خىتاينىڭ «ساقچى قانۇنى» غا تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، ساقچىلارنىڭ قورال ئىشلىتىش ھوقۇق دائىرىسىنى كېڭەيتمەكچى بولغانلىقى خەلقئارادا نارازىلىق قوزغىدى

گېرمانىيە ۋە فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 22-دېكابىردىكى خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 1995-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كېلىۋاتقان ۋە 2012-يىلى تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «خەلق ساقچىسى قاخىتاينىڭ يېڭى ساقچى قانۇن لايىھىسى تەنقىدكە ئۇچرىماقتانۇنى» نىڭ يېڭى لايىھىسى بۇ يىل 1-دېكابىردىن باشلاپ جامائەت پىكىرىنى ئېلىشقا سۇنۇلغان.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى 22-دېكابىر كۈنى بۇ قانۇن لايىھىسى سەۋەبلىك خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنى ئاگاھلاندۇرۇپ، خىتاينىڭ بۇ يېڭى ساقچى قانۇن لايىھىسىدە ئاز دېگەندە ئۈچ ماددىنىڭ ب د ت نىڭ ئاساسىي پرىنسىپلىرىغا ئۇيغۇن كەلمەيدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ، كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ بۇ ھەقتىكى باياناتىدىن مىساللار ئېلىپ بايان قىلىشىچە، خىتاينىڭ يېڭى «خەلق ساقچىسى قانۇن لايىھىسى» دە ئوتتۇرىغا قويۇلغان «ساقچىلار قورال ئىشلەتسە بولىدىغان ئەھۋاللارنىڭ شەكلى» ب د ت مىزانلىرىغا تۈپتىن خىلاپ.

مەزكۇر قانۇن لايىھىسىدە مۇنداق دېيىلگەن: «دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئاممىۋى بىخەتەرلىك ئېغىر دەرىجىدە زىيانكەشلىككە ئۇچراش ھەرىكەتلىرى يۈز بەرگەندە ياكى بۇ ھەرىكەتلەردىن كېيىن قولغا ئېلىش، قېچىپ كېتىش جەريانىدا ساقچىلارنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشى كېرەككە كەلمىگەندە، قورال ئىشلەتسە بولىدۇ.»

گېرمانىيە ئاۋازى ۋە فىرانسىيە ئاۋازىنىڭ 22-دېكابىر ئېلان قىلىنغان مەزكۇر مەسىلىگە ئائىت خەۋەرلىرىدە بايان قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ بۇ ساقچى قانۇنىدا تىلغا ئېلىنغان «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئۇقۇمى بىلەن «ئاممىۋى بىخەتەرلىك» ئۇقۇمىنىڭ دائىرىسى ناھايىتى كەڭ بولۇپ، ئەگەر بۇ قانۇن كۈچكە ئىگە بولغان تەقدىردە، خىتاي ساقچىلىرى تىنچ شەكىلدىكى نامايىشلارنى قانلىق باستۇرۇش ھوقۇقىغا ئېرىشىدىكەن، نورمال قارشىلىقلارمۇ قوراللىق باستۇرۇشقا ئۇچرايدىكەن.

كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى مەسئۇلى سوفى رىچاردسون ئۆز ئەندىشىسىنى ئىپادىلەپ: «خەلق ساقچىسى قانۇنىنىڭ تۈزىتىلگەن نۇسخىسى، ھوقۇقنى سۈيىئىستىمال قىلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرۈشكە سەۋەب بولىدۇ» دېگەن.

خەتەر ئاستىدىكى مىللەتلەرنى قوغداش تەشكىلاتى ئاسىيا ئىشلىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ئۇلرىك دېلىيۇس ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا، خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنىڭ ئۇيغۇر دىيارى ۋە شەرقىي تۈركىستانغا تېخىمۇ زور خەۋپلەر ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «دېموكراتىيە ۋە ئەركىنلىك ھەقلىرى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلىكلەرگە نىسبەتەن، خىتاينىڭ بۇ يېڭى ساقچى قانۇنى رايونغا زور تەھدىت ۋە خەۋپ پەيدا قىلىدۇ. خىتاي ساقچىلىرىنىڭ خالىغانچە تۇتقۇن قىلىش، ئۆلتۈرۈش ھوقۇقىنى قانۇنىي ھىمايە بىلەن تەمىنلەشنى مەقسەت قىلغان بۇ قانۇننىڭ ئاقىۋىتى پۈتۈن خىتاي ۋەزىيىتىنى خەتەرگە باشلايدۇ. بۇنىڭسىزمۇ پۈتۈن خىتايدا ساقچى زوراۋانلىقىنىڭ ھۆكۈم سۈرۈۋاتقانلىقىنى ئاخباراتلار ئىسپاتلاپ تۇرماقتا. بىز بۇ قانۇننىڭ شەرقىي تۈركىستان ھەم تىبەتتە ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ، قانلىق ۋەقەلەرنىڭ كۆپىيىشىگە يول ئېچىشىدىن ئەنسىرەيمىز.»

ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى بەكرەك ئەندىشىگە سالىدىغىنى، خىتاينىڭ بۇ قانۇنىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولۇش ئېھتىماللىقىدۇر. د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغاندا «بۇ قانۇن شەرقىي تۈركىستاندا تېخىمۇ كۆپ قان تۆكۈلۈشكە سەۋەب بولىدۇ» دېدى.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، ئۇيغۇر دىيارىدىكى ساقچىلارغا بۇ قانۇن لايىھىسى يولغا قويۇلۇشتىن نەچچە يىللار ئىلگىرىلا ئۇيغۇر پىدائىيلىرىنى نەق مەيداندا ئېتىپ تاشلاش ھوقۇقى بېرىلىپ بولغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

خىتاينىڭ يېڭى خەلق ساقچىسى قانۇنى لايىھىسىدىكى ئەندىشە قوزغايدىغان يەنە بىر نۇقتا بولسا، ئىنتېرنېتقا ئالاقىدار بولغان تېخىمۇ قاتتىق بەلگىلىمىدۇر. بۇ قانۇن لايىھىسىدە يەنە «تەبىئىي ئاپەتكە، ھادىسە ئاپەتلىرىگە، ئاممىۋى سەھىيە ۋەقەلىرىگە، ئىجتىمائىي بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىگە دۇچ كەلگەندە ياكى يۇقىرىقىدەك ۋەقە، ئاپەت ۋە ھادىسىلەرنىڭ جىددىي تەھدىتىگە يولۇققاندا… زۆرۈر تېپىلسا، ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى بولغان جامائەت خەۋىپسىزلىك ئورگانلىرىنىڭ تەستىقى بىلەن ئىنتېرنېت تورىنى تىزگىنلەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بولىدۇ» دېيىلگەن.

گېرمانىيە ئاۋازىنىڭ ئەسكەرتىشىچە، فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى بۇ خۇسۇستىكى بايانىدا 2009-يىلى ئۇيغۇر دىيارىدا ئۈرۈمچى ۋەقەسى يۈز بەرگەندە، بۇ رايوندا 10 ئايغىچە تورلار ئۈزىۋېتىلگەن.

ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى خىتاينىڭ يېڭى ساقچى قانۇنىدا تىلغا ئېلىنغان ئىنتېرنېت قامالىغا دائىر بەلگىلىمىنىڭ يەنىمۇ يامان ئاقىۋەتلەرگە يول ئاچىدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى. پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندى بولسا، ئىنتېرنېت ۋە تېلېفون قامالىنىڭ بۇ قانۇن يولغا قويۇلمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىزچىل تۈردە ئىجرا قىلىنىپ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا، خىتاينىڭ يېڭى ساقچى قانۇن لايىھىسىدىن باشقا، «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «ھۆكۈمەتسىز تەشكىلاتلارنى باشقۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇنلىرىغا قارىتا باھا ۋە تەنقىدلەر بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە. بۇ قانۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تىبەتلەرنى ئاساسىي نىشان قىلغانلىقىمۇ ئىزچىل تەكىتلەنمەكتە.

مەنبە:  دۇنيا ئاۋازى ئاگېنتلىقى

Leave a Comment

*

*