ئۇيغۇر دىيارىدا قونالغۇ خېرىدارلىرىنىڭ ئۇچۇرلىرى ساقچىخانىلارغا ئاپتوماتىك يوللىنىدۇ

مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مېھمانخانا خېرىدارلارنىڭ كىملىك ۋە پاسپورت ئۇچۇرلىرىنى ئاپتوماتىك ھالدا ساقچىخانىلارغا يوللاش ئومۇملاشقان.  ئەركىن ئاسىيا رادىيوسى ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، بولۇپمۇ جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى مېھمانخانىلاردا مۇسۇلمانلارغا قارىتا تەكشۈرۈش ۋە دىنىي ئېتىقاد چەكلىمىسىنىڭ ئۈرۈمچىگە سېلىشتۇرغاندا قاتتىقلىقى ئاشكارىلانغان. مېھمانخانا خادىملىرى بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنى، مۇقىملىقنى قوغداش ئېھتىياجى، دەپ ئىزاھلىغان.

رادىئوغا كەلگەن ئىنكاسلاردا بۇلتۇردىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدىكى مېھمانخانىلاردا بىخەتەرلىك ئېھتىياجى نامىدا، مېھمانخانا خېرىدارلارنىڭ شەخسى ئۇچۇرلىرى يەرلىك ساقچىخانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقى، بولۇپمۇ چەتئەل پاسپورتلىرى بىلەن يۇرتىغا تۇغقان يوقلاش ياكى ساياھەت ئۈچۈن بارغان ئۇيغۇرلارنىڭ نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلىنىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

ئۈرۈمچى، خوتەن، قەشقەر قاتارلىق شەھەرلەردىكى بىرقانچە مېھمانخانىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا مېھمانخانىلارغا چۈشمەكچى بولغان خېرىدارلارغا قارىتا كىملىك ۋە پاسپورت نومۇرلىرىنى بىر تۇتاش تىزىملاش تۈزۈمى يولغا قويۇلۇپ، خېرىدارغا دائىر شەخسى ئۇچۇرلارنىڭ ئاپتوماتىك ھالدا يېقىن ئەتراپتىكى ساقچىخانىلارغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقى مەلۇم بولغان.

ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم مېھمانخانىدىن تېلېفونىمىزنى ئالغان بىر نەپەر ئۇيغۇر خادىم، مېھمانخانىغا چۈشمەكچى بولغان خېرىدارلارنىڭ كىملىك، يانفون نومۇرى قاتارلىق مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىنى قالدۇرۇپ قويۇشى كېرەكلىكى، رەسمىيەتنىڭ خېرىدار كەلگەندە يۈز تۇرانە ئۆتىلىدىغانلىقىنى ۋە تىزىمغا ئېلىنغان كىملىك ياكى پاسپورت ئۇچۇرى شۇ تەۋەلىكتىكى ساقچى ئورۇنلىرىغا يوللاپ بېرىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۈرۈمچى ئايرودرومى يېنىدىكى تيەنيۈەن مېھمانخانىسىنىڭ ئايال خادىمى بۇ تەدبىرنىڭ بىخەتەرلىكنى قوغداشتىكى مۇھىم تەدبىرلەرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ: «مېھمانخانىمىز ئۈرۈمچى ئايرودرومى رايونىدا، مېھمانخانىمىز ئەتراپىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىمۇ ياخشى ئېلىنغان. مېھمانخانىمىزدا ياتاق ئالماقچى بولغانلاردىن كىملىك تەلەپ قىلىنىدۇ، ئەگەر چەتئەللىك بولسا، پاسپورتى تىزىمغا ئېلىنىپ، ساقچىخانىغا يوللاپ بېرىلىدۇ» دېگەن.

ئۈرۈمچى قىزىلبايراق يولى مېھمانخانىسىدىن تېلېفون ئالغان خىتاي مۇلازىمەتچىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خېرىدارلارغا ئائىت ئۇچۇرلارنىڭ ساقچىخانىلارغا يوللىنىشى، رايوننىڭ مۇقىملىقنى قوغداش ئېھتىياجىدىن بولغان.
مەزكۇر مېھمانخانىنىڭ ئەر مۇلازىمەتچىسى مېھمانخانىدا يولغا قويۇلغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «مېھمانخانىمىزدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىلگىرىكىدىن ئەلۋەتتە كۈچەيتىلدى. گەرچە ھازىرغا قەدەر مېھمانخانىدا ياتاق ئالماقچى بولغان ئۇيغۇرلارغا قارىتا ياتاق بەرمەسلىك ھەققىدە، خىتاي ئۆلكە، شەھەرلىرىدىكىدەك چەكلىمىلەر ياكى ساقچىلارنىڭ يازما ئۇقتۇرۇشى بولمىسىمۇ، ئەمما مېھمانخانىغا چۈشمەكچى بولغان ئۇيغۇرلار يەنىلا نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولماقتا. مېھمانلارنىڭ كىملىكى ياكى پاسپورتلىرى تىزىملىنىپ، مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنىڭ ساقچىخانىغا يوللىنىشى ھازىر رەسمىي تۈزۈم سۈپىتىدە يولغا قويۇلدى.»

بۇ يىل 14-فېۋرال يۈز بەرگەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن، قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى يولغا قويۇلغان جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەن ۋە قەشقەر شەھىرىدىكى مېھمانخانىلارغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، مېھمانخانا خېرىدارلىرىغا قويۇلىدىغان تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنىڭ ئۈرۈمچىدىن قاتتىقلىقى، بولۇپمۇ چەتئەل پاسپورتىدىكى خېرىدارلارغا قارىتا مۇسۇلمانلارنىڭ دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىدىن ناماز ئوقۇشنى چەكلەش قاتارلىق بەلگىلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.

خوتەندىن تېلېفون قۇبۇل قىلغان مەلۇم مېھمانخانىنىڭ ئۇيغۇر خادىمى يېقىندىن بۇيان مېھمانخانىنىڭ خېرىدارلارغا قارىتىلغان تەكشۈرۈشنىڭ چىڭىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ بايانىدا، بولۇپمۇ چەتئەللىك خېرىدارلارغا قارىتا ئاۋۋال ئۇلارنىڭ پاسپورتىدىكى ئۇچۇرلار يەرلىك ساقچىخانىلارغا يوللىنىدىغانلىقىنى، ساقچىخانىلارنىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن ئاندىن چەتئەللىكلەرنىڭ مەزكۇر مېھمانخانىدىن ياتاق ئالسا بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خوتەن بوغدا مېھمانخانىسىنىڭ خىتاي مىللىتىدىن بولغان ئايال خادىمى، خوتەندە ئالاھىدە ساقچىلارنىڭ رايون بىخەتەرلىكىنى قوغداۋاتقانلىقى ئۈچۈن، رايون ۋەزىيىتىنىڭ نۆۋەتتە تىنچ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ، مەزكۇر مېھمانخانىغا چەتئەللىك ساياھەتچىلەرنىڭ كۆپ كېلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى: «ھازىر ۋەقە يۈز بەرسە ئالاھىدە ساقچىلار 5 مىنۇتقا قالماي يېتىپ كېلىدۇ، مېھمانخانىمىزدا خوتەنگە ساياھەتكە كەلگەن چەتئەللىك خېرىدارلار كۆپرەك. بۈگۈنمۇ 24 نەپەر چەتئەللىك بار. چەتئەللىكلەر مېھمانخانىمىزدا يېتىش ئۈچۈن پاسپورتى ئارقىلىق تىزىملىتىدۇ، خېرىدارغا ئائىت مۇھىم ئۇچۇرلارنىڭ ھەممىسى بەلگىلىمىلەر بويىچە ساقچى ئىدارىسىگە يوللاپ بېرىلىدۇ.»

ئۇنىڭدىن ئوتتۇرا ئاسىيا ئەللىرى ۋە ئەرەب دۆلەتلىرىدىن خوتەنگە ساياھەتكە كەلگەن مۇسۇلمان خېرىدارلارغا قارىتا قانداق شەرتلەرنىڭ بارلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ سوئالىمىزغا جاۋاب بېرىپ: «چەتئەللەردىن كەلگەن مۇسۇلمان ساياھەتچىلەرگە قارىتا، ئاياللار يۈزىنى ئېتىپ، قارا كۆزەينەك تاقىۋالمىغان بولسىلا، ئۇلارنىڭ بېشىغا ئارتقان ياغلىقى چەكلىمىگە ئۇچرىمايدۇ. مېھمانخانىمىزدا مۇسۇلمانلار ئۆزىنىڭ ياتاق ئۆيىدە ناماز ئوقۇسا بولىدۇ، ئەمما خېرىدارلارنىڭ مېھمانخانا زالى قاتارلىق ئاممىۋى سورۇنلاردا ناماز ئوقۇشى چەكلىنىدۇ» دېگەن.

قەشقەردىن تېلېفونىمىزنى ئالغان ئۇيغۇر مېھمانخانا خادىمى بۇلتۇردىن بۇيان قەشقەردىكى بارلىق مېھمانخانىلاردا خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنىڭ ساقچىخانىلارغا ئاپتوماتىك يوللاپ بېرىش تەدبىرى يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خېرىدارلارنىڭ ئۇچۇرلىرى خاتىرىلىنىدىغان كومپيۇتېرلارنىڭ ساقچىلار تەرىپىدىن مېھمانخانىلارغا بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ خادىم يەنە، مېھمانخانىنىڭ بەلگىلىمىسىدە، خېرىدارلارنىڭ ناماز ئوقۇش قاتارلىق دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىدىغانلىقى چەكلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇ خىل بەلگىلىمىلەرنىڭ مېھمانخانىغا چۈشكەن چەتئەللىك خېرىدارلار ئۈچۈنمۇ ئوخشاش ئىجرا قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

يېقىندىن بۇيان، خەلقئارا تاراتقۇلاردا ئۇيغۇر رايونىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار يەنە كۆپىيىپ، دائىرىلەرنىڭ مۇقىملىقنى قوغداش نامىدا ئۇيغۇر دىيارىدا يولغا قويغان بىر قاتار قاتتىق قول تەدبىرلىرى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئەيىبلىشىگە ئۇچراۋاتقان ئىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*