ئۇيغۇر ئېلىدە يەنە 6 ئۇيغۇرنىڭ قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى ئىنكاس قوزغىدى

خىتاي يېقىندا 11 كىشىنى قانۇنسىز ئۇچۇر تارقاتقان دەپ مۇناسىۋەتلىك قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلغان.

بۇنىڭ ئىچىدىكى 6 سى ئاساسەن 20-ياشتىن 30 ياشقىچە ئارىلىقتىكى ئۇيغۇر ياشلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئاساسەن ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك قاتارلىق مەزمۇندىكى ئۈن-سىن، يېزىق-سۈرەتلەرنى تارقاتقان ۋە ساقلىغان دېگەندەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق بىر تەرەپ قىلىنغانلىقى قەيت قىلىنغان.

گەرچە دائىرىلەر تارقاتقان ئۇچۇرلىرىدا، بۇلارغا قانداق كونكرېت جازا كۆرگەنلىكىنى يوشۇرۇپ قالغان بولسىمۇ، چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئالاھىدە قاتتىق باستۇرۇش تەدبىرلىرىنى ئېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، تورغا چېتىشلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا زەربە بېرىش سالمىقىنى زورايتقانلىقىنى ۋە بۇ ئارقىلىق ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى ئۇچۇرلارنى كونترول قىلىش ۋە ئۇيغۇرلارنى يەنىمۇ ئۈنسىز قالدۇرۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلدى.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تارتقۇسى، تەڭرىتاغ تورىنىڭ 28-مارت خەۋىرىدە دائىرىلەرنىڭ قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتقان تىپىك دېلودىن جەمئىي 11 نى قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى ئاشكارىلاندى.

خەۋەردىن پاش بولغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، بۇ قېتىم دائىرىلەرنىڭ قاتتىق جازاسىغا ئۇچرىغانلار ئىچىدە 6 نەپىرى ئۇيغۇر بولۇپ، ئۇلار ئاساسەن 24 ياش بىلەن 30 ياش ئارىلىقىدىكى ياشلار، شۇنداقلا ئۇلار 2017-يىل يانۋاردىن مارتقىچە بولغان قىسقىغىنە مۇددەت ئىچىدە زوراۋانلىق، تېررورلۇق، دىنىي ئەسەبىيلىك، مىللىي بۆلگۈنچىلىك ۋە ساختا ئۇچۇرغا ئالاقىدار باشقىلارنى ھاقارەتلەش، باشقىلارغا تەھدىت سېلىش، تۆھمەت چاپلاش قاتارلىق مەزمۇندىكى ئۈن-سىن، يېزىق-سۈرەتلەرنى تارقىتىش ساقلاش جىنايەتلىرى بىلەن ئەيىبلىنىپ تېز بىر تەرەپ قىلىنغان.

جازالانغۇچىلار ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئاتۇش، غۇلجا، قەشقەر، قارىماي، كورلا قاتارلىق ھەر قايسى ۋىلايەت ۋە جايلىرىدىن بولۇپ 6 ئۇيغۇردىن باشقا يەنە، 48 ياشلىق قازاق، ئۈرۈمچىلىك ئەرمۇ ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ۋە قانۇنسىز ۋەز ئېيتىشقا ئالاقىدار سۈرەت، ئۈن-سىن ھۆججىتىنى چۈشۈرگەن، تارقاتقان دېگەن جىنايەت بىلەن جازاغا ئۇچرىغان. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئىچىدە دىنغا ئائىت ئېلېكترونلۇق كىتاب ساقلىغانلىقى ئۈچۈنمۇ جازالانغانلار بار. ئەمما دائىرىلەر بۇ ھەقتە تارقاتقان ئۇچۇرىدا بۇ كىشىلەرنىڭ تولۇق ئىسمى ۋە كونكرېت جىنايى قىلمىشى ۋە قانداق جازا كۆرۈلگەنلىكىدەك مۇھىم ئۇچۇرلارنى يوشۇرۇپ قالغان.

ئەمما خەۋەردە، بىر تەرەپ قىلىنغانلار ئىچىدىكى 4 نەپەر خىتاينىڭ، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدە پىتنە پاسات، ئۆسەك سۆز تارقاتقانلىقى، شەھۋانىي ۋىدىيولار ۋە سۈرەتلەرنى چىقارغانلىقى پاش بولۇپ جىنايى جازا قانۇنى بويىچە ئەيىبلىنىپ، ئۇلارغا توختىتىپ قويۇشتەك يېنىك مەمۇرىي جازا بېرىلگەنلىكى ئېنىق كۆرسىتىلگەن.

خەۋەردە يەنە، جامائەت خەۋپسىزلىكى تارمىقىنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى ئەسكەرتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭدا تور بوشلۇقى، ئالاقە تورىدىن پايدىلىنىپ زوراۋانلىق، تېررورلۇق، مىللىي بۆلگۈنچىلىك، دىنىي ئەسەبىيلىككە ئائىت ھەمدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دۆلەتنىڭ بىرلىكىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان يېزىق، سۈرەت، ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى تەشۋىق قىلغان، تارقاتقان، ساقلىغانلار؛ پارتلىتىش قۇرۇلمىسى، قورال-ياراغ، تىزگىنلىنىدىغان ئۈسكۈنىلەرنى ياساش ئۇسۇلى، ئىشلىتىش تېخنىكىسىنى ئۆگەتكەن قاتارلىق قانۇنسىز ۋە ساختا ئۇچۇرلارنى تارقاتقانلارنىڭ جاۋابكارلىقى قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە سۈرۈشتۈرۈلۈپ ئېغىر جازا كۆرۈلىدىغانلىقى يېزىلغاندىن باشقا، كەڭ تورداشلارنىڭ توردىكى قانۇن-بەلگىلىمىگە خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئاكتىپ پاش قىلىشىنى قارشى ئالىمىز دەپ، پاش قىلىشتا تۆھپىسى بارلارنى مۇكاپاتلايدىغانلىقىنىمۇ ئالاھىدە ئەسكەرتكەن.

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرىنىڭ قىسقا مۇددەت ئىچىدە يەنە 6 نەپەر ئۇيغۇرنى «قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇر تارقاتتى» دېگەن جىنايەت بىلەن بىر تەرەپ قىلغانلىقى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇقىنى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ دىققىتىنى ۋە ئەندىشىسىنى قوزغىدى. بۇ ھەقتە مەخسۇس پىكىر بايان قىلغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى خېنري شېجىسكى ئەپەندى، مەزكۇر خەۋەرنىڭ ئۆزىدە مۇنداق ئىككى تەرەپتىن گۇمان ۋە ئەندىشە پەيدا قىلغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ :«ئالدى بىلەن ئەسكەرتىپ ئۆتىدىغىنىم، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا ھەر ساھەدە قاتتىق باستۇرۇش ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن بىر پەيتتە، تور ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنىڭمۇ بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇشنىڭ ئاساسلىق قىسمىنىڭ بىرى بولۇشىدا گۇمان يوق، چۈنكى دائىرىلەر، ئۇيغۇر ياكى باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە ئېلىپ بېرىۋاتقان سىياسەتلىرى ۋە ۋەزىيەتكە ئالاقىدار ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا پاش بولۇشىنى ۋە بىر ‏-بىرىگە يەتكۈزۈشىنىمۇ خالىمايدۇ. شۇڭا ھەر قېتىملىق قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە تور ساھەسىگە دائىرمۇ قاتتىق جازالاشنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلىپ يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋاتىمىز. لېكىن، ھەر قېتىم خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ خىل قاتتىق باستۇرۇش جەريانىدا تېررورلۇققا باغلاپ جازالانغانلارنىڭ جىنايى قىلمىشلىرى ۋە كۆرگەن جازاسى ھەققىدە ئىنتايىن چەكلىك مەلۇماتنىلا ئاشكارىلاپ كەلمەكتە. بۇنىڭدىنمۇ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن ۋە ياكى ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنىغا ئاساسەن ئۇيغۇرلارنى جازالىغاندا،خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى سىياسىي مەقسەتلىرى ئۈچۈن قوللىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ» دېگەن گۇمانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

خېنري ئەپەندى يەنە، «ئالاقە، ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىدىن پايدىلىنىشتا ئەسلىدىنلا قاتتىق چەكلىمە كونتروللۇقىغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇرلارغا، تېررورلۇققا قارشى قانۇن ۋە باشقا نىزاملار ئارقىلىق قاتتىق جازا قوللىنىش، ئۇلارنىڭ ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىنى ئىشلىتىش ئەركىنلىكى، كىشىلىك ھوقۇق ئەركىنلىكلىرىنى دەپسەندە قىلىپلا قالماي، ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ھەق ‏-ھوقۇقلىرىنى يەنىمۇ كەڭ دائىرىدە دەخلى‏-تەرۇزغا ئۇچرىتىدۇ ۋە بۇنىڭدىن ئىنسان ھەقلىرى كۆزەتكۈچىلىرى ئورتاق ئەندىشە قىلماقتا، ئۇيغۇر رايونىدىكى بۇ خىل قاتتىق كونتروللۇق ئەمەلىيەتتە خىتاي ئۆزى ئىستەۋاتقان ئەمىنلىككە، مۇقىملىققا زىيانلىق، بۇ جەھەتتە ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ كۆز قاراشلىرىنى قوللايمەن، ئۇ ئىلگىرى، ئىنتېرنېت ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىنى ئەركىن قويۇۋېتىش، كىشىلەرنىڭ ئىلغار ئىدىيە ۋە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشىغا، ئۇيغۇر ئېلىدە مۇقىم بىر ۋەزىيەت يارىتىشقا پايدىلىق دېگەن ئىدى، ھالبۇكى ئىلھام توختى ئەپەندى ئەنە شۇ توغرا تەشەببۇسلىرى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان ۋە تۈرمىگە قامالغان. مانا مۇشۇنىڭ ئۆزىدىنلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچۇر ئەركىنلىكىنى قايسى دەرىجىدە بوغۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋېلىش تەس ئەمەس» دېدى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ياپونىيەدىكى ۋەكىلى تۇرمەمەت ئەپەندى بۇ ھەقتە توختىلىپ: «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتكە قارىغاندا، خىتاي دائىرىلىرى تور ۋە ئۇچۇر ئالاقە ۋاسىتىلىرىدە دىنىي ئەسەبىي ئىدىيىلەرگە ھەم پىتنە -ئىغۋا تارقىتىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايى ھەرىكەتلەرگە زەربە بېرىش نامىدا، ئۇيغۇرلارنىڭ توردىن پايدىلىنىپ ئادەتتىدىكى دىنىي ئۇچۇرلارنى تارقىتىش ۋە پايدىلىنىشىنىمۇ، ھەتتا «قۇرئان كەرىم» نى ئاڭلىغان ياكى تارقاتقانلارنىمۇ تېررورلۇق ۋە ئەسەبىيلىكنى تەرغىب قىلغانلار، تېررورلۇق قىلىشقا قۇتراتقانلار دەپ زەربە بېرىش، ئېغىر جازالاش ئارقىلىق پىكىر ۋە ئۇچۇر ئەركىنلىكى ھەمدە دىنىي ئەركىنلىكىنى، قانۇنىي ھوقۇقىنىمۇ قاتتىق ھالدا دەپسەندە قىلماقتا ۋە بۇ ئارقىلىق خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى ئۇچۇرلارنىڭ سىرتقا چىقىپ كېتىشىنى، ئۇيغۇرلارنىڭ سىرتتىكى ئۇچۇرلاردىن، بولۇپمۇ مىللىي مۇستەقىللىق ھەرىكىتىنىڭ نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولۇشىنى توسۇشنى مەقسەت قىلغان» دەپ مۇلاھىزە قىلدى.

تور ئۇچۇر ۋاسىتىلىرى تەرەققىي قىلىش بىلەن تەڭ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇر ۋاسىتىلىرىگە قارىتا كونتروللۇق ۋە توسۇشقا زور مەبلەغ ۋە كۈچ ئاجرىتىپ كېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. بىرلەشمە سەھەر گېزىتى تورى خەۋىرىدە كۆرسىتىشىچە، پۈتكۈل خىتايدا 2 مىليوندىن كۆپ «تور جامائەت پىكرى تەھلىلچىسى» تورداشلارنىڭ كۆز قارىشىنى نازارەت قىلىش ۋە توپلاشقا مەخسۇس مەسئۇل بولۇپ، رەتلەپ، ئۇنى دوكلات شەكلىدە قارار چىقارغۇچىلارغا تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن.

دائىرىلەر قاتتىق جازا كۆرگەن يۇقىرىقى 11 كىشىنىڭ، رايوندىكى خىتاي ئالاقە تورى ئۇچۇر ئىشخانىسى، ئاپتونوم رايونلۇق جامائەت خەۋپسىزلىكى نازارىتى، شىنجاڭ ئالاقە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى تەرىپىدىن ئامما پاش قىلغان يىپ ئۇچىغا ئاساسەن قولغا ئېلىنىپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ توردا ساختا ئۇچۇرلارنى تارقىتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى جازالاش نىزامى» قاتارلىق قانۇن-بەلگىلىمىلەر بويىچە قاتتىق بىر تەرەپ قىلغانلىقىنى كۆرسەتكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*