د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى ۋە ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسى

27-مارت د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى پائالىيەتلىرى باشلاندى ھەمدە 29-مارتتىن باشلاپ 3 كۈنلۈك ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسى ئۆتكۈزۈلىدۇ.

26-مارت بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلغا يېتىپ كەلگەن د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي خادىملىرى 27-مارتتىن باشلاپ ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئۆتكۈزدى.

27-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:00 بىلەن دولقۇن ئەيسا باشچىلىقىدىكى قۇرۇلتاي خادىملىرى ياۋروپا لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى، پارلامېنت ئەزاسى تورۋالدىس ئەپەندىنىڭ ياردەمچىلىرى بىلەن ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ئىشخانىسىدا بىر سائەت يېپىق سۆھبەت ئۆتكۈزدى. 28-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11:15 دە يەنە ياۋروپا لىبېرال دېموكراتلار پارتىيىسىنىڭ ۋەكىلى، ياۋروپا ئىتتىپاقى تاشقى ئىشلار كومىتېتى خادىمى، پارلامېنت ئەزاسى ۋاجگېر ئەپەندى بىلەن بىر سائەت سۆھبەت ئېلىپ باردى. 28-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 15:15 دە پارلامېنت ئەزاسى، ئۇيغۇرلارنىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقىدىكى ئاكتىپ قوللىغۇچىسى ئىلھان كۈچۈك بىلەن بىر سائەت سۆھبەت ئېلىپ باردى. ئىلھان كۈچۈك بىلەن بولغان سۆھبەتكە دولقۇن ئەيسا بىلەن بىرگە، د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات ۋە نۇرى تۈركەل ئەپەندىمۇ قاتناشتى.

بۇ سۆھبەتلەرنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى؛ ئۇيغۇر دىيارىدا يۈرگۈزۈلۈۋاتقان خىتاينىڭ دۆلەت تېررورلۇق سىياسىتى كەلتۈرۈپ چىقىرىۋاتقان يامان ئاقىۋەتلەرنى بايان قىلىش، ئۇيغۇر ۋەتىنىدە يۈز بېرىۋاتقان تۈرلۈك شەكىللەردىكى پاجىئەلەرنى پاكىتلىرى بىلەن ئاڭلىتىش، د ئۇ ق ياۋروپا پارلامېنتى ئەزالىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ، پارلامېنتتا ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك جىددىي قارارلارنى قوبۇل قىلدۇرۇش ئارقىلىق، خىتايغا نىسبەتەن ئۈنۈملۈك بىر بېسىم شەكىللەندۈرۈش قاتارلىق كۆپ خىل تېمىلارنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئەلۋەتتىكى، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان تىل، دىن، مەدەنىيەت، ئۆرپ-ئادەت جەھەتلەردىكى ئېغىر بېسىملار ئەتراپلىق ئاڭلىتىلدى. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشلىرىنىڭ كۈتكەن نەتىجىلەرگە ئېرىشكەنلىكىنى مۇئەييەنلەشتۈردى.

د ئۇ ق بۇ قېتىم ياۋروپا پارلامېنتىدا ئورۇنلاشتۇرغان پائالىيەتلەر پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئايرىم سۆھبەتلەر ئۆتكۈزۈشتىن باشقا، يەنە ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى چاقىرىش ۋە ياشلارنى تەربىيىلەشتىن ئىبارەت ئىككى چوڭ مەزمۇنغا بۆلۈنگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 29-مارت ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش كۇرسى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، چۈشتىن بۇرۇن ياۋروپا پارلامېنتىدا «ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتىقاد ۋە ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشى» دېگەن تېمىدا ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى بولۇپ ئۆتىدىكەن. يىغىنغا 50 نەپەر ئۇيغۇر ۋەكىلىدىن سىرت، بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر، ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ ئەزالىرى، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ۋەكىللىرى قاتنىشىدىكەن. بۇ يىغىننىڭ ئومۇمى كۆرۈنۈش جەريانى 29-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دىن باشلاپ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا نەق مەيداندىن تارقىتىلىدىكەن. 30-31-مارت 2 كۈن مەخسۇس ياشلارنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن تەربىيىلەش كۇرسى بولىدىكەن.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق نىڭ 12-نۆۋەتلىك «ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇن بىلەن تەربىيىلەش پروگراممىسى» 29-مارت باشلىنىدىغان بولۇپ، بۇ قېتىم مەخسۇس ئۇيغۇر ياشلىرىنى تەربىيە نىشانى قىلغان بۇ كۇرسقا 15 دۆلەتتىن 55 نەپەر ۋەكىل تىزىمغا ئالدۇرغان. بۈگۈن 28-مارت ھەرقايسى ئەللەردىن تىزىمغا ئالدۇرغان 50 ئەتراپىدا ۋەكىللەر بىريۇسسېلغا جەم بولدى. بىراق، تۈركىيەدىن تىزىمغا ئالدۇرغان ۋەكىللەر كېلەلمىدى. د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، تۈركىيە بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇناسىۋىتىنىڭ كۈنسېرى يىرىكلىشىپ بېرىشى سەۋەبلىك، تۈركىيەدىن كېلىدىغان ئۇيغۇر ۋەكىللىرى ۋىزىغا ئېرىشەلمىگەن. باشقا دۆلەتلەردىكى ياشلار ۋەكىللىرى تولۇق كەلگەن.

مۇخبىر 28-مارت بىريۇسسېلدىكى بەدفورد مېھمانخانىسىغا جەم بولغان ھەرقايسى ئەللەردىن كەلگەن 18-35 ئارىسىدىكى ئۇيغۇر ياشلار ۋەكىللىرىنى زىيارەت قىلغاندا، ئۇلار بۇ قېتىمقى ياشلارنى تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەنلىكىدىن كۆپ مەمنۇن بولۇشقانلىرىنى بىلدۈرۈشكەن.

د ئۇ ق نىڭ بۇ قېتىمقى ياشلارنى تەربىيىلەش پروگراممىسىغا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەنلەردىن باشقا يەنە، ئوتتۇرا ئاسىيا ھەم شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ئەللىرىدىنمۇ بىر قىسىم ياشلار كەلگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*