خىتاينىڭ گېرمانىيەدە قۇرغان «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» دىققەت قوزغىدى

گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى خىتاي باش ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن 20-مارت قۇرۇلغان «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» ۋە خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپات پۇلى» نامىدا، ئۆز خىراجىتى بىلەن ئۇيغۇر دىيارىدىن گېرمانىيەگە كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارغا پۇل تارقىتىشى، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ۋە زىيالىيلىرىنىڭ جىددىي دىققىتىنى قوزغىدى.

خىتاي خەۋەرلەر تورىنىڭ 21-مارت كۈنىدىكى خەۋىرىدە، خىتاينىڭ بېرلىن شەھىرىدىكى باش ئەلچىخانىسىنىڭ 20-مارت كۈنى 2017-يىللىق «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپاتى تارقىتىش مۇراسىمى» ئۆتكۈزۈش بىلەن بىرلىكتە، ئۇيغۇر دىيارىدىن كېلىپ، گېرمانىيەدە ئۆز خىراجىتى بىلەن ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئاساسىدا «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» قۇرغانلىقى خەۋەر قىلىندى. مەزكۇر خەۋەردە يەنە، گېرمانىيەدىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ 2011-يىلدىن بۇيان «شىنجاڭلىق مۇنەۋۋەر ئوقۇغۇچىلار ئوقۇش مۇكاپاتى» نامىدا ھازىرغا قەدەر گېرمانىيەدىكى ئۇيغۇر قاتارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن 68 نەپىرىگە ئوقۇش ياردەم پۇلى بەرگەنلىكى تىلغا ئېلىنغان.

گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون شەھىرىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پروگراممىسىنىڭ تەتقىقاتچىسى زۇبەيرە خانىملار رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، چەتئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان قۇرۇلۇشقا باشلىغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى»، «شىنجاڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» ۋە چەتئەللەردە «شىنجاڭلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تارقىتىش» قاتارلىقلار ھەققىدىكى خەۋەرلەرنىڭ دىققەت قوزغايدىغانلىقىنى بىلدۈردى

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان ئوقۇش، خىزمەت ۋە باشقا سەۋەبلەر بىلەن چەتئەللەرگە، بولۇپمۇ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە چىققان ئۇيغۇرلارغا قاراتقان تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنىڭ غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن بىلەن بولغان ئالاقىسىنى چەكلەشكە ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى، ھەتتا ئاتالمىش «ئوقۇش مۇكاپاتى»، «شىنجاڭغا ساياھەت» قاتارلىق ئىقتىسادىي جەھەتتىن مەنپەئەت بېرىش ئۇسۇللىرىنى قوللىنىپ، غەرب دۆلەتلىرىدە ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلارنى ۋە ئاللىقاچان غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان ئۇيغۇرلارنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تەشۋىقاتىنى قىلىشقا، ھەتتا خىتاي ھۆكۈمىتىگە جاسۇسلۇق قىلىش ئىشلىرىغا دەۋەت قىلىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

زۇبەيرە خانىم ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ئاۋسترالىيەدىكى چاغلىرىدا، خىتاي ئەلچىخانىسى ئاۋسترالىيەنىڭ مىلبورنى قاتارلىق شەھەرلىرىدە قۇرغان «شىنجاڭ يۇرتداشلار ئۇيۇشمىسى» قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن ئېلىپ بارغان پائالىيەتلىرى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى ئەسلەپ، خىتاي ئەلچىخانىلىرىنىڭ تەشەببۇسى ۋە بىۋاسىتە قول تىقىشى بىلەن قۇرۇلغان بۇنداق تەشكىلاتلارنىڭ ھەر خىل سەۋەبلەر بىلەن غەرب دۆلەتلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارنى شۇ يەردىكى ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىدىن يىراقلاشتۇرۇش، ئۇيغۇر جامائىتى ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك سېلىش، ھەتتا چەتئەللەردە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە ئۇيغۇرلار پائالىيەتچىلىرىنىڭ ئىش-ھەرىكەتلىرىنى نازارەت قىلىش، ئۇلار ھەققىدە ئۇچۇر توپلاش قاتارلىق كۆپ خىل مەقسەتلەرنى نىشان قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ گېرمانىيەدە قۇرۇلغان ئاتالمىش «شىنجاڭ ئوقۇغۇچىلار ئۇيۇشمىسى» نىڭ پائالىيەتلىرى ۋە ئەزالىرىغا دىققەت قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ خىل ھەرىكەت پائالىيەتلىرىنى دېموكراتىك دۆلەتلەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر جامائىتى ۋە ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۆزى تۇرۇۋاتقان دۆلەتلەر قانۇنىغا ئاساسەن تەكشۈرۈشى ۋە تېگىشلىك تەدبىرلەرنى قوللىنىشى لازىملىقىنى تەكىتلىدى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*