ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: ئۇيغۇرلارنىڭمۇ قوش تىل مائارىپىغا قارشى ئاسسىمىلياتسىيەدىن قوغدىنىش پىلانى بولۇشى زۆرۈر

خىتاي ھۆكۈمىتى 13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، نۇقتىلىق ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدا بالىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشتىن بۇرۇنقى قوش تىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى 85% تىن ئاشۇرۇشقا كاپالەتلىك قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى. دائىرىلەرنىڭ ئوقۇشتىن بۇرۇنقى ئۈچ يىللىق يەسلى قوش تىل مائارىپىنى تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە، تېخىمۇ يۇقىرى سۈرئەتتە ئومۇملاشتۇرىدىغانلىقى، بېيجىڭدا ئېچىلىۋاتقان خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئۇيغۇر ئېلى ۋەكىللىرىنىڭ بايانلىرىدىن ئاشكارىلانماقتا.

بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغان چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلار، قوش تىل مائارىپىنىڭ «خىتاينىڭ شىنجاڭ ئىستراتېگىيىسىدىكى مۇھىم سىياسەت» ۋە ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىپ يوقىتىش قورالى ئىكەنلىكىنى مۇلاھىزە قىلىش بىلەن تەڭ، «ئۇيغۇرلار ئەۋلادلىرىنىڭ ئاسسىمىلياتسىيە قىلىنىشىدىن قوغداشتا، ئانا تىلنى قوغداشنى ئەڭ مۇھىم ۋەزىپە ۋە بۇرچ دەپ بىلىشى، كونكرېت پىلان بىلەن سىستېمىلىق ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشى زۆرۈر» دەپ چاقىرىق قىلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى، ئۇيغۇر ئېلىدىكى قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ يۈرۈشۈشى ئۈچۈن داۋاملىق مەخسۇس تۈر مەبلىغى سېلىپ، قوش تىل مائارىپى مېخانىزمىنى كۈچەيتىپ كەلدى. پىلانىدىكىدەك، پۈتۈن رايون ئىچىدە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى كاپالەت مېخانىزمىنى ئىلگىرىكى 2 يىلدىن 3 يىلغا ئۇزارتىپ كەڭ كۆلەمدە ئومۇملاشتۇرۇپ، 2020-يىلغا بارغىچە مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى 3 يىللىق قوش تىللىق يەسلىگە كىرىش نىسبىتىنى 85% كە ئۆستۈرۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىپ كەلدى. ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ ستاتىستىكىلىق سانلىق مەلۇماتىدا، «13-بەش يىللىق پىلان مەزگىلىدە، يېزا قوش تىللىق يەسلىلەردىن 2500 نى قۇرۇپ چىقىپ، پۈتۈن رايوندىكى مەكتەپكە كىرىشتىن ئىلگىرىكى 2 يىللىق قوش تىللىق مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇشنى 59% دىن 77% كە يەتكۈزۈپ، يەسلىلەردىكى بالىلارنىڭ سانىنى 480 مىڭغا يەتكۈزىدۇ. جەنۇبتىكى يېزا رايونلىرىغا 14 مىڭدىن ئارتۇق قوش تىللىق يەسلى ئوقۇتقۇچىسىنى تولۇقلايدۇ» دەپ كۆرسەتكەن ئىدى.

7-مارت شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خىتاي مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش يىغىنى ھەققىدىكى مەخسۇس خەۋەرلىرىدە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون ۋەكىللىرىنىڭ ئاغزىدىن نەقىل ئېلىپ كۆرسىتىشىچە، ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇبىدىكى يېزا، كەنتلەرگە 3682 قوش تىل يەسلىسى قۇرۇلغان، يەنە 334 يەردە يەسلى ئېچىلىش ئالدىدا ئىكەن. بۇنىڭغا دائىر تەشۋىقات خەۋىرىدە ئۇيغۇر بالىلارنىڭ قوش تىل يەسلىدىلا خىتاي تىلى چىقىۋاتقانلىقى، يەرلىك ئامما ۋە خىتايلارنىڭ قوش تىل مائارىپنى قارشى ئېلىۋاتقانلىقى ۋە ئۇنى كۈچەيتىش تەلەپلىرى ئوتتۇرىغا قويۇلغان.

قوش تىل مائارىپى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنلىرىدىمۇ نۇقتىلىق تەشۋىقات تېمىسى بولۇۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى ۋە زىيالىيلاردا بەلگىلىك ئىنكاس قوزغىدى، بۇ ھەقتە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان گېرمانىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىنى ئىدارە قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم سىياسىتى ئىكەنلىكىنى ۋە ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشنى مەقسەت قىلغان بۇ سىياسەتنىڭ بارغانچە كۈچەيتىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭغا قارىتا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىمۇ سەزگۈر قاراپ كېلىۋاتقانلىقىنى ھەمدە چەتئەللەردە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مىللىي دەۋادىمۇ ئوتتۇرىغا قويۇلۇۋاتقان نۇقتىلىق مەسىلە سۈپىتىدە مۇئامىلە قىلىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن، شۇنداقلا يەسلى يېشىدىكى گۆدەكلەرگە پۈتۈنلەي خىتاي تىلىنى ئاساس قىلغان مائارىپنى يولغا قويۇشنىڭ ئەۋلادلارغا قىلىنغان زىيانكەشلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، ھەر بىر ئۇيغۇرنىڭ ئۆز ئۇيغۇر تىلىنى، ئەۋلادلارنى قوغداشتا تېگىشلىك پائالىيەت قىلىشى زۆرۈرلۈكىنى ئوتتۇرىغا قويغان: «ئۇيغۇر ئېلىدە پەننىي مائارىپنىڭ ئاساسىنى قۇرغۇچىلار ئائىلىسى مۇسابايوفلارنىڭ ئەۋلادلىرىدىن بولغان ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر پائالىيەتچى نۇرمەمەت مۇساباي ئەپەندى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ قوش تىل مائارىپ سىياسىتىنىڭ مەقسىتى ۋە زىيانلىرىنى ئۇيغۇرلار تونۇپ يەتكەن بولسىمۇ، ئۇنىڭغا قارشى بىر مۇداپىئە سىستېمىسى يوقلۇقىنى، ئۇيغۇرلار ۋەتىنىدە ھەتتا ئائىلىلىرىدە ئەۋلادلارغا ئۆز مىللىي ۋە دىنىي كىملىك تىل تەربىيىلىرى ئېلىپ بېرىش خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچراۋاتقان شارائىتتا، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇرلارنىڭ پەقەت ئۆزلىرى ياشاۋاتقان جايلاردا ئانا تىل تەربىيىسى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى،ئەمما بۇنىڭ بىلەن خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتىگە قارشى تۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇيغۇرلار ۋەتىنى ئىچىدىكى بار شارائىتلاردىن، قانۇندىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئانا تىلنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىشى كېرەك.»

كانادادىكى رۇقىيە خانىم، ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا تىلنى قوغداش ھەققىدە ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋە پائالىيەتچىلەر تەكرارلايدىغان «ئانا تىلنى ئائىلىلەردە داۋاملاشتۇرۇش» قوغدىنىش ئۇسۇلىنىڭ بىر دەۋر ئۇنۇمى بولسىمۇ، ئىككىنچى دەۋردە ئۇنۇم بەرمەيدىغانلىقىنى، ھازىرقى رىئاللىققا مۇناسىپ تەدبىر ئېلىش زۈرۈرلۈكىنى، بارلىق تەشكىلات ۋە ھىجرەتتىكى ئۇيغۇر جامائىتىنىڭ بۇنى ئەڭ مۇھىم مەسىلە قاتارىغا قويۇشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*