خوتەندىكى تىجارەتچى ۋە دېھقانلارمۇ بىخەتەرلىك مانېۋىرىغا مەجبۇرلانماقتا

14-فېۋرال خوتەن گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتى مىقياسىدا ساقچى-خەلق ھەمكارلىقىدىكى «بىخەتەرلىكنى قوغداش مانېۋىرى» يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم. خوتەن تەۋەسىدىكى ساقچى ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ساقچىلارنىڭ يېتەكچىلىكىدىكى مانېۋىر ھەر كۈنى 5-6 سائەت داۋاملىشىدىغان بولۇپ، بۇ خىل مانېۋىرلارغا دۇكاندار-تىجارەتچىلەردىن باشقا، ھەتتا دېھقانلارمۇ مەجبۇرلانغان.

رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغانلىقى ھەققىدىكى بىر پارچە خەۋەردە قەشقەردە تىجارەتچىلەرنىڭ قوللىرىدا كالتەك تۇتقان ھالدا دۇكانلىرى ئالدىدا تىزىلىپ تۇرغانلىقى سۈرەتلەنگەن رەسىملەر بېرىلگەن. كېيىن بۇ رەسىملەر ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا غۇلغۇلا قوزغىغان ئىدى.

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جەنۇبىي ئۇيغۇر دىيارىدىكى خوتەننىڭ چىرا ناھىيىسىگە تېلېفون قىلىپ، ئەھۋال ئىگەللىگەندە،  بۇ خىل بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ خوتەندىمۇ ئەۋج ئالغانلىقى مەلۇم بولدى. بۇ ھەقتە توختالغان يەرلىك تىجارەتچىلەر ئۆزلىرىنىڭ ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىمدىن يېزىلىق ساقچىخانا ئۇيۇشتۇرىدىغان «بىخەتەرلىك مانېۋىرى» غا قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ۋە بۇنىڭغا ھېچقانداق ھەق بېرىلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈلگەن.

چىرالىق تىجارەتچىلەر تىلغا ئالغان ئاتالمىش بىخەتەرلىك مانېۋىرى ھەققىدە تېخىمۇ تەپسىلىي ئەھۋاللارنى بىلىش مەقسىتىدە ناھىيە تەۋەسىدىكى ساقچىخانىلارغا قىلغان تېلېفونلىرىمىزدىن، نۆۋەتتە پۈتكۈل خوتەن ۋىلايىتى مىقياسىدا «ساقچى-خەلق ھەمكارلىقىدىكى بىخەتەرلىك مانېۋىرى» يولغا قويۇلۇپ، تىجارەتچىلەر ھەتتا يېزىدىكى دېھقانلارنىڭمۇ رايونلارغا بۆلىنىپ، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە بىر قېتىمدىن بۇ خىل مانېۋىرلارغا مەجبۇرى قاتنىشىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى.

چىرا ناھىيىسى ئۇلۇقساي ساقچىخانىسىنىڭ كېچىلىك نۆۋەتچى ساقچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار ئۇلۇقساي مەركىزى ساقچىخانىسىنى ئاساس قىلغان ھالدا مانېۋىر ئۆتكۈزگەندىن باشقا، يېزا تەۋەسىدىكى 7 كەنت، بىر قاراۋۇلخانىدىكى ساقچى ۋە ياردەمچى ساقچىلار ئۆزى تەۋەلىكىدە ھەر كۈنى 3 قېتىم مانېۋىر ئۆتكۈزىدىكەن.

مەزكۇر ساقچى بىلەن ئېلىپ بېرىلغان سۆھبەت جەريانىدا يەنە، پۈتكۈل خوتەن تەۋەسىدە داۋام قىلىۋاتقان بۇ خىل مانېۋىرلارنىڭ ئېھتىياجى ئۈچۈن، تىجارەتچى-دۇكاندارلارغا ئۆزىنى قوغداش كالتىكى، تۆمۈر قالپاق، قالقان، تىكەنلىك توقماق قاتارلىقلار تارقىتىلغانلىقى، مانېۋىر سىگنالى چېلىنغان ھامان تىجارەتچى ۋە دېھقانلارنىڭ ئەڭ تېز سۈرئەت بىلەن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يىغىلىدىغانلىقى ئاشكارىلانغان.

نۆۋەتچى ساقچى يەنە، بۇ خىل مانېۋىرلارنىڭ ئېلىپ بېرىلىشىگە سەۋەب بولغان ئامىللار ۋە تىجارەتچىلەرنىڭ ئىنكاسلىرى ھەققىدىكى سوئاللارغا  جاۋاب بېرىپ، ئۇلارنىڭمۇ بۇ رېئاللىقنى قوبۇل قىلىدىغان ھالغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇلتۇر يىل ئاخىرىدىن باشلاپ يولغا قويۇلغان مۇقىملىقنى قوغداش مانېۋىرلىرى، بۇ يىل 14-فېۋرالدىكى گۇما پىچاقلىق ھۇجۇمىدىن كېيىن ساقچى-خەلق ئەسكەرلىرى-پۇقرلارنىڭ ھەممىسى قاتنىشىدىغان بىرلەشمە مانېۋىرغا ئۆزگەرگەن. مانېۋىرلاردا ساقچىلارنىڭ مەشغۇلات ۋاقتى 5-6 سائەت بولسا، تىجارەتچى-دېھقانلارنىڭ ھەر كۈنى بىر سائەتتىن 2 سائەتكىچە بولغان ۋاقتى مانېۋىرغا سەرپ قىلىنىدىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*