مۇتەخەسسىسلەر: ئۇيغۇر ئارخېئولوگىيەسىنى سىياسىيلاشتۇرۇش ئىلمىي ئەركىنلىكنى بوغىدۇ

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ 22‏-مارت ئېچىلغان ئارخېئولوگىيە خىزمەت يىغىنىدا ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىنىڭ سىياسىي نىشانى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئارخېئولوگىيە خىزمىتى «بۆلگۈنچىلىك»كە قارشى كۈرەشنى نىشان قىلىشىنى، مەدەنىي يادىكارلىقلار خەلق ئاممىسىغا «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەن ئۇقۇمنى سىڭدۈرۈشكە خىزمەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان.

ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى چېن چۈەنگو يىغىندا قىلغان سۆز قىلىپ، «شىنجاڭ سوتسىيالىستىك قىممەت قارىشىنى تۇرغۇزۇش ۋە ئالغا سۈرۈش، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بۆلگۈنچىلىك ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئارخېئولوگىيە خىزمىتىگە ئېھتىياجلىق» دېگەن.

يىغىندا شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئارخېئولوگى ليۇ شۆتاڭ تېخىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا، «نۇرغۇن ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلار شىنجاڭنىڭ نەچچە مىڭ يىللار بۇرۇنلا خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتى بارلىقىنى ۋە ئۇنىڭ تەسىر دائىرىسىدە ئىكەنلىكىنى ئېچىپ بەردى» دەپ جاكارلىغان.

خىتاينىڭ «شىنجاڭ ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ بىر پارچىسى» دېگەن بۇ كەسكىن خۇلاسە، ئىزچىل تارىخ ۋە ئارخېئولوگىيە ساھەدىكى ئۇيغۇر تەتقىقاتچىلار بىلەن خىتاي ھۆكۈمىتى ۋە خىتاي ھۆكۈمەت تەتقىقاتچىلىرىنىڭ كەسكىن كۈرەش تېمىسى بولۇپ كەلگەن.
خىتاي 1980‏-يىللاردا بىر مەھەل بۇ ساھەدىكى تەتقىقاتنى قىسمەن قويۇپ بەرگەن بولسىمۇ، بىراق 1990‏-يىللارنىڭ دەسلەپكى يېرىمىدىن باشلاپ، پەرقلىق قاراشتىكى ئۇيغۇر ئارخېئولوگ ۋە تارىخچىلىرىغا زەربە بېرىشكە باشلىغان ئىدى.

بەزى خىتاي تارىخچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر تارىخ‏-ئارخېئولوگىيە تەتقىقاتىغا سىياسىي نىشان بېكىتىپ بېرىشى، ئىلمىيلىققا خىلاپكەن. ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق خىتاي تارىخچى جۇ شۆيۈەن، ھېچقانداق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلما ئۇيغۇر رايونىنىڭ خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بېرەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: (شىنجاڭ) ئەزەلدىن تارتىپ جۇڭگونىڭ زېمىنىمۇ-ئەمەسمۇ، ئارخېئولوگىيە بۇنى قانداق ئىسپاتلايدۇ. ئەگەر ئۇ يەردە بىر-ئىككى پارچە بىر خىتاي يېزىپ قالدۇرۇپ قويغان بىر نەرسە تېپىلسا، بۇ ئۇ يەر خىتاي زېمىنى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتەمدۇ!؟ خىتاي تىلى ھەرگىز شىنجاڭنىڭ يەرلىك تىلى ئەمەس. بەلكى، بەزى كىشىلەر خىتاي يېزىقىنى قوللىنىپ خەت يازغان بولۇشى مۇمكىن، بەزىلەر كارۇشتى يېزىقىنى قوللىنىپ خەت يازغان بولۇشى ئېھتىمال. شىنجاڭنىڭ جەنۇبىدىكىلەر ھەر خىل، ھەر ياڭزا يېزىقلارنى قوللىنىپ خەت يازغان بولسا، بىز ئۇيغۇرلارنى شۇلارنىڭ پارچىسى، دېسەك بولامدۇ؟ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلى ئەرەب ئېلىپبەسىنى قوللىنىپ يېزىلىدۇ. ئەگەر موڭغۇللار، مانجۇلار بۇ يېزىقنى قوللانغان بولسا، بىز قوپۇپ مانجۇ، مۇڭغول، ئۇيغۇرنىڭ ھەممىسى ئەرەبلەرنىڭ زېمىنى دېسەك بولامدۇ؟ بۇ ئىنتايىن غەيرىي ئىلمىي مېتود. يېزىق پەقەت تىلنىڭ ئاھاڭىنى ئىپادىلەيدىغان بىر بەلگە. قىسمەن ئارخېئولوگىيىلىك يادىكارلىقلارنى تاللىۋېلىپ، ئۆزىنىڭ نۇقتىئىنەزىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن قوللانسا بولمايدۇ.»

لېكىن يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەر، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر رايونى «ئەزەلدىن جۇڭگو زېمىنى»دېگەننى ئىسپاتلاش ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويغان ئارخېئولوگىيەلىك قېزىلمىلارغا ئىزچىل گۇمان بىلەن قاراپ كەلگەن.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى دوكتور قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتاي ئارخېئولوگلار ئۆزىنىڭ بۇ نۇقتىئىنەزىرىنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن بەزى ئارخېئولوگىيەلىك يادىكارلىقلارنى ياساپ چىققان.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇرۇن چەتئەللىك ئارخېئولوگلار مۇشۇ 20-، 30-يىللاردا ناھايىتى كۆپ كەلدى. شۇ چاغلاردىكى ئارخېئولوگلار قىسقىغىنە مۇددەت ئىچىدە تەكلىماكان-تارىم ۋادىسىدىن 24 خىل يېزىق، 17 خىل تىلدىكى ھەر خىل، ھەر ياڭزا ھۆججەتلەرنى تاپتى. بىراق 50‏-يىللىرى بۇ خىتاينىڭ كاۋگوچىلىرى كەلگىلى تۇرغاندىن كېيىن، بۇ قەدىمكى يەرلىك يېزىقلار يوقاپ كېتىپ، ساپلا خىتايچە نەرسىلەر چىققىلى تۇردى. بۇ ئاجايىپ غەلىتە بىر ئەھۋال. ئەمدى بۇ يەردىكى ئىش، بىز يەر ئاستىدىن چىققان بۇ تارىخىي ماتېرىياللارغا كۆز يۇممايمىز. بىراق، ھازىر ئېنىق بىر ئىش تۇرۇپتۇ، خىتايلار يالغان ئاسارە-ئەتىقە ياساش ئىشىنى باشلىدى. بۇنىڭ مىسالى، خىتاينىڭ ئەڭ ئاتاقلىق ئارخېئولوگى«كەكمەنىر قول يازمىسى» دېگەن بىر يالغان نەرسىنى ياساپ چىقتى. مۇشۇنداق بىر يالغان نەرسىنى گو مورۇدەك بىر ئادەم ياسىغان بولسا، قالغانلارغا گەپ ئىشلىمەيدۇ.»

قاھار باراتنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي ئۇيغۇر رايونى «ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمى» دېگەننى تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ھەقىقىي بىر مەمۇرى رايونىغا ئايلانغان ۋاقتى 1944‏-يىلدىن باشلانغان. ئۇ، ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئۇيغۇر ئىلى خىتاينىڭ كونتروللۇقىدىكى زېمىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «شىنجاڭ يېڭىدىن بېسىۋېلىنغان رايون دېگەن گەپ. شىنجاڭنى مەنچىڭ ئوردىسىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مەجلىسىدە 1884‏-يىلى شىنجاڭ ئۆلكىسى، دەپ تىزىملىغان بولسىمۇ، ئەمەلىيەتتە شىنجاڭنى بىر ئۆلكە قىلىدىغانغا ھۆكۈمەتنىڭ چولىسى يەتمىدى، ئۇنىڭغا ئۈلگەرمىدى. بۇ جەرياندا ۋاقىتلىق ئېلى جاڭجۈن مەھكىمىسى باشقۇرۇپ تۇردى. مەنچىڭ ئاغدۇرۇلۇپ كەتكەندىن كېيىن، بۇ شىنجاڭ سېڭ دېگىنى مىلىتارىستلارنىڭ قولىدا قالدى. ئەمدى شىڭ شىسەي 1944‏-يىلى كەتكەندىن كېيىن، 44-يىل بىلەن 49-يىل ئارىلىقىدا گومىنداڭ ئۈرۈمچىگە ئۆزلىرىنىڭ ئۆلكىلىك نېمىلىرىنى ئەۋەتتى. بۇنىڭدا مەلۇم مەمۇرى كۈچكە ئىگە ھاكىمىيەت بولدى. ئەگەر شىۇنى دېسەك، بۇ قىسقا مەزگىل قىسمەن ئۆلكە بولۇش شەرتىگە توشىدۇ. بۇنىڭدا بىر مەمۇرى ئالاقە بار.»

بىراق يەنە بەزى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ قارىشىچە، قانداقلا بولمىسۇن، خىتاينىڭ ئارخېئولوگىيەنى «بۆلگۈنچىلىك» ئىدىيەسىگە قارشى تۇرۇش نىشانى ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش پىلانى ئاكادېمىك ئەركىنلىككە قىلىنغان بۇزغۇنچىلىقتۇر.

تارىخچى جۇ شۆيۈەن مۇنداق دېدى: «بۇ ئىلمىي تەتقىقاتقا قىلىنغان بۇزغۇنچىلىق، بۇ ئىلمىي تەتقىقاتنى ئېكسپىلاتاتسىيە قىلىش. ئۇلار خالىغان نەتىجىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن بۇنداق قىلىشنىڭ بىر ھاجىتى بارمۇ؟ ئەگەر ئۇلار ئىستىگەن پاكىتنى تاپالمىسا قانداق قىلىدۇ؟ شۇنىڭ بىلەن بۇنىڭ ھېچقانداق نەتىجىسى بولمامدۇ. ئىلىم-پەن ھەقىقەتنى ئىزدەيدۇ. شىنجاڭ ئەزەلدىن جۇڭگونىڭ بىر قىسمىمۇ؟ سەن ئۇنداق دەپ تۇرۇۋالساڭ، بىز قانداق قىلىمىز. ئەلۋەتتە ئۇ ھازىر جۇڭگونىڭ كونتروللۇقىدا. ئەمما، بۇنى بىر نەرسىلەر بىلەن ئىسپاتلاشقا تىرىشىشتىكى ئەندىشە نېمە. ئۇ بەلكى بۇ زېمىنغا بولغان ئىگىدارچىلىقىنىڭ قانۇنى ئاساسىنى ئىزدەۋاتقاندۇر. بىراق، بۇنى ئارخېئولوگىيە ئارقىلىق ئىسپاتلىغىلى بولمايدۇ. ئۇلار مەسىلىگە خاتا نۇقتىدىن چىقىپ قاراۋاتىدۇ.»

بىراق، خىتاي «يەر شارى ۋاقتى گېزىتى»نىڭ نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، 22‏-مارت ئېچىلغان ئارخېئولوگىيە خىزمەت يىغىنىدا، خىتاي ئارخېئولوگ ليۇ شۆتاڭ، خىتاي بىلەن ئۇيغۇر رايونىنىڭ مۇناسىۋىتى خەن سۇلالىسىدىن نەچچە ئەسىر ئاۋۋال باشلانغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بۇ ئالاقە مىلادى 3‏-ئەسىردە خەن سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى باشقۇرۇشىنىڭ يولىنى ئاچقان» دەپ كۆرسەتكەن. بىراق ئۇ، قانداق ئارخېئولوگىيىلىك پاكىتلارغا ئاساسەن بۇ خۇلاسىغا كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالمىغان.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*