ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەر ئاۋسترالىيەنىڭ پارلامېنت بىناسى ئالدىدا خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ باردى

23-مارت كۈنى ئاۋسترالىيەدە زىيارەتتە بولۇۋاتقان خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭنىڭ ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بارىدىغان ئىككى دۆلەت سۆھبىتى باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ئاۋسترالىيەنىڭ ھەر قايسى شەھەرلىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرى پايتەخت كانبىرادىكى پارلامېنت بىناسى ئالدىغا جەم بولۇپ، بىرلىكتە خىتايغا قارشى نامايىش ئېلىپ بارغان. بىز مەزكۇر نامايىش ھەققىدە تولۇق مەلۇماتقا ئېرىشىش ئۈچۈن نامايىش مەيدانىغا تېلېفون قىلىپ بۇ ھەقتە ئۇچۇر ئىگىلىدۇق.

 ئاۋسترالىيە شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى نۇرمۇھەممەت تۈركىستانى  نامايىش ھەققىدە سۆز قىلغان. نامايىشقا ئىشتىراك قىلىۋاتقان ئاۋسترالىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى دوكتور مەمتىمىن ئەلا ئاۋسترالىيە پارلامېنتىدا خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ بىلەن ئاۋسترالىيە تەرەپنىڭ بۈگۈن ئېلىپ بارىدىغان ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئاساسلىقى نېمىلەرنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

دوكتور مەمتىمىن ئەلا بۇ قېتىمقى ئىككى تەرەپ سۆھبىتىدە ئۇيغۇر، تىبەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى ئېھتىماللىقتىن يىراق دەپ قارالسىمۇ، بىراق ئاۋسترالىيەنىڭ باشقا مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئارقىلىق خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە بەلگىلىك دەرىجىدە بەزى بېسىملارنى ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى بايان قىلدى.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئۆتكەن يىلىنىڭ ئاخىرى ئاۋسترالىيە ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى بويىچە ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى بىلەن بىر قېتىملىق سۆھبەت ئېلىپ بارغان. لېكىن، خىتاي باش مىنىستىرى ئىلى كېچاڭنىڭ ئاۋسترالىيە زىيارىتىدىن ئىلگىرى ھۆكۈمەت تەرەپ ئۇيغۇر مەسىلىلىرى بويىچە سۆھبەت ئېلىپ بارمىغان بولسىمۇ، بىراق ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يېقىندىن قوللاپ كېلىۋاتقان سىياسىي پارتىيەلەردىن « يېشىللار پارتىيەسى» ۋە شۇنداقلا بىر قىسىم ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا بەزىبىر مەسىلىلەرنى ئاڭلاتقان.

زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، نامايىشقا سيدېنىي شەھىرىدىن كېلىپ قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن جۈرئەت ئەپەندى بۈگۈنكى نامايىش ھەققىدىكى ئۆز تەسىراتىنى بايان قىلدى.

ئاۋسترالىيەدىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپ سۇلتان ئەپەندى، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭ پارلامېنت بىناسىغا قەدەم تاشلىشى بىلەن تەڭ، نامايىشنىڭ تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكى ھەققىدە ئۇچۇر بەردى.

ئىگىلىشىمىزچە، پارلامېنت بىناسى ئالدىدا خىتايغا قارشى ئېلىپ بېرىلغان ئۇيغۇر، تىبەت، فالۇڭگۇڭ مۇرىتلىرى ۋە خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ بىرلەشمە نامايىش ئەتىگەن سائەت ئوندىن ئون ئىككىگە قەدەر ئىككى سائەت داۋام قىلغان بولۇپ، نامايىش مەيدانىدا يەنە، خىتاي باش مىنىستىرى لى كېچاڭنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن خىتاي ئەلچىخانىسى تەرىپىدىن تەشكىللەنگەن خىتاي مۇھاجىرلىرى ۋە ئوقۇغۇچىلىرىمۇ قوللىرىدا خىتاي بايرىقىنى كۆتۈرۈپ قارشى ئېلىش شوئارلىرىنى توۋلىغان.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*