مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ئىزتىراپ چەكمەكتە (1)

مىسىردا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يېقىنقى يىللاردا 5، 6 مىڭغا يەتكەنلىكى ھەققىدە تولۇقسىز مەلۇماتلار تارقىلىپ كەلگەن ئىدى، ھالبۇكى مىسىر ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئىچىدە شۇ تاپتا ئەنسىزلىك ھۆكۈم سۈرۈۋاتقان بولۇپ، كۆپىنچىسى بار بىساتىنى سېتىپ، ئىجارە ئالغان ئۆيلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، ئوقۇشىنى، بۇ يۇرتتىكى ھاياتىنى تەرك ئەتمەكتە ئىكەن. بۇنىڭغا يېقىندا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى 5-ئاينىڭ 20 ‏- سىگىچە يۇرتىغا قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرۇپ بېسىم ئىشلەتكەنلىكى سەۋەب بولغان. مىسىردىكى ئۇيغۇر تالىپلارنىڭ بىر قىسمى گۆرۈگە ئېلىنغان ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىدىن ئەنسىرەپ، ئوقۇشىنى تاماملىماي قايتىشقا مەجبۇر بولغان بولسا، قايتىپ كەتكەنلەرنىڭ غايىپ بولغانلىقى، ئېغىر جازالىنىۋاتقانلىقىدەك ئۇچۇرلار، نەچچە مىڭ چاقىرىم يىراقتىكى خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ ھەر خىل ئۇسۇللاردىكى تەھدىتلىرى ئىلىم تەھسىل قىلىش ئۈچۈن مۇساپىر بولغان ئۇيغۇر تالىپلارنى گاڭگىرىتىپ قويغان. ئۇلار «كېتىشىمىز كېرەكمۇ ‏- قېلىشىمىزمۇ ؟ ئاتا – ئانىلاردىن كېچىشىمىز كېرەكمۇ ، ئارزۇ – ئارماندىنمۇ ؟..» دېگەندەك تېڭىرقاش، شۇنداقلا چوڭقۇر روھىي بېسىم ۋە ئىقتىسادىي بېسىملار ئىچىدە ئىزتىراپ چەكمەكتە ئىكەن. مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ۋەزىيىتى ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىدىمۇ بەلگىلىك ئەندىشە پەيدا قىلماقتا.

مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن يېقىنقى كۈنلەردە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىمىزگە قارىغاندا، گەرچە قاھىرەدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ۋە ياكى مىسىر دائىرىلىرى ياكى ئۇلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردىن بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قايتۇرۇش ھەققىدە

مەخسۇس ئۇقتۇرۇش بولمىسىمۇ، ئەمما يېقىنقى بىر ئاي ئىچىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسىگە دەرھال يۇرتقا قايتىپ كېلىشى كېرەكلىكى، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن ۋە شۇندىن كېيىن ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن تېلېفون ئالاقىسىمۇ ئۈزۈلگەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئائىلىسىدىن كېلىۋاتقان تۇرمۇش راسخوتلىرى ئۈزۈلۈپ قالغان، خىتاي كونسۇلخانىسىمۇ دەل مۇشۇ پەيتتە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە داۋاملىق ئوقۇشى ۋە ئىقامەت ئېلىشىغا مۇناسىپ زۆرۈر ھۆججەت ۋە ئىسپات چىقىرىپ بېرىشنى رەت قىلىشقا باشلىغان. ئامالسىزلىقتا بىر قىسىم بالىلار ھەممىنى تاشلاپ يۇرتلىرىغا قايتقان. بىر قىسمى تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەرگە بېرىشنىڭ يولىنى ئىزدىمەكتە ئىكەن. ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقىنىغا 2 يىل بولغان، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمىغان بىر تالىپ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، يېقىنقى كۈنلەردە ئەل ئەزھەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپلەپ كېتىشى بىلەن، قاھىرەدىكى ئۇيغۇرلار ئەڭ كۈپ يىغىلغان 7- رايوندىكى مەدىنە ئەن نەسىر كوچىسىمۇ غېرىبانە بىر جايغا ئايلىنىپ قالغانلىقىنى، قالغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھەممىسىدە بىر ئۇمىدسىزلىك، غەم ئەندىشە ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ دېيىشىچە « -5 ئاينىڭ 20- كۈنىگىچە كەتمىگەنلەرنى خىتاي ھۆكۈمىتى ئادەم ئەۋەتىپ قايتۇرۇپ كېتىدىكەن» دېگەن مىش -مىش گەپلەر تارقىتىۋاتقان بولسىمۇ، يېقىندا قايتىپ كەتكەن ياتاقداشلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئۇچۇرىنى ئالالمىغان. شۇنداقلا « دىن ئوقۇغانلارنىڭ ھەممىسىنى خىتاي قانۇنسىز دىن ئوقۇغان دەپ جازالاۋېتىپتۇ » دەپ ئاڭلاپ، ھازىرچە قايتماي ۋەزىيەتنى كۆزىتىۋاتقان ئىكەن.

ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرستىتىدىكى يەنە بىر تالىپ بالا، ئەمەلىيەتتە مەكتەپ ۋە مىسىر ھۆكۈمىتى تەرەپتىن ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا ھېچقانداق بېسىم يوق بولسىمۇ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا كۆپ ساندا ئۇيغۇرلارنىڭ دىن ئوقۇشىدىن ئەندىشە قىلىپ كېلىۋاتقانلىقى ئۈچۈن، يېقىندىن بۇيان مىسىردىكى خىتاي كونسۇلى ئادەملىرىنى ئىشقا سېلىپ ئوقۇغۇچىلار ئارىسىغا ھەر خىل سۆز ‏-چۈچەكلەرنى تارقىتىپ ۋەھىمە سېلىپ، پىسخىكىسىغا ھۇجۇم قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئوقۇشىنى ئۆزلىكىدىن تەرك ئېتىشىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى، بېسىمغا چىدىمىغان بالىلار كەتكەندىن كېيىن بولسا، گەرچە ھېچقانداق ئۇچۇرى بولمايۋاتقان بولسىمۇ، زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىنىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئېنىق بىر مەلۇمات يوقلۇقىنى، بۇ خىل ئېنىقسىزلىقنىڭ تېخىمۇ زور ئەندىشە ۋە شۈبھە پەيدا قىلىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپلىرىنى پۈتكۈزمەي تۇرۇپلا ئوقۇشىنى تاشلىۋېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقانلىقى بىلدۈردى.

مىسىردىكى تالپ ئۇيغۇرلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى، يېقىنقى ئىككى ‏- ئۈچ يىلدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بىردىنلا ئۇيغۇرلارغا پاسپورت ئېلىشنى قويۇۋەتكەن يىللىرىدا، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ قەشقەر،، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبتىكى يۇرتلاردىن كەلگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ 90% تىن كۆپرەكى بۇ دۆلەتتە دىنىي مەكتەپلەردە، بولۇپمۇ ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرستېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان بولۇپ، گەرچە مىسىردىكى ئۇنىۋېرىستېتلاردا ئوقۇش ھەقسىز بولسىمۇ، ئۇلارغا ئاساسەن ئىش پۇرسىتى بولمىغاچقا، ئائىلىسى ئەۋەتكەن ئازغىنا تۇرمۇش پۇللىرى بىلەن تۇرمۇشىنى قامداپ كەلگەن. ئەمما يېقىندا خىتاي دائىرىلىرى، ئاتا ‏- ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا پۇل ئەۋەتىشىنىمۇ چەكلىگەن ئىكەن. بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇن يىل شۇ يەردە ياشاپ كېلىۋاتقانلارمۇ ئوخشاشلا تۇرمۇشىنى قامداپ كېتەلمەيدىغان ئەھۋالدا قالغان. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھەتتا ئۆي ‏- ئوچاقلىق ۋە بالىلىق بولغانلىرىمۇ بار بولۇپ، ئىككى بالىنىڭ ئاتىسى بولغان، يىللارچە ھاياتىنى ئىلىمغا بېغىشلىغان بىر تالىپ ئۆزىنىڭمۇ ئېغىر ئىقتىسادىي بېسىمدا شۇتاپ ۋەيرانلىققا مەھكۇم بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. مىسىرغا كەلگەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ۋەتەندىكى دىنىي ئېتىقادى سەۋەبلىك ۋە ياكى يۈرۈش تۈرۈشى سەۋەبلىك جازالىنىۋاتقان ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىدەك، ھۆكۈمەتنىڭ ئورۇنسىز ئىسكەنجىلىرىدىن خالى ياشاۋاتقانلىقىدىن قانائەت قىلىپ، ئىلىمگە، كىتابقا چۆكۈپ ياشاپ كەلگەن بۇ تالپنى ئىزتىراپ ئىچىدە قويۇۋاتقىنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن مىسىردىكى بۇ ئەركىنرەك ھاياتىمۇ ئەمەس، بەلكى قورقۇنچلۇقى ئۆزىنىڭ قايتمىغانلىقى سەۋەبلىك، ۋەتەندە گۆرۈگە ئېلىنغان ئاتا- ئانا، ئۇرۇق ‏- تۇغقانلىرىنىڭ تەقدىرى. مۇبادا قايتقان تەقدىردە مىسىردا تۇغۇلغان بولسىمۇ « جۇڭگو پۇقراسى » سالاھىيىتىدىكى نارسىدە بالىلىرىنىڭ باش پاناھسىز قېلىشى ۋە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يامىنى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*