ئاتۇش ئىشتاچىلىق تىجارەتچى ئابدۇرىشىت ھاجىنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان

ئالدىنقى كۈنى بىرى ئەركىن رادىئو ئىستانسىسىگە  مەكتۇپ يوللاپ، ئاتۇشنىڭ ئازاق يېزا يۇقىرى ئىشتاچى كەنتىدىكى 55 ياشلىق تىجارەتچى ئابدۇرىشىت ھاجىنىڭ ئۇلۇغچات تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىكى ئۇچۇرىنى يەتكۈزگەن.  ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ بۇ يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئېنىقلىشى داۋامىدا ئابدۇرىشىت ھاجىنىڭ ئۆتكەن يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى تۇتقۇن قىلىنىپ، ئارىدىن 27 كۈن ئۆتكەندە يەنى بۇ يىل 13-يانىۋار كۈنى ئائىلىسىگە جەسىتى تاپشۇرۇلغانلىقى دەلىللەنگەن.

ئاشكارىلىنىشىچە، ئابدۇرىشىت ھاجى چەتئەلدىكى ئاتالمىش«تېررورچى» تەشكىلاتلار بىلەن ھەمكارلىشىش گۇمانى بىلەن ئۇلۇغچات تۈرمىسىدە سوراق قىلىنىۋاتقان ئىكەن. دائىرىلەر، ئابدۇرىشىت ھاجىنىڭ جەسىتىنى ئائىلە ئەزالىرىغا تۈرمىدە تاپشۇرغان ۋە جەسەتنى ئۆيىگە ئەكەتكۈزمەي، شۇ كۈنى كېچىلەپ يەرلىككە قويدۇرىۋەتكەن.

Leave a Comment

*

*