پەيزىۋات بارىندا قېينى مومىسىنىڭ نەزىرىگە بارمىغان ماھمۇتجان ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن قاماقتا

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ چەتئەلدىن قايتۇرۇلغان ئوقۇغۇچىلار ھەققىدە پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزىسىدىكى سېكرېتار ۋە ساقچى خادىملىرى بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتى داۋامىدا، بارىننىڭ 1-كەنتىدىنلا 7 كىشىنىڭ تۈرمىدە ۋە 10 كىشىنىڭ قاماقتا ئىكەنلىكى، تۇتقۇنلاردىن 25 ياشلىق ماھمۇتجان ئابدۇرېھىمنىڭ ۋاپات بولغان قېينى مومىسىنىڭ نەزىرىگە بارمىغانلىقى ئۈچۈنلا ئەسەبىيلىك گۇمانى بىلەن تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى ئاشكارىلانغان. يەنە مەلۇم بولۇشىچە، تۈرمىدىكىلەردىن 22 ياشلىق پاتىمە تۇرسۇن پاكىستانچە كىيىنگەنلىكى ئۈچۈن ئەسەبىيلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ 3 يىلنىڭ ئالدىدا 7 يىللىق كېسىلگەن.

خىتاي ئاخباراتلىرىدا دېيىلىشىچە، 2014-يىلى باشلانغان «بىر يىل قاتتىق زەربە بېرىش» دولقۇنى 2015-يىلى مۇددىتى توشقاندىن كېيىن، «زەربە بېرىشتە يۇقىرى بېسىمنى ساقلاش» نامى ئاستىدا داۋاملاشقان ئىدى. مەلۇم بولۇشىچە بۇ دولقۇن، بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان يەنە بىر بالداق يۇقىرى باسقۇچقا كۆتۈرۈلگەن ۋە كەنت كادىرلىرى بۇ باسقۇچنى «ئىككىنچى قېتىملىق قاتتىق زەربە دولقۇنى» دەپ ئاتاشماقتا. پەيزىۋاتنىڭ 2 مىڭ نوپۇسلۇق 1-كەنتىدە دەسلەپكى دولقۇندا 7 كىشى كېسىلگەن بولسا، بۇ قېتىمقىسىدا 10 كىشى تۇتقۇن قىلىنغان. بۇ 10 كىشىنىڭ 3 نەپىرى 7 يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئاتالمىش ئەكسىلئىنقىلابىي تەشۋىقات ۋارىقىنى قولىغا ئېلىپ قالغانلىقى ئۈچۈن، بىر نەپىرى گۇمانلىق دىنىي زاتلار بىلەن ئالاقە قىلىپ قويغانلىقى ئۈچۈن، يەنە بىر نەپىرى بولسا، ۋاپات بولغان قېينى مومىسىنىڭ نەزىرىگە بارمىغان ۋە يىغلىمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان.

ئۇيغۇر رايونىدىكى بىر ئادۋوكاتلار تورىدا ئالدىنقى يىلى ئېلان قىلىنغان «دىنىي ئەسەبىيلىكنىڭ 75 خىل ئالامىتى» ناملىق قوللانمىدا، نەزىرگە بارماسلىق ۋە نەزىر ئۆتكۈزمەسلىكمۇ ئەسەبىيلىكنىڭ ئالامىتى دەپ كۆرسىتىلگەن، ئەمما ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى يېقىندا تەستىقلىغان ئەسەبىيلىكنى يوقىتىش نىزامنامىسىدە، ئەسەبىيلىكنىڭ 15 خىل ئالامىتى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن بولۇپ، بۇنىڭدا نەزىر ماددىسى يوق. مەزكۇر كەنتتە 2014-يىلى تۇتۇلۇپ كېسىۋېتىلگەن 22 ياشلىق پاتىمە تۇرسۇن پاكىستانچە كىيىنگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان. دەسلەپتە ئۈرۈمچى باجاخۇ تۈرمىسىگە تاشلانغان پاتىمە تۇرسۇن نۆۋەتتە قەشقەردىكى بىر تۈرمىدە جازا مۇددىتىنى ئۆتىمەكتە.

بارىن يېزىلىق 1-كەنتنىڭ سېكرېتار ۋە ساقچىسىنىڭ بايان قىلىشىچە، نۆۋەتتىكى قاتتىق زەربىدە تۇتۇلغان ۋە ئۈستىدىن دېلو تۇرغۇزۇلغانلار، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئالدىدا كېسىلگەنلەردىن بىر قىسمىنىڭ كىملىكلىرى تۆۋەندىكىچە:

مويدىن مەخەش (53)، ھەبىبۇللا ئابلىز (56)، خۇدابەردى ئابلىز (34)، راخمان غوپۇر (33)، ئالىم غوجى (37)، ياسىن خۇدابەردى(50)، ياسىن مەخەت (36)، ئۈمىد ئەخەت (42)، مىجىت كېرىم (45)، ئابدۇرۇسۇل ئىسمائىل (25)، پاتىمە تۇرسۇن (22)، ماخمۇتجان ئابدۇرېھىم(25)

يۇقىرىدا پەيزىۋاتنىڭ بارىن يېزا 1-كەنتىدە 25 ياشلىق ماھمۇتجان ئابدۇرېھىمنىڭ قېينى مومىسىنىڭ نەزىرىگە بارمىغانلىقى ئۈچۈن ئەسەبىيلىك بىلەن گۇمانلىنىپ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە مەلۇمات بېرىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*