مىسىردىكى ئۇيغۇرلار ئىزتىراپ چەكمەكتە (2)

ئىگىلىنىشىچە، يېقىندىن بۇيان ئۇيغۇر ئېلىدىكى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا دىن ئۆگىنىۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئارقىلىق دەرھال يۇرتىغا قايتىپ كېلىشنى ئۇقتۇرۇپ بېسىم ۋە تەھدىت ئىشلىتىشكە باشلىغان شۇنداقلا بۇنىڭ پەقەت خىتاي پاسپورتىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىلا قارىتىلغانلىقى ھەمدە بۇنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك دائىرىلەرنىڭ ياپتا ۋە ۋاسىتىلىك ئېلىپ بېرىۋاتقان تەدبىرى ئىكەنلىكى دەلىللەندى. دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى تەھدىت سېلىپ قايتۇرۇپ كېتىش تەدبىرلىرىنىڭ، قايسى كەسىپتە ئوقۇۋاتقان بولۇشىدىن قەتئىي نەزەر، بارلىق دۆلەتلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا كېڭەيتىلگەنلىكىمۇ مەلۇم بولماقتا. شۇ خىل بېسىم ۋە تەھدىت تەسىرىدە مىسىردىن يۇرتىغا قايتقان بەزى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولسا ئىز-دېرىكى بولمايۋاتقانلىقى، ھەتتا تۇتقۇن قىلىنىۋاتقانلىقىغا ئوخشاش ئۇچۇرلار ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا چوڭقۇر ئەندىشە ۋە يامان تەسىرلەرنى پەيدا قىلماقتا.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنى كېلەر ئاينىڭ 20-كۈنىگىچە يۇرتىغا قايتىپ كېلىشى ھەققىدىكى ئاگاھلاندۇرۇشى مىسىردىكى،بولۇپمۇ ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىنىي كەسىپلەردە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەممىسىگە دېگۈدەك، ئۇلارنىڭ ئائىلىسى ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەنلىكى ۋە بۇ بېسىم بىلەن كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىساتىنى سېتىپ، ئىجارە ئالغان ئۆيلىرىنى ئۆتكۈزۈپ، مىسىردىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغانلىقى مەلۇم بولدى. رادىئومىزغا مىسىر قاھىرەدىكى ئەييىن شەمىس ئۇنىۋېرسىتېتىدا دىندىن باشقا كەسىپتە ئوقۇۋاتقان بىر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىنىڭ مەلۇمات يەتكۈزۈشىچە، ئۇيغۇر ئېلىدىن كېلىپ مۇشۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان تۇڭگان ئوقۇغۇچىلار ھەمدە «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» غا ئەزا ساناقلىق ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلاردىن باشقا، بۇ مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان بارلىق كەسىپلەردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغىمۇ ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسى ئارقىلىق دەرھال يۇرتقا قايتىپ كېلىش ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇلغان.

گەرچە قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى ۋە ياكى مىسىر دائىرىلىرى ياكى ئۇلار ئوقۇۋاتقان مەكتەپلەردىن بۇ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئومۇميۈزلۈك قايتۇرۇش ھەققىدە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش تارقاتمىغان بولسىمۇ،ئەمما ئوقۇغۇچىلار خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ مىسىردا داۋاملىق ئوقۇش ۋە تۇرۇش رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىپ بېرىشنى رەت قىلىۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. بۇ ھەقتە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن قاھىرەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسى بىلەن بىر قانچە كۈندىن بۇيان ئالاقىلىشىشكە تىرىشقان بولساقمۇ، ئەمما تېلېفونىمىز ئېلىنمىدى. بىراق بۈگۈن خىتاي ئەلچىخانىسى قۇرغان مىسىردىكى «جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار بىرلەشمىسى» نىڭ رەئىسى باي كېچېڭ زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. ئۇ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۇرتىغا قايتىشى ھەققىدە ئەلچىخانا ۋە ياكى ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ ھېچقانداق ئۇقتۇرۇش تارقاتمىغانلىقىنى ئېيتتى ۋە ئۇيۇشمىدىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ قايتقانلىقىنى ئاڭلىمىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي پاسپورتى بولغان ئۇيغۇر بالىلارنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ئوقۇشتىن توختاپ يۇرتىغا قايتىۋاتقانلىقىدەك ئەھۋالدىن خەۋىرى بار-يوقلۇقىنى سورالغاندا، ئۇ «بۇنىڭ بىز بىلەن، يەنى ئۇيۇشمىمىز ۋە ئەلچىخانا بىلەن ئالاقىسى يوق، بۇ پۈتۈنلەي شىنجاڭ يەرلىك ئورگانلىرىنىڭ ئىشى بولۇشى مۇمكىن» دېگەن جاۋاب بېرىلگەن.

مىسىردا «كېتەيمۇ؟ قالايمۇ؟» دېگەن سوئاللار ئارىسىدا ئۈمىدسىزلىك، غەم-ئەندىشە ئىچىدە ئىزتىراپ چېكىۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى ئىككىلەندۈرۈۋاتقان نەرسە ۋە ئۇلارنى قىيناۋاتقىنى، ئۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىشى شۇنداقلا يۇرتىغا قايتقان ساۋاقداش ۋە ياتاقداشلىرىنىڭ ئۈن-تىنسىز يوقاپ كېتىشى بولۇپ، ئۆز ياتاقداشلىرىنىڭ قايتقاندىن كېيىن يوقاپ كەتكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلىپ، مەكتەپ ۋە قاھىرەدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىتاينىڭ تەھدىتى ھەم خەتەر ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ئاڭلىتىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ ھېچبىر نەتىجە بولمىغاندىن كېيىن خەلقئارالىق ئاخباراتنىڭ دىققىتىنى قوزغاش ۋە ئىنسان ھەقلىرىگە كۆڭۈل بۆلىدىغان دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى تارتىش ئۈچۈن ئەركىن ئاىسيا رادىئوسىغا ئۇچۇر يەتكۈزگەن بىر قىز ئوقۇغۇچىنىڭ دېيىشىچە، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى «پەرزەنتىڭنى قانۇنسىز دىندا ئوقۇتتۇڭ، ئۇنى ئىقتىساد بىلەن تەمىنلىدىڭ، ياردەم قىلدىڭ، قوللىدىڭ» دېگەندەك جىنايەتلەر ئارتىلىپ خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان. ئۇ، يېقىندىن بۇيان ئۆزىنىڭ ۋە باشقا ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى مەكتەپ ۋە مىسىردىكى ئورۇنلارغا ئاڭلىتىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، ئۇلارنى قايىل قىلالمىغان. ئۇ بۇ جەرياندا مىسىر ھەم ئەرەب جامائىتىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا زۇلۇم قىلىۋاتقانلىقى ۋە بۇنىڭ سەۋەبلىرىدىنمۇ خەۋىرى يوقلۇقى شۇنىڭدەك ئۇلارنىڭ پەقەتلا خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشىنىدىغانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئەپسۇسلانغان.

چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلار ئوقۇغۇچىلار سانىنىڭ يېقىنقى ئىككى-ئۈچ يىلدا 5-6 مىڭغا يەتكەنلىكى، ئۇلارنىڭ ئاساسەن قەشقەر، ئاتۇش، خوتەن ۋە ئاقسۇ قاتارلىق جەنۇبتىكى يۇرتلاردىن كېلىپ ئەل ئەزھەر قاتارلىق دىنىي ئۇنىۋېرسىتېتلاردا ئوقۇۋاتقانلىقى تىلغا ئېلىنماقتا. ئەمما ئۇچۇر يەتكۈزگەن بۇ قىزنىڭ دېيىشىچە، ئەل ئەزھەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئىلىم تەھسىل قىلىۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساسەن يۇرتىغا قايتىپ بولغان ۋە كەتكەنلىرىنىڭ خەۋىرى كەلمىگەن. ھازىر مىسىردا ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان ئۇيغۇر بالىلاردىن ئوغۇللارنىڭ ئەھۋالىدىن ئانچە خەۋىرى بولمىسىمۇ ئەمما ھازىر مىسىردا ئۆزىگە ئوخشاش ئىككىلىنىپ تۇرۇۋاتقان 100 ئەتراپىدا قىز قالغان.

بۇ قىز ئاخىرىدا يەنە ئەل ئەزھەردە 5-ئاينىڭ 25‏-كۈنى يازلىق تەتىل قويۇپ بېرىلىدىغانلىقى، مىسىردىكى ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى خاتىرجەم ئوقۇيدىغان شارائىتقا ئىگە قىلمىغاندا، مىسىردا قالغان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ تەھدىت ئاستىدا، ئىقتىسادىي كىرىمى ئۈزۈلگەن بىر ۋەزىيەتتە قېلىپ، تەتىلدىن كېيىن ئومۇميۈزلۈك تېخىمۇ قىيىن بىر ئەھۋالغا يۈزلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*