شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا ھېچكىم ئىگە چىقمىدى

تىرىلىش پوچتىسى تورىنىڭ مۇخبىرى گۆكخان يىلماز  20 ئاپرىل كۈنى تۈركىيە ئىقتىساد ئونۋېرىستېتى مۇدىرى پىروفىسسور دوكتۇر يۈجەل ئوغۇرلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ بارغان بولۇپ، سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتى تۆۋەندىكىچە:

«خىتاي مۇسۇلمانچە ئىسىملارنى چەكلىدى» «خىتاي مۇسۇلمانلارنىڭ يېنىدا تاماكا چەكمىگەن كادىرنى جازالىدى» «شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ روزا تۇتىشى چەكلەندى» دىگەندەك تىمىلاردىكى خەۋەرلەر كۈنسىرى كۆپىيىپ بارماقتا. كىشىلەر بۇ خەۋەرلەرنى ئىچكىرلەپ ئوقۇغانسىرى «ۋاي ئاللاھ! ھەرقانچە بولسىمۇ ئۇ دەرىجىدە ئەمەستۇ» دىيىشمەكتە.  بۇ مۇناسىۋەت بىلەن بىز «شەرقىي تۈركىستاندا نىمە ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ»؟ دىگەن تىمىدا پىروفىسسور دوكتۇر يۈجەل ئوغۇرلۇ بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

يۈجەل ئوغۇرلۇ شەرقىي تۈركىستاندا مىللى ۋە دىنى ساھەدە ئىنتايىن خەتەرلىك بىر ئەھۋالنىڭ يۈز بىرىۋاتقانلىقىنى  تىلغا ئالدى.

مۇخبىر:  شەرقىي تۈركىستاندىن ئۆز ۋاقتىدا،  تولۇق بولمىسىمۇ بەزى خەۋەرلەرنى ئۇقۇپ تۇرىۋاتىمىز. بۇ يەردە زۇلۇمنىڭ ئىنتايىن ئېغىر ھالەتتە، كۈندىن-كۈنگە كۈچىيىۋاتقانلىقىنى بىلىۋاتىمىز. ئۇنداقتا بۇ يەردە زادى نىمە ئىشلار يۈز بىرىۋاتىدۇ؟

يۆجەل ئوغۇرلۇ:  خىتايدا بۇندىن بۇرۇن دىنى ئەركىنلىكلەر بىر قېتىم پۈتۈنلەي چەكلەنگەن ئىدى.  خىتاي دەسلەپتە بۇ قەدەر ئارلىشىۋالمىغان ھەتتا  بەزىدە بۇ ئەركىنلىكلەرنى بىر ئاز بولسىمۇ بەرگەن ئىدى. ئەمما ئۆزى ئۈچۈن تەھدىد دەپ قارالغانلىرىنى ھەر يىلى توپلاپ چىقاتتى. خىتاينىڭ بۇ قېتىمقى سىياسىتى بولسا ھەم دىنى، ھەم مىللى تەرەپنىڭ ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

ئۇيغۇرلار ھازىر  ئۆز مىللى كىملىكلىرىنىمۇ بىلەلمىگۈدەك دەرىجىدە  بېسىم ۋە ئاسارەت ئاستىدا قالماقتا. ئۇلارنىڭ چوڭ تەلەپلىرى يوق، پەقەت تەلىم-تەربىيەنى ئۆز قولىغا ئېلىشنى، مەسجىدلەرگە بېرىشنى، مۇسۇلمانلارنىڭ بايرام كۈنلىرىنى تەبرىكلەشنى، رامىزاندا ئەركىن روزا تۇتالىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ. «يېڭىچە كەنت قۇرۇش» دىگەندەك ناملار ئاستىدا مىڭلىغان مەسجىدلەر چېقىپ تاشلاندى.

ئۇلار مەھەللە سىرتىغا چىقالمايدۇ

شەرقىي تۈركىستان خەلقى بۇ زۇلۇم ئىچىدە ياشاشقا مەجبۇر . بۇلارنىڭ ئەقەللى ئىنسانى ھەق-ھوقۇقلىرى،  ئەركىنلىكلىرى پۈتۈنلەي تارتىۋېلىنغان. چەتئەللەرگە چىقىش ئۈچۈن ھەتتا يىللاپ پاسپورتنىڭ چىقىشىنى ساقلايدۇ. مانا موشۇنداق مۇشەققەت ئىچىدە ئېلىنغان پاسپورتلارنىڭ ھەممىسى يېقىندا  پۈتۈنلەي يىغىۋېلىندى. چەتئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر ئومۇميۈزلۈك تۇتقۇن قىلىندى.  بۇلار ئۇ يەردە سىياسى تەلىم ئېلىش بىلەن بىرگە، پەرزەنتلىرىنى تىزدىن قايتىپ كىلىشكە زورلىماقتا.  ئۇلارغا ھەم 1- مايغىچە پەرزەنتلىرىنىڭ قايىتىپ كىلىپ بولىشى ئۈچۈن  10 كۈنلۈك مۆھلەت بىرىلگەن. چەتئەلدە ھېچبىر ئۇيغۇرنى قويماسلىقنى مەقسەد قىلماقتا. چۇنكى ئۇيغۇرلار دۇنيانىڭ ھەريەرلەردە تۇرسا ئۇلارنى كونترول قىلالمايدۇ. ئۇيغۇرلار 200دەك دۆلەتكە تارقالغان. ئۇلار مىسىر، ئامېرىكا، كانادا، روسىيە، تۈركىيە، قازاقىستان قاتارلىق ھەرقايسى دۆلەتلەردە تۈرۈش جەريانىدا ئۆزلىرىنىڭ ھەق-ھوقۇقلىرىنى  تونۇپ يىتىدۇ – دە، شەرقىي تۈركىستانغا قايتىپ بارسا ئۇ تېرور ئىدىيەسى بار دەپ ھىساپلىنىدۇ.  چەتئەللەرگە چىققان ئۇيغۇرلار ھېچبولمىسا ئۆزلىرىنىڭ ئىنسان ئىكەنلىكلىرىنى ھەقىقى تونۇپ يىتىپ، ئۆزىنىڭ ئىنسانى ھوقۇقىنى قوغدىغۇچى بولىدۇ. نەتىجىدە ئۇ  ۋەتەنگە قايتقان ۋاقتىدا مۇستەقىللىق ھەركىتى ئېلىپ بېرىشتىن خىتاي  قورقىدۇ. قايتىپ بارغان ئۇيغۇر پەرزەنتلىرىنىمۇ سىياسى ئۈگۈنۈش ئېلىپ بېرىلىدىغان لاگىرلاردا  مۇنتىزىم تەربىيلەيدۇ.

مۇخبىر:  بۇ يەردىكى سىياسى ئۈگۈنۈش ئېلىپ بېرىلىدىغان لاگىر دېگىنىڭىز «مېڭە يۇيۇش» ئورگىنىمۇ؟

يۈجەل ئوغۇرلۇ:  شۇنداق، ئەلۋەتتە شۇنداق. ئۇلارنى ئۆيلىرىگە ئەۋەتمەيدۇ. ئەگەر بۇ لاگىرغا كەلمىسە ئۇ ھالدا تۈرمىگە كىرىش خەۋپى ھەر قاچان مەۋجۇد. ھەتتا يېشى 60 ياشتىن ئاشقانلارمۇ بۇ لاگىرلاردا  سىياسى تەلىم ئالىدۇ. بۇ بەئەينى ماۋزىدۇڭ دەۋرىدە ئېلىپ بېرىلغان مەدەنىيەت ئىنقىلابى سىياسىتىنىڭ تېخىمۇ ۋەھشىيلەشكەن كۆرىنىشىدۇر.

مۇخبىر:   بۇ لاگىرلاردا جىسمانى جەھەتتىن خورلاش بارمۇ؟

يۈجەل ئوغۇرلۇ:   بۇ لاگىرلاردا ئۇ قەدەر بولمىسىمۇ ئەمما تۈرمىلەردە بولىدىغان جىسمانى جازالارنى سۆزلەپ تۈگەتكىلى بولمايدۇ. ھەتتا تاجاۋۇز ۋە ئاياق-ئاستى قىلىشقا ئۇچرىغان ئاياللار «قورساقلىرىمىزدىكى ھامىلىنى توغامدۇق ياكى چۈشىرىۋىتەمدۇق» دەپ پەتىۋالارنى سورىماقتا. ئەھۋال مانا بۇ.

مەن  شۇنداق چۈشىنىمەنكى، بىز ھەممىمىز دىنىمىزنىڭ بىر ئىكەنلىكىنى سۆزلەيمىز، ئۇ ھالدا بىز بۇنى خەلقئارالىق كۈچلەر ۋە كىشىلىك ھوقۇق دائىرسىدە ئوخشاش تىل بىلەن سۆزلىشىمىز لازىم. ئەپسۇس ئۇ يەردە ياشاۋاتقانلارنىڭ غەرپتە ھېچبىر يۆلەنچىكى يوق.

مۇخبىر:   بىرەر بىر قارشىلىق ھەركەتلرىنىڭ يۈز بىرىش ئىھتىمالىدىن سۆز ئاچساق بولامدۇ؟ ئۇ يەردە بۇ ئىھتىماللىق بارمۇ؟

يۈجەل ئوغۇرلۇ:   350 قېتىمدەك قارشىلىق ھەركەتلىرى بولدى. ئەمما بۇ قارشىلىق ھەركەتلىرىنىڭ ھەممىسى ئوخشاشلا ئىنتايىن ۋەھشىيلىك بىلەن قانلىق باستۇرۇلدى. ھەتتا بىر يېزا ئورنىدىن تۇرسا پۈتۈن رايۇننى باستۇردى. قەشقەر بولسا بۇ يەردىكى مۇسۇلمانلارنىڭ قەدىمىي مەركەزلىرىنىڭ بىرى، شۇنداقلا تارىخى بىر ئىزنانىڭ نامايەندىسىدۇر. ھازىر قەشقەر شۇ قەدەر ئېغىر ۋە خەتەرلىك بىر ئەھۋالدا تۇرماقتا.

مۇخبىر:   شەرقىي تۈركىستان دۇنيا سەھنىسىدە نىمە ئۈچۈن فەلەستىن ۋە سۈرىيەگە ئوخشاش ئورۇن تۇتالمىدى؟  رايۇنغا مۇناسىۋەتلىك بولغانلىقى ئۈچۈنمۇ؟

يۈجەل ئوغۇرلۇ:   ھازىرچە رايۇنغا مۇناسىۋەتلىك،  يەنە بىر تەرەپتىن، خىتاي بىلەن مۇناسىۋەتلىك بىرەر خەۋەر ئوتتۇرىغا چىققان ھامان دۇنيادا مۇنداق ئىشلار بولىدۇ. ئۇ بولسىمۇ ئىقتىسادى تەڭپۇڭلۇق، تىجارەت، 1 مىليارد 500 مىليۇن نوپۇسقا ئىگە كۈچ قاتارلىقلارغا دۈچ كىلىدۇ. نەتىجىدە خىتايغا مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا بىزنىڭ ئاخباراتلىرىمىزغا زىيان يىتىدۇ دىيىشىدۇ.

ئى قېرىندىشىم! نىمە بولدى ساڭا؟! خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەت سىنىڭ شەخسىيتىڭ ئۈچۈنمۇ  ئەمدى؟ بىلىپ قوي! ئۇ يەردە 30 مىليۇن تۈرك مۇسۇلمان بار. ئۇندىن باشقا يەنە 40 مىليۇن ھەر مىللەتتىن بولغان مۇسۇلمانلار بار!

مۇخبىر:    ئۇيغۇرلاردىن باشقا مۇسۇلمانلارغىمۇ ئوخشاش بېسىم بارمۇ؟

يۈجەل ئوغۇرلۇ:   ياق. ئۇلارغا ئەسلا ئوخشىمىغان،  باشقىچە بىر سىياسەت يۈرگۈزلىدۇ. باشقا مۇسۇلمانلارغا «سىلەر پۈتۈنلەي ئەركىنلىك ئىچىدە ، سىلەر بىز بىلەن ئوخشاش» دىيىلىدۇ. كونا ئەۋلاد بىلەن يېڭى ئەۋلاد ئارىسىدا تاغدەك پەرق بار. دىمەك «زۇلۇم ۋە سىيلاش» تېخنىكىسى بىلەن ئاسمىلاتسىيە ئېلىپ بارماقتا.

مۇخبىر:   شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي زۇلمىنى ئىجرا قىلىۋاتقىنى شەرقىي تۈركىستانلىقمۇ ياكى ئىچكىرىدىن كەلگەنلەرمۇ؟

يۈجەل ئوغۇرلۇ:   يېقىنقى مەزگىللەرگىچە شەرقىي تۈركىستاندىكى بىر قىسىم باشقۇرغۇچىلار ئۇيغۇرلار ئىدى. يېقىندا بىر خىتاي ئېلىپ كىلىندى، شۇنىڭدىن كىيىن بىېسىم  ھەددىدىن زىيادە ئېشىپ باردى. ئۇ يەردىكى يەرلىك كىشىلەرنىڭ  بازارلاردا ئىش تېپىشى قېيىنلاشتى. نەگە بارسا خىتاي كۆچمەنلىرى ئۇلارغا ئىش بەرمىدى. بۇ ھال زورايماقتا. ئۇيغۇرلار ئەسلىدە تىجارەت ساھەسىدە ئالاھىدە ئىقتىدارى بار مىللەتتۇر. ئۇيغۇرلار ھازىر يوقۇلۇش گىردابىغا بىرىپ قېلىش خەۋپىدە تۇرماقتا. قارايدىغان بولساق بۇندىن 10 يىل ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۆز تىلىدا  دەرىس ئوقۇيتتى. دىنى تەلىم- تەربىيەنىمۇ ئېلىپ بارالايتتى. ھازىر بۇ ئەسلا مۈمكىن ئەمەس. پۈتۈن ئوقۇ-ئوقۇتۇش خىتايچە ئېلىپ بېرىلماقتا.

مۇخبىر:    بۇ دەرىجىدە بولىۋاتقان ۋەھشىيلىك خاس شەرقىي تۈركىستاندىلا يۈز بىرىۋاتامدۇ ياكى باشقا مىللەت ۋە رايۇنلاردىمۇ بارمۇ؟ تىبەت ھەققىدىكى بەزى خەۋەرلەردىنمۇ ئۇچرىتىپ تۇرىۋاتىمىز.

يۈجەل ئوغۇرلۇ:    بۇ پەقەت شەرقىي تۈركىستانغىلا قارىتىلغان سىياسەتلەردۇر. تىبەتتىكى زۇلۇممۇ  بۇ يەردىكىگە بىر ئاز ئوخشاپ قالىدۇ. ئەمما ئۇ تىبەتلەرگە ئىگە چىققانلار بار، ئۇلارغا قۇچاق ئاچقانلار بار. تىبەتتە بىرەر ئىش بولسا چەتئەللەردە  شۇ ھامان ئۇ كۈن تەرتىپكە ئېلىپ كىلىنىدۇ.  شەرقىي تۈركىستانلىقلارنىڭ بولسا  ئاللاھتىن باشقا ھېچ كىمى يوق.

مۇخبىر:     ئاخباراتلارغا قارايدىغان بولساق ئىنسان ئەقلىگە يات بولغان خەۋەرلەرنى كۆرىمىز. مەسىلەن: «مۇسۇلماننىڭ يېنىدا تاماكا چەكمىگەن كادىر جازالاندى» دىگەندەك، بۇنىڭدەك ئىشلار ئەمەلىيەتتە راست بارمۇ؟

يۈجەل ئوغۇرلۇ:   شۇنداق، ئەلۋەتتە بار. قارايدىغان بولساق رىئال دۇنيادا  سىز ئۈچۈن نۇرمال ھىساپلىنىدىغان ئىشلار بىلەن بۇ يەردە بولىۋاتقان ئىشلار تۈپتىن پەرقلىق. رامىزان ئايلىرىدا پۈتۈن ئۇيغۇر كادىرلارغا تاماق بىرىلىپ، «بۇنى يەيسەن» دەيدۇ. «تاماكا چىكىسەن» دەيدۇ. دىمەك روزا تۇتمىغانلىقىڭنى بىزگە كۆرسىتىشىڭ كىرەك دەيدۇ.

مەنبە: ئىستىقلال تورى

Leave a Comment

*

*