ئۇيغۇر ئېلىدا رېستورانغا كىرمەكچى بولسىڭىز، «كىملىكىڭىزنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ»

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىگە دائىر خەۋەرلەردىن نۆۋەتتە، خىتاينىڭ مۇقىملىققا مەسئۇل كاتتىۋاشلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا، ھەر ساھەدە مۇقىملىق تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىۋاتقانلىقى مەلۇم. دائىرىلەر ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى ساھە، ھەر قاتلاملىرىدا «قاتتىق زەربە بېرىش جېڭىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» نامىدىكى مۇقىملىق يېڭى تەدبىرلىرىدە «مۇقىملىقنى قوغداشنى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان كەسكىن ۋەزىپە دەپ بىلىش، يوچۇق، قارىغۇ رايون، كونترولسىز نۇقتا بولماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇش، قاتتىق مۇداپىئە كۆرۈش، ھەر ۋاقىت تەييار ھالەتتە تۇرۇش كېرەك» دېگەندەك تەلەپ بويىچە يەنىمۇ جىددىي تەدبىرلەرنى ئالماقتا.

بۇ ھەقتىكى ئىنكاس ۋە ئىگىلەشلىرىمىزدىن، ئۇيغۇرلار زىچ ئولتۇراقلاشقان بەزى جايلاردا ھەتتا رېستورانلاردا تاماق يېمەكچى بولغان ئىستېمالچىلارنىڭمۇ كىملىك كۆرسىتىشى تەلەپ قىلىنىۋاتقانلىقى ئاشكارىلاندى.

گۇمىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇمدىن كېيىنلا ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنىڭ يەنىمۇ جىددىيلەشكەنلىكى ھەر تەرەپتىن ئاشكارىلانماقتا. 27-فېۋرال دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئۈرۈمچى، قەشقەر، خوتەن قاتارلىق جايلىرىدا خىتاي قوراللىق قىسىملىرى ئارقا-ئارقىدىن «ھەيۋە بىلەن چۆچۈتۈش، قوراللىق كۈچ كۆرسىتىش» تېمىسىدىكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش قەسەمياد يىغىنلىرىنى ئۇيۇشتۇرغان ئىدى دائىرىلەر بۇنىڭ بىلەن تەڭ بارلىق بىخەتەرلىك ئاپپاراتلىرىنى جىددىي ھالەتتە تۇرۇشقا، بارلىق ئىدارە، ئورگانلارنى 24 سائەتلىك مۇقىملىق ۋەزىيىتىنى قوغداشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كونكرېت ئورۇنلاشتۇرۇشلار ئېلىپ بارغان. يېقىندىن بۇيان بۇ ھەقتە رادىئومىزغا كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئۇچۇرلاردىن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ھەر قايسى چوڭ شەھەر، ناھىيىلىرىدە قوراللىق ئەسكەرلەر چارلاش ئېلىپ بارغاندا برونېۋىكلارنى قوللانماقتا. بارلىق ئىش بېجىرىش ئورۇنلىرى، ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىپ-چىققاندا بىردەك كىملىك تەكشۈرۈش يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقى مەلۇم.

بەزى ھەددىدىن ئاشقان تەدبىرلەرنىڭ يەرلىك خەلقنىڭ نورمال ھاياتىغا روھىي بېسىم شەكىللەندۈرگەندىن باشقا يەنە، كۈندىلىك تۇرمۇشى، خىزمەت، ئوقۇشلىرى ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ھەمدە پائالىيەتلىرىگىمۇ قۇلايسىزلىقلار ئېلىپ كەلگەنلىكىنى شىكايەت قىلماقتا. بۇ ھەقتە يېقىندا بىر مۇھاجىر، ئۆزىنىڭ يېقىندا تۈركىيەدىن تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئۈچۈن يۇرتقا بارغاندا، مەلۇم رېستورانغا كىملىكى يوق كىرەلمىگەنلىكىنى، سەۋەبى دائىرىلەرنىڭ يېقىندا ئالغان مۇقىملىق تەدبىرلىرىنىڭ بىرى سۈپىتىدە، بارلىق ئۇيغۇر ئاشخانا ۋە رېستورانلارنىڭمۇ كىملىكسىز خېرىدار قوبۇل قىلماسلىقىنى ئۇقتۇرغان بولغاچقا، ھەتتا خېرىدارلارنىڭ پاسپورتىنىڭمۇ ئىناۋەتكە ئېلىنماي، پەقەت كىملىك تەلەپ قىلىنغانلىقىنى ئىنكاس قىلغان ئىدى. يېقىنقى كۈنلەردە بۇنىڭ يەنە بىر سۈرەتلىك دەلىلى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارالدى. بۇ بىر توي باغاقچىسىنىڭ تارتىلغان سۈرىتى بولۇپ، باغاققا (كىملىكىڭىزنى ئېلىۋېلىشنى ئۇنتۇماڭ) دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىش قوشۇپ قويۇلغان. چەتئەللەردە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە كۆزەتكۈچىلەردە غەلىتىلىك، بىمەنىلىك ھېس قىلدۇرغان بۇ مۇقىملىق چارىسىنىڭ قانداق، قايسى جايلاردا يۈرگۈزۈلۈۋاتقانلىقىنى ئىگىلەش ئۈچۈن، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ بىر قىسىم جايلىرىدىن ئۇچۇر ئىگىلەپ كۆرگەن.

دەسلەپ ئۇيغۇر ئېلىدىكى ساياھەت نۇقتىلىرىدىن، بۇيلۇقتىكى بىر ئۇيغۇر رېستوراندىن ئەھۋال ئىگىلەنگەندە، رېستوراننىڭ كۆزەتچىسى، رېستورانغا كىرگەن خېرىدارلاردىن كىملىك تەلەپ قىلىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى ۋە پاسپورت بولسىمۇ بولىۋېرىدىغانلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ قويغان.

ئاقسۇ شەھىرىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ كۆزەتكۈچىلىرىدىن بىرى ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، يېقىندىن بۇيان ساقچىلارنىڭ چارلاشنى كۈچەيتكەنلىكىنى، رېستورانغا كىرىپ-چىققانلارنىمۇ تىزىملاپ قويۇۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

خوتەننىڭ لوپ ناھىيىسىدىكى بىر كىچىك ئۇيغۇر ئاشخانا خوجايىنى، بۇ ئاشخانىغا كىرگەنلەرنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈش ئۇقتۇرۇشىنى ئالغانلىقىنى، دائىرىلەرنىڭمۇ ئاشخانىغا كېلىپ تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى، بۇرۇندىن كىرىۋاتقان خېرىدارلارنى كىملىكىڭ يوقكەن دەپ تاماق بېرىشنى رەت قىلالمايدىغانلىقى، ئامما يۇقىرىنىڭ بېسىمى بولغاچقا ئارىدا خىجىلچىلىقتا قېلىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.

قەشقەرنىڭ يېڭىشەر ناھىيىسىدىكى بىر ئۇيغۇر رېستورانىنىڭ خىزمەتچىسىمۇ ئوخشاشلا بۇ رېستوراندىمۇ خېرىدارلارنىڭ كىملىكىنى تەكشۈرۈپ ئاندىن مۇلازىمەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ خىل تەدبىرنىڭ يۈرگۈزۈلۈشىنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار نازارەت قىلىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جىددىي ۋەزىيەتتە سودىنىڭمۇ بۇرۇنقىدىن ئاستىلاپ قالغانلىقىنى، سىرتتا بولسا ساقچى ئاپتوموبىللىرى ۋە برونېۋىكلارنىڭ چارلاپ ئۆتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى،ۋەزىيەتنىڭ ئالاھىدە جىددىي بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

مۇخبىر  ئاشخانا ۋە رېستورانلارنىڭ كىملىك تەكشۈرۈشنى مۇلازىمەتنىڭ ئالدىنقى شەرتى قىلىشىدىكى سەۋەب ۋە بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ مەزمۇنى ھەققىدە قەشقەر يېڭىشەر ناھىيىلىك ھۆكۈمەتتىن تەپسىلىي مەلۇمات ئېلىشقا تىرىشقان بولسىمۇ، تېلېفوننى ئالغان خادىم بۇ ھەقتە جاۋاب بېرىشنى رەت قىلغان.

مۇخبىر قەشقەر شەھىرىدىكى بىر ساقچى پۇنكىتىدىن رېستورانلاردا كىملىك تەكشۈرۈشنىڭ قاچاندىن باشلاپ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى سورىغان، سوئالغا جاۋاب بەرگەن ئايال ساقچى، بۇنىڭ، يېڭى تەدبىرنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتكەن.

خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى يېڭى مۇقىملىق تەدبىرلىرىدە، ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىپ، قوغداش كۈچلىرىنىڭ سەپلىنىشى، نۆۋەتچىلىك، مۇھاپىزەت قىلىش قاتارلىق بىخەتەرلىك، تىزگىنلەش تەلەپلىرىنى كۈچەيتكەنلىكى، بولۇپمۇ رېستورانلارغا ئوخشاش ئادەم زىچ جايلار ۋە نۇقتىلىق سورۇنلاردا ئالاھىدە مۇقىملىقنى قوغداش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈپ،«تېررورلۇققا قارشى تۇرۇپ، مۇقىملىقنى قوغداش خەلق ئۇرۇشىنى ياخشى قىلىش كېرەك» شوئارى بىلەن جەمئىيەتتە ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش تورىنى كەڭ يېيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا ردىئوسى

Leave a Comment

*

*