ئاتۇشتا 300 نەپەر يېڭى ياردەمچى ساقچىنىڭ جىددىي مەشقلەندۈرۈلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

يېقىندا ئاتۇش شەھەرلىك دائىرىلەر جىددىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئاتۇش شەھەر تەۋەسىدە تورلاشقان ساقچى مۇلازىمەت تورىنى قۇرماقچى بولغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇقتۇرۇشتا جەمئىيەتتىن 300 نەپەر چارلاش ۋە بىخەتەرلىكنى ساقلاش خادىمى قوبۇل قىلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن.

ئاتۇشتىكى بىرقانچە ساقچىخانىلارنىڭ نۆۋەتچى خادىملىرى رادىيومىز زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 300 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ قوبۇل قىلىنىپ بولغانلىقىنى ۋە ئۇلارنىڭ نۆۋەتتە جىددىي تۈردە مەشقلەندۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

ئاتۇش شەھەرلىك ئازاق ساقچىخانىسىدىن ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ تېلېفونىنى قوبۇل قىلغان بىر نەپەر خىتاي نۆۋەتچى ساقچى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «شۇنداق، بۇنىڭغا ئىلتىماس قىلىش ئىشى ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى. نامزاتلار ئېلان قىلىندى. ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ شەرتلىرىدە ئاتا-ئانا ئىككى تەرەپتىكى بىۋاسىتە تۇغقانلىرى ئىچىدە 3 ئەۋلادقىچە جىنايەت تارىخى بولمىغان بولۇش، يەنى مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ياكى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە زىيان سېلىش جىنايىتى ئۆتكۈزمىگەن بولۇش تەلەپ قىلىنغان. جەمئىي 300 ئادەم قوبۇل قىلىنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئاساسلىق ۋەزىپىسى تورلاشقان ساقچى مۇلازىمىتى ئېلىپ بېرىش، يەنى چارلاش ۋە بىخەتەرلىك كۆزەتچىلىكى قىلىش قاتارلىقلار.»

ئاتۇش شەھەرلىك پويىز ئىستانسىسى ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر نۆۋەتچى ساقچىسى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، 300 نەپەر ياردەمچى ساقچىنىڭ ئالدىنقى كۈنى قوبۇل قىلىنىپ بولغانلىقىنى، نۆۋەتتە ئۇلارنىڭ جىددىي تۈردە مەشقلەندۈرۈلىۋاتقانلىقىنى ئاشكارا قىلدى.

ئاتۇش شەھەرلىك تەڭرىتاغ ساقچىخانىسىنىڭ بىر نەپەر خىتاي ساقچىسىمۇ يۇقىرىقى ئەھۋالنىڭ راستلىقىنى دەلىللىدى: «شۇنداق، بۇ خىزمەت بۈگۈن ئاخىرلاشتى. سىز كۆرگەن ئۇقتۇرۇشتا دېيىلگىنىدەك، ئەگەردە ئۈچ ئەۋلاد ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئارىسىدا مىللىي بۆلگۈنچىلىك، قانۇنسىز دىنىي پائالىيەت ياكى باشقا سىياسىي جىنايەت سادىر قىلغانلار بۇ خىزمەتكە قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئۇلار ئاساسلىقى تورلاشقان ساقچى مۇلازىمەت پونكىتلىرىدا چارلىغۇچىلىق قىلىدۇ. كونكرېت ئەھۋالىنى كادىرلار ئىدارىسىدىن سورىسىڭىز بولىدۇ.»

بىز ئاخىرىدا ئاتۇشتىكى يەرلىك ئاھالىلەردىن بىرىگە تېلېفون قىلدۇق. ئۈستۈن ئاتۇشنىڭ مەلۇم جايىدا ئولتۇرۇشلۇق بىر كىشى، نۆۋەتتە ۋەزىيەتنىڭ جىددىي ئىكەنلىكىنى، پۈتۈن يېزا-بازارلارنىڭ تەكشۈرۈش پونكىتلىرى بىلەن تورلاشقانلىقىنى، ئارقا-ئارقىدىن ياردەمچى ساقچىلىققا ئادەم ئېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە كىملىكسىز يول يۈرۈشنىڭ مۇمكىن ئەمەسلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*