ئۇيغۇر رايونىدىكى ئومۇمىي سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قارىتا بەزى كىشىلەردىكى گۇمان يەنىلا يېشىلمىدى

خىتاي سەھىيە تارماقلىرى 2016‏-يىلى سېنتەبىردە باشلانغان ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ئومۇمىي خەلق ھەقسىز سالامەتلىك تەكشۈرۈشى بۇ يىل 3‏-ئاينىڭ باشلىرىدا ئاخىرلاشقانلىقىنى ئېلان قىلدى. خىتاي ھۆكۈمەت ئاخباراتى‏-شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 6 ئاي داۋام قىلغان ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىگە 17 مىليون 500 مىڭ ئادەم قاتنىشىپ، رايون نوپۇسىنى 90.03 پىرسەنتىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇلغان. بۇنىڭ ئىچىدىكى 83.11 پىرسەنت كىشىنىڭ سالامەتلىك ئارخىپى كومپيۇتېر سىستېمىسىغا كىرگۈزۈلۈپ بولغان.

ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى 3 ۋىلايەت 1 ئوبلاستتا 9 مىليون 170 دىن ئارتۇق ئادەمنىڭ سالامەتلىكى تەكشۈرۈلگەن. ئۇيغۇر ئىلىنىڭ باشقا ۋىلايەت، ئوبلاستلىرىدا بولسا جەمئىي 8 مىليون 300 مىڭ ئادەم تەكشۈرۈشكە قاتناشقان.

بۇ قېتىمقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشى ئۇيغۇر رايونى تارىخىدىكى تۈزۈمى ئەڭ قاتتىق ۋە ۋە قاتناشقان ئادەم سانى ئەڭ زور بىر قېتىملىق سالامەتلىك تەكشۈرۈشىدۇر. ئۇيغۇر ئىلىنىڭ جەنۇبىدىكى مەلۇم نەھىيەدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال كەسپىي خادىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، سالامەتلىك تەكشۈرۈش جەدۋىلىنى بەزى ئىدارىلەر بىر تۇتاش توشقۇزغان.

ئۇيغۇر كەسپىي خادىم: بىزنىڭ ئىدارىدىن بىر تۇتاش قاتناشتۇرغان. مەنمۇ ئىدارىدىن قاتناشتىم. يولدۇشۇممۇ ئۆزىنىڭ خىزمەت ئورنىدىن دېگەندەك تەكشۈرتتۇق.

مۇخبىر: ئائىلە، بالىلارنىچۇ؟ بالىلارنى قانداق قىلدىڭلار؟
ئۇيغۇر كەسپىي خادىم: بالىلارنى مەكتەپتىن قىلدىمىكىن، مەنمۇ تۆۋەنگە چۈشۈپ كەتكەن، تېخى كەلگىلى بىر قانچە كۈن بولدى. بالىلارنى مەكتەپتە قىلدىمىكىن، ئۇنى سۈرۈشتۈرۈپ باقمامتىمەن.

مۇخبىر: جەدۋەل توشقۇزغاندا مىللىتىڭىزنىمۇ يازىسىزغۇ، دەيمەن، ھەئە، مىللىتىڭىزنى؟
ئۇيغۇر كەسپىي خادىم: ھەئە، ھەئە.

مۇخبىر: دىنىي ئېتىقادنى يازدىڭىزمۇ؟
ئۇيغۇر كەسپىي خادىم: دىنىي ئېتىقادنى، ئاشۇلارنى مەن، جەدۋەلنى مەن ئۆزۈم توشقۇزمىدىم. بىز كەلسەك، ھەممىنى توشقۇزۇپ تەييار قىلىپ قويۇپتىكەن. شۇ بويىچە بېرىپلا تەكشۈرتتۇق. مەن باشقا جەدۋەل توشقۇزۇپ باقمىدىمغۇ.

مۇخبىر: تەكشۈرگەندە سىزگە نەتىجىسىنى دەرھال بەرمەيدىغۇ، دەيمەن؟
ئۇيغۇر كەسپىي خادىم: ياق، ياق. بەرمەيدۇ.

مۇخبىر: بۇنىڭغا پىكرى بارمۇ خەقنىڭ؟ يەنى نەتىجىسىنى بەرسۇن، دەيدىغان؟
ئۇيغۇر كەسپىي خادىم: ئۇنىڭغا نىسبەتەن ئەمدى مەن، ئۇنىمۇ تازا ئۇقۇپ كەتمىدىم.

لېكىن جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىنىڭ مەلۇم ناھىيىسىدە ئولتۇرۇشلۇق يەنە بىر ياش ئوقۇغۇچى قىزنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلارنىڭ مەكتىپى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئىسپاتىنى ئېلىپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان. ئۇ، دائىرىلەرنىڭ ھازىرغا قەدەر قان تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى چىقىرىپ بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئوقۇغۇچى قىز: تەكشۈردى. (بىزنىڭ ئائىلىدىن) بەشەيلەن تەكشۈردۇق. دادام، ئانام، مەن، ئىككى ئاكام.

مۇخبىر: قەيەردە تەكشۈردى؟ يېزىدا تەكشۈرتتىڭىزمۇ ياكى مەكتەپتە تەكشۈردىمۇ؟
ئوقۇغۇچى قىز: يېزىدا تەكشۈردى. نەتىجىسىنى بەردى ھەم ساغلامكەن، ساقكەن، دېدى.

مۇخبىر: قان تەكشۈردىمۇ سىزدىن؟
ئوقۇغۇچى قىز: تەكشۈردى. قان تەكشۈردى، كۆزنى تەكشۈردى، چىش تەكشۈردى، يۈرەك، ئۆپكە شۇلارنى تەكشۈردى.

مۇخبىر: قان تەكشۈرۈشنى قانداق قىلدى؟
ئوقۇغۇچى قىز: شۇ بىلەكتىن قان ئالىدىكەن. ئۇنىڭ نەتىجىسى چىقمىدى. كېيىن ئۆزىمىز، كېسەل چىقسا تەكشۈرۈپ بىر نەرسە دەيمىز، دېگەن. ساقكەن دەپ بىرنەرسە دېمىدى ھازىرغا قەدەر. ئۇنىڭ نەتىجىسىنى بىزگە دەپ بەرمىدى ئىش قىلىپ. كېسەل بولسا تېلېفون قىلىمىز، دەپتىكەن، بىر نەرسە دېمىدى قان تەكشۈرۈشكە. قالغىنى ساغلامكەن دېگەن.

مۇخبىر: قاچان تەكشۈرۈش قىلدىڭلار؟
ئوقۇغۇچى قىز: 2016-يىلى 12‏-ئايدا قىلغان. نەتىجىسى چىققاندا بىز كۆرۈپ قانداق كېسىلىڭلار بولسا ئۆزىمىز تېلېفون قىلىمىز،دېگەن. ساق چىقتىمىكىن، تېلېفون قىلمىدى.

مۇخبىر: مەكتەپتىكى پۈتۈن بالىلار ھەممىسى سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە قاتناشتىمۇ بۇ قېتىم، پۈتۈن بالىلار؟
ئوقۇغۇچى قىز: ھەممىڭلار قاتنىشىپ، ئاشۇ نەتىجەڭلارنى ئېلىپ كېلىڭلار، دېگەن.

دائىرىلەر بۇ قېتىمقى سالامەتلىك تەكشۈرۈشىنىڭ پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىنى قوغداشنى مەقسەت قىلغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرسىمۇ، بىراق بۇ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىدە ئۇنىڭ مەقسىتىگە قارىتا بەزى گۇمانلارنى پەيدا قىلغان ئىدى.

ئامېرىكا كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تېببىي پەنلەر مۇتەخەسسىسى، دوكتور مەمەتئىمىن ئەپەندى، بۇنىڭ قانداق مەقسەتنى نىشان قىلغانلىقىغا پاكىت بولمىسىمۇ، بىراق بۇ خىل تەكشۈرۈشلەر شەخسلەرنىڭ بىئولوگىيەلىك ئۇچۇرىنى يىغىشنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر خىل مەقسەتلەردە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ تەكشۈرۈشكە كەلسەك، بۇ ھەر خىل مەقسەتلەردە ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىك سانلىق ئامبىرىنى پەيدا قىلىش. بۇنىڭ ئىچىدە DNA بار، مەسىلەن، بىئولوگىيىلىك بەلگە دەيدۇ، بۇ، ھەر بىر ئىنسان ئۆزىگە خاس. بۇنى ئوخشىمىغان مەقسەتلەردە ئىشلىتىش مۇمكىن. ئىنسانلارنىڭ سالامەتلىكى ئۈچۈن ئىشلىتىش مۇمكىن. ئۇنىڭدىن كېيىن ھەربىر شەخسنىڭ بىئولوگىيىلىك كىملىكىگە ئارخىپ تۇرغۇزۇش ئۈچۈن ئىشلىتىشى مۇمكىن. ھازىر ئاڭلاۋاتىمىز، چەتئەللىكلەرنىڭ بارماق ئىزىنى ئالىدىغان تۈزۈمىنىمۇ يولغا قويۇۋاتىدۇ. بۇمۇ ھەممىسى بىر دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات ئامبىرى تۇرغۇزۇش. بۇ ئىشلار غەرب ئەللىرىدە خېلى بۇرۇن باشلانغان. بىراق غەرب ئەللىرىدە بەزى نەرسىلەرنى تەكشۈرۈشنىڭ مەقسىتىگە ئاساسەن تەكشۈرمەكچى بولغان ئادەمنىڭ ئىجازىتىنى ئالىدۇ. ئېنىق چۈشەندۈرۈپ ماۋۇ قان ئېلىشنىڭ مەقسىتى مۇنداق، قوشۇلامسىز-قوشۇلمامسىز دەپ. بىزنىڭ ئۇ يەردە قان ئېلىپ تەكشۈرۈشنىڭ ئوخشىمىغان مەقسەتلىرى بولۇشى مۇمكىن. يەنە بىرى، تېببىي ساھەسىدىكى مەلۇم تەتقىقاتلار ئۈچۈن سانلىق مەلۇمات ئېلىش مەقسىتى بولۇشى مۇمكىن».

لېكىن دوكتور مەمەتئىمىن ئەپەندىنىڭ قەيت قىلىشىچە، غەرب ئەللىرىدە شەخسلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇر مەخپىيەتلىكى قاتتىق قانۇنلار ئارقىلىق ساقلىنىدۇ. ئۇ، خىتايدا شەخسلەرنىڭ بىئولوگىيىلىك ئۇچۇرىنىڭ قانداق مەقسەتكە ئىشلىتىلىشىنى نازارەت قىلىدىغان كونترول مېخانىزم يوقلۇقىنى بىلدۈردى.

مەمەتئىمىن ئەپەندى مۇنداق دەيدۇ: «ئىشلىتىش مەقسىتىدە، ئەمدى بۇ يەردە ئۇ، غەربنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ياكى شەخسىيىتى دېگەن نۇقتىنەزەردىن ئالغاندا، بۇ، خەقنىڭ رايىنى ئالمىغان. بۇنى پەقەتلا شۇنداق، دەپ قاراشقا بولىدۇ. ئەمدى ئۇ خىتاينىڭ ئۆلچىمى بويىچە شەخسىيگە كېلىدىغان زىيان پەقەتلا شۇ ئالغان قاننىڭ ئاز-كۆپلۈكى بىلەنلا چەكلەندى،دېگەن گەپ. ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ رايىغا، شەخسىيەت ھوقۇقىغا يالغۇز بۇ قان ئېلىش جەھەتتە ئەمەس، باشقا نۇرغۇن جەھەتتىمۇ ھېچقانداق ئېتىبار بېرىدىغان ئىش يوق. يالغۇز بۇ شەخسىيىتى ئەمەس، نۇرغۇن باشقا جەھەتتىكى شەخسىيەتلەرگە، مەسىلەن، دوختۇرخانىلارغا كېلىپ پالانى كېسەل مېنىڭ تۇغقۇنىمتى، شۇنىڭ كېسەل نېمىسىنى بېرىڭ، دېسە بېرىدۇ. بۇنى چەكلەيدىغان ئۇنداق بىر قانۇن-تۈزۈم يوق.»

خىتاي ئاخباراتىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، دائىرىلەر بۇ قېتىمقى ئومۇمىي خەلق سالامەتلىك تەكشۈرۈشكە 36 مىڭ 400 نەپەر سەھىيە خادىمىنى سەپەرۋەر قىلىپ، ئۇنىڭغا بىر يېرىم مىليارد سوم خەجلىگەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*