ئۇيغۇر دىيارىدا قىزىل ساياھەت تەشۋىقاتى كۈچەيتىلمەكتە

قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدىكى تەشۋىقات سۈرەتلىرى.

يېقىندىن بۇيان خىتاي تاراتقۇلىرىدا ئۇيغۇر دىيارىدا قىزىل ساياھەت پائالىيىتى كۈچەيتىلگەنلىكى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر كۆپەيدى. ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن نۆۋەتتە شىخەنزە شەھىرىدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مۇزېيى ۋە خوتەن كېرىيە ناھىيىسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى قاتارلىقلار خىتاينىڭ دۆلەت دەرىجىلىك قىزىل ساياھەت مەركەزلىرى دەپ بەلگىلەنگەن. بۇلتۇردىن بۇيان ئوقۇغۇچىلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىنى بۇ جايلاردا كوللېكتىپ ساياھەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇش كۆپەيگەن. چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا قارىتا مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش ھەرىكىتى دەپ تەنقىدلىمەكتە.

3-ماي كۈنىدىكى خىتاي ھۆكۈمەت تاراتقۇلىرىدا، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ساياھەتچىلىكىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا مەسئۇل ئەمەلدارى يەنى ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت تەرەققىيات گۇرۇپپىسىنىڭ پارتكوم سېكرېتارى يۈ خۇەننىڭ قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلاردىكى ساياھەت نۇقتىلىرىغا كۆرسەتمە بېرىپ، «قىزىل ساياھەت» نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىشنى ۋە قىزىل تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلىكى خەۋەر قىلىندى.

خىتاي خەۋەرلىرىدە تىلغا ئېلىنىشىچە، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدار يۈ خۈەن 1-ماي كۈنى خوتەن كېرىيە ناھىيىسىدىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيىدە زىيارەتتە بولغان ۋە قۇربان تۇلۇمنىڭ نەۋرىلىرىدىن ياسىن مەمەت ۋە ئىلگىرى لىئاۋنىڭ ئاۋىئاماتكىسىدا ئايال ئەسكەر بولغان نەۋرە قىزى رۇقىيە مەتسەيدى قاتارلىقلار بىلەن كۆرۈشكەن. يۈ خۈەن يەنە قۇربان تۇلۇم خاتىرە ئۆيىگە ئوخشاش «قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرى» نى كۆپەيتىشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلىگەن. ئۇ خوتەندىكى ساياھەت خادىملىرىغا سۆز قىلىپ: «قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرىدىكى ھەر بىر پارچە سۈرەت، ھەر بىر قۇر كىيىمنى ئىنچىكە كۆزىتىشىمىز، چۈشەندۈرۈشىمىز، بۇلارنىڭ تەشۋىقات رولىنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىشىمىز كېرەك. قۇربان تۇلۇمنىڭ بېيجىڭغا بېرىپ ئەينى چاغدىكى رەئىسىمىز ماۋ زېدۇڭ بىلەن كۆرۈشكەنلىكى ھەققىدىكى ھېكايە تارقالغىلى يېرىم ئەسىر بولدى. قۇربان تۇلۇم روھى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ كومپارتىيىگە، ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزگە بولغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى قەدىرلەش تۇيغۇسىنى ئىپادىلەشتىكى ئەڭ ياخشى ئۆرنەك. قۇربان تۇلۇمغا ئوخشاش بۇ خىل ئۆرنەكلەر تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىشىمىز، ئۇنىڭدىن ‹ئىناق جەمئىيەت بەرپا قىلىش، ئەسەبىي كۈچلەرگە زەربە بېرىش› تە قورال سۈپىتىدە پايدىلىنىشىمىز كېرەك» دېگەن.

ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىغا تېلېفون قىلىپ ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر دىيارىدا «قىزىل ساياھەت پائالىيىتى» نى كۈچەيتىش تەكىتلىنىۋاتقانلىقى، خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان خوتەندىكى قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيىدىن باشقا يەنە، شىخەنزەدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مۇزېيى قاتارلىق جايلارنىڭمۇ خىتايدىكى نۇقتىلىق «قىزىل ساياھەت ئورنى» نىڭ تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەنلىكى، مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى، ئىدارە-جەمئىيەت خادىملىرىنى ئاساس قىلىپ تەشكىللەنگەن ساياھەت ئۆمەكلىرىنىڭ شىخەنزەدىكى قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرىغا كېلىپ ساياھەت قىلىش قېتىم سانى كۆپەيگەنلىكى مەلۇم بولغان.

شىخەنزە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئايال خادىمى شىخەنزەدىكى بىرقانچە جاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىلا ئەمەس، بەلكى خىتاي بويىچە نۇقتىلىق ساياھەت قىلىنىدىغان «قىزىل ساياھەت نۇقتىسى» ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ مۇنداق دېگەن: «شىخەنزە شەھىرىدە مەملىكەتلىك «قىزىل ساياھەت نۇقتىسى» دىن ئۈچ جاي بار. ئۇلار ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مۇزېيى، 1-باتاليون بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش مەيدانىدىكى گەمە ئۆيلەر ۋە ئىلگىرىكى باش مىنىستىر جۇ ئېنلەي خاتىرە سارىيى قاتارلىق جايلار. بۇ نۇقتىلار ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسىنىڭ ئەينى يىللىرىدىكى ئىگىلىك تىكلەش روھىنى نامايان قىلغانلىقى ئۈچۈن، بۈگۈنكى كۈندە مەملىكەت دەرىجىلىك ‹قىزىل ساياھەت نۇقتىسى› شەرىپىگە ئېرىشتى. بولۇپمۇ بۇلتۇردىن بۇيان مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ۋە ئىدارە‏-ئورگانلاردىكى ئىشچى-خىزمەتچىلەر ئاساسىدا تەشكىللەنگەن ساياھەت ئۆمەكلىرى شىخەنزىگە كېلىپ ‹ قىزىل ساياھەت پائالىيىتى› دە بولۇۋاتىدۇ. قىزىل تەشۋىقات نۇقتىلىرىدا ساياھەتتە بولغۇچىلاردىن ھەق ئېلىنمايدۇ، پەقەت كىملىك ئارقىلىق تىزىملىتىپ كۆرگەزمە نۇقتىلىرىغا كىرسە بولىدۇ.»

ئۇيغۇر دائىرىلىرى يېقىندىن بۇيان تەكىتلەۋاتقان مەزكۇر «قىزىل ساياھەت تەشۋىقاتى» چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە پائالىيەتچىلەرنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى ۋە ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندىلەر خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا يەنە كۈچەيتىۋاتقان «قىزىل ساياھەتچىلىك تەشۋىقاتى»غا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئاتالمىش «قىزىل ساياھەت» نۇقتىلىرى ئارقىلىق، دائىرىلەرنىڭ نۆۋەتتە ھەر خىل ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۇيغۇر ئەۋلادلىرىغا قارىتا «مېڭە يۇيۇش» مەقسىتىدىكى قىزىل تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باياناتچىسى دىلشات رىشىت ئەپەندى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساياھەت ئىشلىرىغا مەسئۇل ئەمەلدارىنىڭ «قۇربان تۇلۇم خاتىرە سارىيى»نى قىزىل ساياھەت نۇقتىسى دەپ تەكىتلىشى ۋە قۇربان تۇلۇم ئەۋلادلىرىنى مىللىي ئىناقلىق ئۈلگىسى دەپ مەدھىيىلىشىنى «دائىرىلەرنىڭ زورلۇق بىلەن بېسىۋېلىنغان ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈۋاتقان مۇستەملىكىلىك مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىنى ئاقلاش ۋە ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا، خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئاتالمىش شەپقىتىگە مىننەتدارلىق بىلدۈرۈشكە زورلاشقا ئۇرۇنۇش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئېلشات ئەپەندى، ئۆزى ئىلگىرى شىخەنزە شەھىرىدە تۇرغانلىقى ئۈچۈن، شىخەنزەدىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش ئارمىيىسى مۇزېيى قاتارلىق قىزىل ساياھەت نۇقتىلىرى بىلەن تونۇشلۇقىنى بىلدۈرگەن.

ئېلشات ھەسەن ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارادا قاتتىق تەنقىدكە ئۇچراۋاتقان «بىڭتۇەن» دىن ئىبارەت قانۇنسىز ئورگاننى قىزىل تەشۋىقات مەركىزى قىلىشتىكى مەقسىتىنى بايان قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىڭتۇەندە بۇ خىل تەشۋىقات نۇقتىلىرىنى كۆپەيتىشىدىكى مەقسىتى، ياش ئەۋلادلارغا قارىتا «مېڭە يۇيۇش تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش» ئارقىلىق ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىنى ئاقلاش ۋە ئۇيغۇرلارغا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ھەيۋىسىنى كۆرسىتىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەنبە:  ئەركىن ئاىسيا  رادىئوسى

Leave a Comment

*

*