تۈرمىدە ئۆلگەن ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ سۈرىيەدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ۋىزا ئىشىغا ياردەم قىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە

29كۈن قاماقتا تۇتۇلغاندىن كېيىن، يۈرەك كېسىلى بىلەن ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلۇپ، جەسىتى ئائىلىسىگە قايتۇرۇلغان تىجارەتچى ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ ئۆلۈم سەۋەبى گۇمانلىق بولغىنىدەك، ئۇنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىگە تەھدىت يەتكۈزۈش ئەيىبلىمىسى بىلەن تۇتۇلۇش سەۋەبىمۇ گۇمانلىق بىلىنمەكتە. دائىرىلەر ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ ئائىلىسىگە ئۇنىڭ تۇتقۇن قىلىنىش سەۋەبى سۈپىتىدە، ئۇنىڭ تۈركىيە ۋە قىرغىزىستاندىكى چېغىدا سۈرىيەگە ماڭغان ئۇيغۇرلاردىن 80 نەچچە كىشىگە ۋىزا ئېلىپ بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

جۈمە كۈنىدىكى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسىنىڭ پروگرامىسىدا دېيىلگەندەك، ئىلگىرى سالامەتلىكىدە ھېچقانداق مەسىلە كۆرۈلمىگەن ئابدۇرېشىت ھاجى، 29 كۈنلۈك قاماقتىن كېيىن، تۈرمىدە يۈرەك كېسىلى قوزغىلىپ ئۆلگەنلىكى ئۇقتۇرۇلۇپ جەسىتى ئائىلىسىگە تاپشۇرۇلغان ۋە شۇ كۈنى تېزلىكتە يەرلىككە قويدۇرۇۋېتىلگەن. ئائىلە ئەزالىرى جەسەتنىڭ يۈزىنى كۆرگەن بولسىمۇ، بەدەن قىسمىنى كۆرەلمىگەن. ئابدۇرېشىت ھاجىنىڭ ئائىلىسى ئۇنىڭ ئۆلۈم سەۋەبىنى سۈرۈشتە قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان؛ ئۇلار گۇمانىنى ئىچىدە ساقلاشقا ۋە ئۇشتۇمتۇت دۇچ كەلگەن بۇ تالاپەتكە سۈكۈت قىلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئابدۇرېشىت ھاجىنى ياخشى بىلىدىغان قولۇم ‏- قوشنىلىرىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ قىرغىزىستاندىكى تىجارىتى بۇنىڭدىن 5 يىل ئاۋۋال توختىغان. شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ قىرغىزىستانغا چىقمىغان. ئابدۇرېشىت ھاجى يېقىنقى ئىككى يىل ئىچىدە تۈركىيەگە ئىككى قېتىم چىققان بولسىمۇ، ئۇ يەردە تىجارەت قىلمىغان، پەقەت بىر ئېلىم-بېرىم ئىشى بىلەن يەنى قەرز سۈيلەپ چىققان.

ئابدۇرېشىت ھاجى تۈركىيەدىكى مەزگىلىدە باشقىلارغا ياردەم قىلغۇدەك دەرىجىدە ئۇزۇن تۇرمىغان. ئۇنىڭدىن باشقا، سۈرىيەگە بېرىش ئۈچۈن ۋىزا كېرەك ياكى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئىشنىڭ قىرغىزىستاندا مۇمكىنچىلىكىمۇ ئېنىق ئەمەس. ئەمما، ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتىدىكى جىددىيچىلىك سەۋەبىدىن، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتى، خۇددى ئۆلۈم سەۋەبى ھەققىدىكى گۇمانىنى ئىچىگە يۇتقاندەك، ئۇنىڭ تۇتۇلۇش سەۋەبى ھەققىدىمۇ ئېغىز ئاچالمىغان.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشتا بۇ ھەقتىكى مەلۇماتلار بېرىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*