بىر قانچە دۆلەت ب د ت دا خىتاينى ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىغا خىلاپلىق قىلىش بىلەن ئەيىبلىدى

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 34‏-نۆۋەتلىك يىغىنىدا ئامېرىكا، گېرمانىيە كانادا، فىرانسىيە قاتارلىق دۆلەتلەر ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينىڭ خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق ئۆلچەملىرىگە ئەمەل قىلمايۋاتقانلىقى، ئۇنىڭ تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇققا ئېغىر خىلاپلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

يىغىننىڭ ئاخىرقى باسقۇچىدىكى بەس -مۇنازىرىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرىنى، ئادۋوكاتلارنى قولغا ئېلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە جازالاش، ئۇلارنىڭ ئائىلە- تاۋابىئاتلىرىغا پاراكەندىلىك سېلىۋاتقانلىقىغا قارىتا جىددىي ئەندىشە قىلىۋاتقانلىقى ئىپادىلەپ، ياۋروپا ئىتتىپاقى خىتاينى «تىبەت ۋە شىنجاڭدا مەدەنىيەتنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە دىنىي ئەركىنلىككە ئەڭ ئەقەللىي رەۋىشتە بولسىمۇ ھۆرمەت قىلىشقا چاقىرىدۇ» دېگەن.

ئامېرىكا ۋەكىلى بولسا، ئۇيغۇر ۋە تىبەتلەرنىڭ ھەق-ھوقۇقى رەت قىلىشقا ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەنقىدلەپ مۇنداق دېگەن:«بىز خىتاينىڭ ئادۋوكاتلارنى، پائالىيەتچىلەرنى خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، تەن جازاسى بېرىش ۋە شۇنداقلا ھۆكۈمەتنى تەنقىد قىلغانلارنى، ئاممىۋى جەمئىيەتلەرنى ناھەق مەنئى قىلىش، دىنىي ئىبادەت، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارنىڭ ھەق ھوقۇقى رەت قىلىنىۋاتقانلىقىغا دائىر خەۋەرلەردىن داۋاملىق ئەندىشە تۇيۇۋاتىمىز.»

ئامېرىكا، ئەركىنلىك سارىيى قاتارلىق تەشكىلاتلار ترامپ ھۆكۈمىتىنى خىتاي كىشىلىك ھوقۇققا سەل قارىماسلىققا چاقىرىۋاتقان مەزگىلدە فىرانسىيە،كانادا، گېرمانىيە فىرانسىيە، چېخىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە قوشۇلۇپ، خىتاينى تەنقىد قىلدى.
بۇنىڭدىن بۇرۇن كانادا، گېرمانىيە قاتارلىق 111 غەرب دۆلىتىنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىخانىلىرىنىڭ خىتاي ج خ مىنىستىرى گۇ شىڭكۈنغا يازغان تەن جازاسىنى توختىتىش ھەققىدىكى مەكتۇپىغا ئىمزا قويۇش رەت قىلغان. نەتىجىدە بۇ، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈرگەن ئىدى.

ئامېرىكا ئەركىنلىك سارىيىنىڭ ئالىي دەرىجىلىك تەتقىقاتچىسى سارا كۇك خانىم دۈشەنبە كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئامېرىكانىڭ ب د ت دىكى ئىپادىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە ئىزچىل بولۇشىنى ئۈمىد قىلدى.

سارا كۇك مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل غەيرىي ئىزچىل سىياسەت خىتاينىڭ ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقىنى ئاشكارىلاپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇنى سۇيىئىستېمال قىلىشىغا يول ئېچىپ بېرىشى مۇمكىن. ئەگەر ئامېرىكا باشتىن باشلاپ ئىزچىل بىر خىل سىگنال بەرگەن بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاتتى. بولۇپمۇ، باشقىلار بىلەن ئورتاق ھەرىكەت قىلغاندا ئىزچىللىق ئىنتايىن مۇھىم. چۈنكى، خىتاي ھۆكۈمىتى بۇنداق ئورتاق ھەرىكەتكە ئالاھىدە دىققەت قىلىدۇ. ئامېرىكانىڭ باشقا دۆلەتلەر بىلەن بىرگە بۇ ئورتاق مەكتۇپنى يېزىشقا قاتناشمىغانلىقى ئادەمنى بەك ئۈمىدسىزلەندۈردى».

بىراق، سارا كۇك، ئامېرىكانىڭ كىشىلىك ھوقۇق سىياسىتىدىكى بۇ خىل «غەيرىي ئىزچىللىق»نى ترۇمپ ھۆكۈمىتى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرلىقىدا بەز ئىشلارنىڭ تولۇق رەتكە چۈشۈپ كەتمىگەنلىكى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئىشلار تەرتىپكە سېلىنسا، ئامېرىكانىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى سىياسىتى تۈزۈلىدىكەن. ئۇ: «چۈنكى بۇ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى ئامېرىكانىڭ مەنپەئەتى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك»، دېدى.

سارا كۇك: «بۇ يەردە خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى جۈملىدىن دىنىي مەسىلىلەردىن تارتىپ ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى، ئىنتېرنېت چەكلىمىسىگىچە بولغان مەسىلىلەر نېمە ئۈچۈن ئامېرىكا دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسىلىلەر،دېگەندە، بۇنىڭ بىر قانچە سەۋەبى بار. بۇنىڭ بىرىنچى سەۋەبى، بۇلار ئامېرىكىلىقلارغا، ئامېرىكالىقلارنىڭ سودىسىغا تەسىر قىلىدۇ. ئىنتېرنېت چەكلىمىسى بۇنىڭ ئەڭ تىپىك ئۆرنىكى. ئامېرىكا ئاخبارات ۋە تېخنىكا شىركەتلىرى ھەر يىلى مىليونلىغان، مىلياردلىغان دوللار زىيان تارتىدۇ. چۈنكى، ئۇلارنىڭ تور بېكىتى خىتايدا توسۇۋېتىلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ تور بەتلىرىدە دىنىي، سىياسىي، ئىجتىمائىي نەرسىلەرنىڭ خەۋەر قىلىنىشىدىن قورقىدۇ ياكى خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ چەكلىمە ئارقىلىق ئۆزىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى تور بەتلىرىنى قوغدايدۇ. نەتىجىدە، بۇ بىرخىل قورۇقچىلىق رولىنى ئويناپ، ئامېرىكادا ئىشقا ئورۇنلىشىشقا تەسىر قىلىدۇ. بۇ يەنە بىر جەھەتتە ترۇمپ ھۆكۈمىتى قىزىقىدىغان بىر نۇقتا. شۇڭا، خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە كىشىلىك ھوقۇق ھەقىقەتەن دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك بىر ئامىل».

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 34‏-نۆۋەتلىك يىغىنى 27‏-فېۋرال باشلانغان ئىدى. ھەر يىلى مۇشۇ پەسىلدە چاقىرىلىپ كېلىۋاتقان بۇ يىغىن ئاز كەم بىر ئاي داۋام قىلىپ، 24‏-فېۋرال يېپىلدى. يىغىندا «دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش»، ئاز سانلىق مىللەتلەر، مەدەنىيەت، ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ھەق-ھوقۇقلارغا دائىر نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان ھەم بەزى قارارلار ماقۇللانغان.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 24‏-مارت ئاخىرقى كۈنلۈك يىغىنىدا بەزى دۆلەتلەر ئوتتۇرىغا قويغان «دېموكراتىيە،كىشىلىك ھوقۇق ۋە قانۇن بىلەن باشقۇرۇش» ھەققىدىكى لاھىيەسى ئاۋازغا قويۇلغان ئىدى. كىشىلىك ھوقۇق، ئاممىۋى، سىياسىي، ئىقتىسادى، ئىجتىمائىي، مەدەنىيەت ۋە تەرەققىيات ھوقۇقىنى قوغداش ھەققىدىكى بۇ لاھىيەگە خىتاي، رۇسىيە، پاكىستان قارشى چىققان.

خىتاي يىغىندا ئۆزىنىڭ لايىھىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، د ئۇ ق قاتارلىق قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت مۇنبىرىدە پىكىر قىلىشىنى چەكلەشكە ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق يىغىندا ئۇنىڭ لايىھىسى رەت قىلىنغان ئىدى. خىتاي ۋەكىلى جياڭ يىڭفېڭ يىغىندا ئۆزىنىڭ تەكلىپ لايىھىسىنى تونۇشتۇرغاندا سۆز قىلىپ، بەزى بۆلگۈنچى تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت مۇنبىرىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، بۆلگۈنچى سۆزلەرنى قىلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

ئۇ: «يېقىنقى يىللاردىن بېرى بەزى بۆلگۈنچى تەشكىلات ۋە شەخسلەر كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇنبەرلىرىگە سۇقۇنۇپ كىرىپ، بۆلگۈنچى سۆز ئىبارىلەرنى قىلىپ، ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، زېمىن پۈتۈنلۈكىگە تاجاۋۇز قىلىۋاتىدۇ. نۇرغۇن دۆلەتلەر بۇنىڭغا دىققەت قىلماقتا ۋە ئەندىشە قىلماقتا. بىز ئاممىۋى تەشكىلاتلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ خىزمىتى ۋە قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىشىنى قوللايمىز. بىراق شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەزى شەخس ۋە تەشكىلاتلارنىڭ ب د ت نىزامنامىسىگە خىلاپلىق قىلىشى، كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ مۇنبىرىدىن پايدىلىنىپ، بۆلگۈنچىلىك مەقسىتىنى ئالغا سۈرۈشىگە قارشى تۇرىمىز»، دېگەن.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ يىللىق يىغىنىدا گېرمانىيەدىكى «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى»نىڭ ۋەكىلى د ئۇ ق قا ۋاكالىتەن سۆز قىلىپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا كىشىلىك ھوقۇقنى قاتتىق دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى شىددەتلىك تەنقىدلىگەن. خىتاي ۋەكىلى ئۇنىڭ سۆزىنى توسۇشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بىراق مۇۋەپپەقىيەتلىك بولالمىغان ئىدى.

كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئومۇمى بەس مۇنازىرىسىدە يەنە، گېرمانىيە ۋەكىلى خىتاينى قاتتىق تەنقىد قىلدى. ئۇ، خىتايدا كىشىلىك ھوقۇققا ئەڭ ئېغىر تىبەت ۋە ئۇيغۇر رايونىدا خىلاپلىق قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، « پۈتۈن خىتايدا بولۇپمۇ تىبەت بىلەن شىنجاڭدا كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىش كەڭ تارقالغان. كىشىلىك ھوقۇق قوغدىغۇچىلىرى ۋە ئادۋوكاتلار دائىم خالىغانچە تۇتقۇن قىلىشقا ۋە باشقا كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقلىرىغا ئۇچراپ كەلدى» دېگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*