خىتاينى ئامېرىكا ئىقتىسادىنىڭ «قاتىلى» دەپ ئەيىبلىگەن پىتېر ناۋاررونىڭ ھۆكۈمەت كابېنتىغا داخىل بولۇشى مۇنازىرە قوزغىدى

نۆۋەتتە ھۆكۈمەت كابېنتىنى جىددىي تەشكىللەۋاتقان پرېزىدېنت دونالد ترامپنىڭ ئامېرىكا دۆلەت تىجارەت كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا خىتاينى «ئامېرىكا ئىقتىسادىنى ئۆلتۈرگەن قاتىل» دەپ ئاتىغان، داڭلىق ئىقتىسادشۇناس پېتېر ناۋاررونى تەيىنلىشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى. خىتاي رەسمىي باياناتلىرىدا بۇنىڭغا دىپلوماتىك ئىنكاس قايتۇرغان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمىي ئاخبارات ئورگانلىرى بولغان خەلق گېزىتى ۋە يەر شارى ۋاقتى گېزىتى قاتارلىقلار بۇنىڭغا كۈچلۈك ئىنكاس قايتۇرۇپ، بۇ، ئامېرىكىنىڭ خىتاي بىلەن زىتلەشمەكچى بولۇۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى، دەپ كۆرسەتكەن.

ھۆرمەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ئامېرىكىدا سايلام رىقابىتى قىلىۋاتقان مەزگىللەردىلا خىتايغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرى بىلەن دىققەت قوزغىغان دونالد ترامپنىڭ چارشەنبە كۈنى ئۆزىنىڭ ھۆكۈمەت كابېنتىغا تونۇلغان بىر ئىقتىسادشۇناشنى، تونۇلغاندىمۇ خىتاينى «قاتىل ۋە ھاكىممۇتلەق» دەپ ئاتاش بىلەن ھەم خىتاينىڭ دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنى ئەڭ قاتتىق ئەيىبلەش بىلەن تونۇلغان پېتىر ناۋاررونى داخىل قىلىشى كۈچلۈك مۇنازىرە تېمىسى بولدى. ترامپ ئۇنى يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋە مۇھىم بىر ۋەزىپە ھېسابلىنىدىغان ئامېرىكا دۆلەت تىجارەت كېڭىشىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىگەن بولۇپ، بۇ يىل 67 ياشقا كىرگەن پېتىر ناۋاررو كالىفورنىيە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، ئىقتىسادشۇناس ۋە سەرمايە مۇتەخەسسىسى بولۇپ، ئۇ ترامپنىڭ سايلام پائالىيەتلىرى مەزگىلىدىكى مەسلىھەتچىلىرىنىڭ بىرى ئىدى.

ئامېرىكىدا نەشردىن چىقىدىغان نوپۇزلۇق ژۇرناللاردىن «ۋال سىترىت ژۇرنىلى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئۇ 2011-يىلى ئېلان قىلىنغان «خىتاي سەۋەب بولغان ئۆلۈم» ناملىق كىتابنىڭ يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇنىڭ زور تەسىر قوزغىغان بۇ كىتابى 2012-يىلىغا كەلگەندە ھۈججەتلىك فىلىم قىلىپمۇ ئىشلەنگەن ئىكەن. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇ كىتابى ۋە ھۆججەتلىك فىلىمىدە خىتاينىڭ ئامېرىكا ئىقتىسادىغا ۋە ئىش بازىرىغا زور زىيان سالغانلىقىنى، ئۇنىڭ 2001-يىلى دۇنيا سودا تەشكىلاتىغا ئەزا بولۇشىنىڭ ئامېرىكىدا 70 مىڭدىن ئوشۇق ئىش ئورنىنىڭ يوقىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقىنى، خىتاينىڭ ھەم ئىقتىسادىي ھەم ھەربىي جەھەتتىن ئاسىيادىكى بىردىن-بىر قۇدرەت بولۇش نىيىتى بارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ تۇرۇپ، پۈتۈن دۇنيا دۆلەتلىرىنى خىتايغا قارشى ئورتاق ھەرىكەتكە ئۆتۈش ئارقىلىق، ئۇنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتى جۈملىدىن ھەربىي تەرەققىياتىغا ئاساس سېلىپ بېرىۋاتقان ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنى توختىتىشقا چاقىرغان ۋە «ئەگەر بىر كۈنلەردە بېشىمىزدا ئوق ۋە بومبىلار ئۇچۇپ يۈرسە، ئۇ ھالدا ئەيىبلەيدىغان بىردىن-بىر كىشى ئۆزىمىز» دەپ يازغان ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، پىتېر ناۋاررونىڭ ۋەزىپىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ كۈندىلىك مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇخبىرلارنىڭ پېتىر ناۋاررونىڭ بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشىگە قانداق قارايدىغانلىقى ھەققىدىكى سوئالىغا ئۇنىڭ ئىسمىنى تىلغا ئالماي تۇرۇپلا، «بىزمۇ باشقا دۆلەتلەرگە ئوخشاشلا ئامېرىكىنىڭ بۇندىن كېيىنكى سىياسەت يۆنىلىشىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى دىققەت بىلەن كۆزىتىۋاتىمىز. ھەمكارلىق ئىككى دۆلەت مۇناسىۋەتلىرىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ساقلاپ قېلىشتىكى بىردىن-بىر يول» دېگەن بىر دىپلوماتىك جاۋاب بىلەنلا بولدى قىلغان. بىراق، خىتاينىڭ ھۆكۈمەت ئاۋازى دەپ تونۇلىدىغان خەلق كۈندىلىك گېزىتى ۋە يەر شارى ۋاقتى گېزىتلىرىنىڭ بۇنىڭغا قايتۇرغان ئىنكاسى بولسا قاتتىق بولغان. خەلق كۈندىلىك گېزىتى ئۆز خەۋىرىدە، «دونالد ترامپنىڭ خىتايغا داۋاملىق ھالدا ۋەھىمىلىك سۆزلەر بىلەن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بىر ئاكادېمىكنى ئۆزىنىڭ كابېنتىدا مۇھىم بىر ۋەزىپىگە قويۇشى، ئۇنىڭ خىتاي بىلەن جېدەللەشكۈسى كېلىۋاتقانلىقىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسپاتلاپ تۇرماقتا» دېگەن. ئۇلار يەنە داۋام قىلىپ: «بۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋەتلەردە زىتلىشىشنى ئالدىنقى پىلانغا قويىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرمەكتە. بۇ ئەمدى كۈلىدىغان ئىش ئەمەس» دېگەن. يەنى ئۇلار ئىلگىرى ناۋاررونىڭ كىتابىدا ئېيتىلغان سۆزلەرگە كۈلۈپلا ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھۆكۈمەت كابېنتىغا تاللىنىشىنىڭ ۋەزىيەتنى ئۆزگەرتكەنلىكىنى، ئەمدى بۇ گەپلەرنىڭ كۈلۈپلا ئۆتۈپ كېتىدىغان ئەمەس، دىققەتكە ئالىدىغان گەپلەرگە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاي كۈندىلىك گېزىتىدىكى بۇ ماقالىدىن قارىغاندا، خىتاي ترامپنىڭ سايلام مەزگىلىدىكى نۇتۇقلىرىدا خىتايغا قاراتقان ئەيىبلەشلىرىنىڭ كەينىدىمۇ پىتېر ناۋاررونى بار، دەپ قارايدىغان بولۇپ، خىتاينىڭ يەر شارى ۋاقتى گېزىتى بۇنى «بۇ ئېنىقلا ياخشىلىقتىن بىشارەت ئەمەس» دەپ يازغان. ۋال سترىت ژۇرنىلىنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي مۇتەخەسسسىلىرىمۇ ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرىنىڭ بۇزۇلۇشىنىڭ دۇنيا ئىقتىسادىغا زىيان سالىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، پىتېر ناۋاررونىڭ خىتاينى بالدۇرراق زىيارەت قىلىپ، ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى ئۆزگەرتىشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرمەكتىكەن.

گاردىيان گېزىتىنىڭ ئېيتىشىچە، نيۇيوركتىكى ئاسىيا تەتقىقاتلىرى مەركىزىنىڭ باشلىقى ئورۋىل شېل بۇ ھەقتىكى مۇلاھىزىىسدە، «مەنچە، بۇ، ئىككى دۆلەتنىڭ تىجارەت ۋە سەرمايە مەسىلىسىدە ھەقىقەتەن بىر تەڭپۇڭسىزلىق بارلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان بىر سېگنال. ئەمما ئىشنىڭ سەلبىي تەرىپى ناۋاررونىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلىنىشى، دونالد ترامپنىڭ تەيۋەن مەسىلىسى، جەنۇبىي دېڭىزنىڭ ئىگىلىك ھوقۇق مەسىلىلىرى قاتارلىق مەسىلىلەردە خىتايغا تېگىشىشنى داۋام قىلىشى بەلكىم خىتاينىڭ تەڭپۇڭلۇقىنى تېخىمۇ بۇزۇشى مۇمكىن. ئەلۋەتتە تەڭپۇڭلۇق بۇزۇلغاندا ئۇلار تېخىمۇ ئۇرۇشقاق بولۇپ كېتىدۇ» دېگەن.

ۋال سترىت ژۇرنىلى خەۋىرىدىن قارىغاندا، ئامېرىكىلىق ئىقتىسادشۇناشلار ۋە مۇتەخەسسسىلەر، ئەگەر، ئامېرىكا خىتايغا قاتتىق پوزىتسىيىلىك قەدەملەرنى تاشلىغان تەقدىردە، خىتاي تەرەپنىڭمۇ بۇنىڭغا ئوخشاش ئىنكاس قايتۇرۇشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلماقتىكەن. بىر قىسىم ئامېرىكىلىق كۆزەتكۈچىلەر ئىككى دۆلەت ئارىسىدا سودا ئۇرۇشى كېلىپ چىققان تەقدىردە بۇنىڭ ئاقىۋەتتە ھەر ئىككىلا دۆلەتكە زىيان ئەپ كېلىدىغانلىقىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خىتاينىڭ بۇنداق بىر ئىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بويىڭ شېركىتى ۋە ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمىدىكى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان چوڭ شېركەتلەرنى ترامپ ھۆكۈمىتىگە لوبىيچىلىققا سېلىشى مۇمكىنلىكىنى، چۈنكى ئامېرىكا-خىتاي ئىقتىسادىي مۇناسىۋەتلىرى يىرىكلەشسە، بۇ كارخانىلار زىيان تارتىدىغان بولغاچقا ئۇلارنىڭ ترامپقا «نەسىھەت» قىلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.

ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋەتلىرى تەتقىقاتچىسى، ئىستراتېگىيە مۇتەخەسسىسى دوكتور ئەركىن ئەكرەم ئەپەندىمۇ ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا قارىتىدىغان سىياسىتى ئۈستىدە توختالغاندا ھەر ئىككىلا دۆلەت دۇنيا ئىقتىسادىي ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم بولغانلىقتىن ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ بۇزۇلۇشىنى نۇرغۇن دۆلەتلەرنىڭ خالىمايدىغانلىقىنى، ئەمما ترامپنى خىتاي سىياسىتىدە يەنىلا ھازىرقى ھۆكۈمەتتىن قاتتىقراق بولىدۇ، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى.

مەلۇم بولۇشىچە، پىتېر ناۋاررو يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە، ئامېرىكىنىڭ تەيۋەن بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قويۇقلاشتۇرۇشى، ئۇنى ھەربىي ئەسلىھەلەر بىلەن تەمىنلىشىنىمۇ قوللايدىغان كىشى بولۇپ، ئۇ كىتابىدا يەنە، خۇددى دونالد ترامپ تېخى يېقىندا دېگەنگە ئوخشاشلا «ئامېرىكا بىر جۇڭگو سىياسىتى دېيىشنى توختىتىشى كېرەك» دېگەن ئىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*