىي مەۋجۇتلۇقىنى قوغداشتىن ئىبارەت بۇ كۈرەشتە قايسى ۋاسىتىنى تاللىشى كېرەك؟  بۇ سوئالغا جاۋاب بېرىش ئەمەس، ئۈستىدە ئويلىنىشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغانلىقىڭىز بىر رېئاللىق.

ئو.م:   بۇ يەردە مەن ئۇيغۇرلارنىڭ «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ زىيىنىنى ئېنىق تونۇشىنى، ھەربىر ئۇيغۇرنىڭ بايرىقى روشەن ھالدا «ئۈچ خىل كۈچ»كە قارشى قەتئىي كۈرەش قىلىشىنى، تەشەببۇسكار ھالدا«ئۈچ خىل كۈچ»بىلەن تىغمۇ-تىغ قارشى مەيداندا تۇرۇشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمەن.

ئە. ق:  بۇ تەشەببۇسىڭىز خىتاي ئەمەلدارلارنىڭ قۇلىقىغا بەك ياقتى، شۇڭا ئۇيغۇر رايونىدا ئۈچ خىل كۈچكە قارشى جەڭ ئېلان قىلىش دولقۇنى قوزغالدى، بۇنىڭدىن بىزنىڭمۇ كۆڭلىمىز يېرىم ئەمەس، خەلقىمىز ھەقىقەت ئۈستىدە يەنىمۇ ئويلىنىش ، دوست-دۈشمىنىنى ئېنىق ئايرىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى.  ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ غالىپى ھەرۋاقىت بىز، چۈنكى ھەقىقىئەت بىز تەرەپتە.

 ئو. م:  شۇنداق قىلغاندىلا «ئۈچ خىل كۈچ» ئاممىدىن ئىبارەت بۇ پايانسىز  دېڭىزدا غەرق بولۇپ تۈگىشىدۇ، شۇندىلا ئۇيغۇرلار كەلگۈسىدە روناق تاپالايدۇ، باشقىلارنىڭ ھەقىقىي ئېتىراپ قىلىشىغا ۋە قوبۇل قىلىشىغا ئېرىشەلەيدۇ.»

ئە. ق:  ئارىلاپ-ئارىلاپ، بىلىپ بىلمەي ھەقنى سۆزلەپ قېلىۋاتىسىز، توغرا دېگىنىڭىزدەك، ئۇيغۇرلارنىڭ بۈگۈنكى ياشاش ھوقۇقىنى ۋە تارىختىكى سەلتەنەتلىرىنى ئېتىراپ قىلمايۋاتقانلار بار، ئۇلار بولسىمۇ خىتاي ھاكىمىيىتى  ۋە ئۇنىڭ چاپارمەنلىرى. ئەمما، ئېتىراپ قىلىنىش ھەرگىز دۈشمەنگە باش ئېگىش، قۇللۇقنى قوبۇل قىلىش بىلەن بولمايدۇ.

 ئو. م: ««ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئەڭ چوڭ زىيىنى شۇكى، ئۇلار دىنىي «غازات» نامىدىن پايدىلىنىپ، كىشىلەرنىڭ روھىنى خۇنۈكلەشتۈرىدۇ، ئۇلارنى ئۆزى ئۈستىدە ئويلىنىش، ئۆزىنى قۇتقۇزۇش ئېڭىدىن مەھرۇم قىلىپ، ئەسەبىي ئۇنسۇرلار ۋە تەلۋە تېررورچىلارغا، ئۆزى ۋە باشقىلارنىڭ ھاياتىغا سەل قارايدىغان، ئۆزى ۋە باشقىلارنى قىلچە قەدىرلىمەيدىغان مەخلۇققا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ. بىر ئادەم ياكى بىر جەمئىيەت، بىر مىللەت ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلمىسە، ئۇلارنىڭ بەختلىك تۇرمۇشى ۋە گۈزەل كەلگۈسى بولارمۇ؟»

ئە . ق : ئەركىنلىك ۋە  ئادالەت ئۈچۈن جېنىنى پىدا قىلىۋاتقانلار ھەرگىز  ھاياتنىڭ قىممىتىنى بىلمىگەنلەر ئەمەس،  ئۇلار ھاياتنىڭ قانچىلىك قىممەتلىك بولغىنىنى بىلگىنى ئۈچۈنلا، يۈز مىڭلىغان كىشىلەرنىڭ ھاياتى ۋە بەخت سائادىتى ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ھاياتىنى قۇربان قىلىۋاتىدۇ؛ ئۆزىنىڭ ئىسسىق جېنىنى  مۇستەقىللىق كۈرىشىدىن ئىبارەت بۇ يولغا بىر خىش، بىر تاش سۈپىتىدە تەقدىم قىلىۋاتىدۇ.

 ئو.م: ئۇيغۇر قېرىنداشلار، ھەممىمىز ھەرىكەتكە كېلەيلى! ئەقلىمىز بىلەن «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ رەزىل ماھىيىتىنى ئېنىق تونۇپ، …. قەيسەر ئىرادىمىز ئارقىلىق «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ھىيلە – نەيرەڭ، سۈيىقەستىنى بىتچىت قىلىپ، بۇ جىنايەتچى ئۇنسۇرلارغا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان ھېچقانداق بوشلۇق قالدۇرمايلى!

ئە. ق: بۇ سەپەردە سىز بىلەن قول تۇتىشىدىغانلار چىقىدۇ، ئەمما قەلبى تۇتىشىدىغانلار چىقمايدۇ، مىللەت خائىنلىرىدىن باشقا !….

 

Leave a Comment

*

*