«مەسىلە تاپشۇرۇش» تا ئاھالىلەر 15 يىل ئاۋۋالقى قىلمىشىدىنمۇ ھېساب بەرمەكتە

ئىجتىمائىي ئاخبارات ئۇچۇرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي دائىرىلىرى ئۇيغۇر رايونىدا 2014-يىلى باشلانغان قاتتىق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە ئاساسلىقى يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ يېقىنقى 10 يىل ئىچىدە ئۆتكۈزگەن ئاتالمىش جىنايەتلىرىدىن ھېساب ئالغان بولسا، بۇ يىل باشلانغان مەسىلە تاپشۇرۇش ھەرىكىتىدە، ئاھالىلەرنىڭ بۇنىڭدىن 15 ۋە 20 يىل ئاۋۋالقى قىلمىشىدىنمۇ ھېساب سورىغان ۋە ئاتالمىش جىنايىتى بايقالغانلارنى تۇتقۇن قىلغان ۋە كەسكەن. بۇ ئەھۋال مۇخبىرىمىزنىڭ تۈنۈگۈنكى گۇمىغا قارىتا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارىتى داۋامىدا كەنت سېكرېتارى تەرىپىدىن دەلىللەندى.

بۇ ئاينىڭ بېشىدا يېڭىسار پالتىلىق ھۇجۇمى ھەققىدە ئېلىپ بارغان ئېنىقلاشلىرىمىز داۋامىدا، يېڭىساردىكى ئاھالىلەرنىڭ نۆۋەتتىكى قىلمىشى ئۈستىدىنلا ئەمەس، بەلكى 15 يىلنىڭ ئالدىدا قويغان ساقىلى، ئوقۇغان دىنىي كىتابلىرى ۋە قاتناشقان تەبلىغلىرى ھەققىدىمۇ ھېساب بېرىشكە مەجبۇر بولغانلىقى ئاشكارىلانغان. فېيسبۇكتا تارقالغان بىر ئۇچۇردا بايان قىلىنىشىچە، غۇلجا شەھىرىنىڭ تاشلەپكە تەۋەلىكىدىكى ئولتۇرۇشلۇق 65 ياشلىق رازىيە خانىم، 7 نەۋرىسىنى يەر ئاستى دىنىي مەكتەپكە بەرگەندىن باشقا، ئەدىبە ۋە ئەزىزە ئىسىملىك ئىككى قىزىنى 20 يىلنىڭ ئالدىدا دىنىي مەكتەپكە بەرگەنلىكى ئۈچۈن تۇتۇلغان ۋە بۇ يىل 3-مارت كۈنى 4 يىللىق كېسىلگەن.

15 يىل ئاۋۋالقى قىلمىشىدىن ھېساب بېرىش يالغۇز غۇلجا ۋە قەشقەردىلا ئەمەس خوتەندىمۇ داۋام قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم.

خوتەننىڭ گۇما پىيالىما يېزىسىدىكى بىر كەنت سېكرېتارىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئاھالىلەر يېقىنقى 10 يىللىق قىلمىشى ھەققىدە مەسىلە تاپشۇرغاندا ئاساسلىقى دىنىي ماتېرىياللارنى قول تېلېفوندىن ئاڭلىغىنى، 10 يىل ئاۋۋالقى قىلمىشىدىن ھېساب بەرگەندە، ئاساسلىقى قېتىلغان دىنىي تەبلىغلىرى ھەققىدە مەلۇمات بەرگەن.

ئۇيغۇر رايونىدا ئاھالىلەرنىڭ 15 يىل بۇرۇنقى قىلمىشىدىن ھېساب بېرىشى، بەزى ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ مۇقىملىق جەھەتتىكى ئەندىشىسىنىڭ يۈكسىلىشىدىندۇر؛ يەنى خىتاي دائىرىلىرى تەلتۆكۈس خاتىرجەم بولۇش ئۈچۈن، پىلانلىق ھالدا زەربە بېرىش دائىرىسىنى كېڭەيتكەن؛ يەنە بەزى كۆزەتكۈچىلەرنىڭ قارىشىچە، يەرلىك ئەمەلدارلار ئادەم تۇتۇش ۋە سولاشتا ۋەزىپە ئورۇنلاشتا قىينالغانلىقى ياكى خىزمەت كۆرسىتىشكە ئىنتىلگەنلىكى ئۈچۈن مەسىلە ئىزدەش دائىرىسىنى 15 يىل ئاۋۋالغا قەدەر ئىلگىرىلەتكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاىسيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*