ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى يىللىق خۇلاسە ۋە كېلەر يىللىق پىلان يىغىنى چاقىردى

5-دېكابىر توكيودىكى شىنجۇكۇ مەدەنىيەت مەركىزىنىڭ مەجلىسخانىسىدا ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى يىللىق خۇلاسە ۋە كېلەر يىللىق پىلان يىغىنى چاقىردى.

يىغىن چۈشتىن كېيىن سائەت ئۈچتىن بەش يېرىمغا قەدەر داۋام قىلغان بولۇپ،يىغىندا ئەزالار مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ بۇ يىللىق خىزمەتلىرى ئۈستىدە قىسقىچە خۇلاسىلەش ئېلىپ بېرىش بىلەن بىرگە، كېلەر يىللىق پىلانلار توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشكەن.

يىغىنغا تەشكىلات ئەزالىرى ۋە شۇنداقلا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى بىر قىسىم ياپونلار قاتناشقان.

ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىكىدىكى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى 2016-يىللىق خىزمەتلەرنى خۇلاسىلەش ۋە شۇنداقلا كېلەر يىللىق پىلانلار توغرىسىدا يىغىن چاقىرغان بولۇپ، بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان تەشكىلاتنىڭ مۇئاۋىن رەئىس غالىپ مىجىت يىغىن ھەققىدە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ كۈچلۈك ھىمايىچىلىرىدىن بىرى بولغان تاكاشى ساتو يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «بۈگۈنكى يىغىندا كېلەر يىلى ئېلىپ بېرىلىدىغان 5-فېۋرال ئىلى ۋەقەسى، بارىن ۋەقەسى ۋە شۇنداقلا 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسى قاتارلىق يېقىنقى زامان ئۇيغۇرلار تارىخىدا يۈز بەرگەن زور ۋەقەلەر توغرىسىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان خاتىرىلەش پائالىيەتلىرىنى ئىلگىرىكىدىن باشقىچىرەك ئۇسلۇبتا ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتۇق. ئەلۋەتتە، بۇ پائالىيەتلەر ئىچىدە شەرقىي تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلەر كۈنلىرىنى خاتىرىلەشمۇ بار» دېدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ دائىمىي ھەيئەت ئەزالىرىدىن گۈلىستان ئەزىزى كېلەر يىللىق خىزمەت پىلانلىرىنىڭ بۇ يىلقى خىزمەت پىلانلىرىدىن بەلگىلىك دەرىجىدە پەرقلىق بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

يىغىنغا ئىشتىراك قىلغان ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرىنى قوللاپ كېلىۋاتقان ئويىكاۋا يىغىن ھەققىدە توختىلىپ: «مەن ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى بۇ يىلقى پائالىيەتلىرىدە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىنى ئۇچراشتۇرۇپ ئۇيغۇر مەسىلىسىدە بىر قىسىم بىر نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى دەپ قارايمەن. شۇڭا مەن بۇ قېتىمقى يىغىندىمۇ يەنىلا رابىيە قادىر خانىمنىڭ كېلەر يىلى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدۇم» دېدى.

ئاخىرىدا غالىپ مىجىت ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ بۇ قېتىمقى يىغىنىدا قارار قىلغان ۋە كەڭ جامائەتكە ئاشكارىلاشقا بولىدىغان كېلەر يىللىق بىر قىسىم پىلانلار توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى 2015-يىلى ئۆكتەبىر ئېيىدا توكيودا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىكىدە قۇرۇلغان ياپونىيەدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*