د ئۇ ق 12-نۆۋەتلىك ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش پروگراممىسىدا ياشلارنى ئاساس قىلدى

د ئۇ ق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر تەربىيىلەش پروگراممىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىكىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزمەكچى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى دېموكراتىيە، كىشىلىك ھوقۇق، قانۇنىي بىلىملەر بىلەن تەربىيىلەش پروگراممىسىنىڭ 12-نۆۋەتلىكىنى 3-ئاينىڭ 29-30-31-كۈنلىرى بېلگىيە پايتەختى بىريۇسسېلدا ئۆتكۈزۈشنى قارار قىلغان. بۇ قېتىمقى پروگراممىدا دۇنيانىڭ ھەر يېرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇر ياشلىرىدىن 25-30 ئەتراپىدا كىشىنى تەربىيىلەش نىشان قىلىنغان. پروگراممىغا قاتناشتۇرۇلىدىغان ياشلارغا ھازىرغا قەدەر ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ سىياسىي پائالىيەتلىرىگە ئاكتىپ قاتناشقان، تەشكىلاتلاردا ۋەزىپە ئالغان ياكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ئارزۇيى بولغان، ئۇنىۋېرسىتېتلاردا خەلقئارا سىياسىي، دىپلوماتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق كەسىپلىرىدە ئوقۇۋاتقان ياشلارنىڭ تاللىنىدىغانلىقى شەرت قىلىنغان.

مەزكۇر پروگراممىغا يېتەكچىلىك قىلىۋاتقان د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى كۇرسنى ياشلارغا ئاتاشنىڭ سەۋەبىنى چۈشەندۈرۈپ ئۆتتى.

مەلۇم بولغىنىدەك، د ئۇ ق ئۇيغۇر رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەش پروگراممىسىنى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئىلگىرى سۈرۈش فوندىنىڭ ماددىي ياردىمى بىلەن 2007-يىلىدىن بۇيان يولغا قويۇپ كەلگەن، 2007-يىلى 5-ئايدا گوللاندىيەنىڭ دەنھاگ شەھىرىدە، 2008-يىلى 4-ئايدا گېرمانىيەنىڭ بېرلىن شەھىرىدە، 2009-يىلى 5-ئايدا ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگتون شەھىرىدە، 2010-يىلى 4-ئايدا ياۋروپا پارلامېنتىدا، 2011-يىلى 3-ئايدا ئاۋسترالىيەنىڭ سيدنېي، ئادېلەيىد ۋە مېلبورىن شەھەرلىرىدە، 2012-يىلى 5-ئايدا ياپونىيەنىڭ توكيو شەھىرىدە، 2013-يىلى شىۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىدە، 2014-يىلى 5-ئايدا گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدە، 11-ئايدا جەنۋەدە، 2015-يىلى 4-ئايدا ۋاشىنگتوندا، 2016-يىلى 4-ئايدا بېرلىن شەھىرىدە ئوخشاش بولمىغان تېمىلار بويىچە ئۆتكۈزۈپ، د ئۇ ق نى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنى خەلقئارا قانۇنلارغا ماس ھالدا كۈچلەندۈرۈش، ئۇيغۇر رەھبەرلىرى ۋە سىياسىي پائالىيەتچىلەرنىڭ ماھىرلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش جەھەتلەردە زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى پەرھات مۇھەممىدى ئەپەندىمۇ بۇ خۇسۇستا زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ پروگراممىدا ياشلارنى نىشان قىلىشنىڭ ئەھمىيىتىگە بولغان قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

د ئۇ ق نىڭ 10-يانۋار قۇرۇلتاي تور بېتىدە بۇ ھەقتە ئېلان قىلغان ئۇقتۇرۇشىدا، بۇ قېتىمقى كۇرسنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنلىرى ب د ت، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە بۇ ئورۇنلاردا ئۈنۈملۈك پائالىيەت ئېلىپ بېرىشنىڭ يوللىرى، دىپلوماتىيە بىلىملىرى، خەلقئارا قانۇن ۋە خىتاينىڭ يېڭىدىن ئېلان قىلغان «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «چەتئەل تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى»، «ئىنتېرنېت قانۇنى»… قاتارلىقلارنىڭ ماھىيىتى، مىللىي پارلامېنت ۋە ھۆكۈمەتلەرگە تەسىر قىلىش ھەمدە خەلقئارا تەشكىلاتلار بىلەن ئۈنۈملۈك ھەمكارلىشىش تاكتىكىلىرى… قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، دەپ بايان قىلىنغان.

د ئۇ ق نىڭ بۇ پروگراممىسىغا قاتنىشىشنى خالايدىغان ئۇيغۇر ياشلىرى د ئۇ ق تور بېتىدىكى ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلىنى تولدۇرۇپ، 2-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن بۇرۇن د ئۇ ق باش كاتىپلىقىغا يوللىسا بولىدىكەن.

كۇرسقا قاتناشقۇچىلار توغرىسىدىكى شەرت ۋە بەلگىلىمىلەردە مۇنداق دېيىلگەن:

  1. كۇرسقا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئومۇمى سانى 25-30 نەپەر.
  2. كۇرسقا ئىلتىماس قىلغۇچىلارنىڭ ياش چەكلىمىسى 18-36 ئارىسىدا بولۇش تەلەپ قىلىنىدۇ.
  3. پەۋقۇلئاددە ئەھۋالغا ئالاھىدە مۇئامىلە قىلىنىدۇ. يەنى يېشى 36 دىن يۇقىرى بولۇپ، كۇرسقا قاتنىشىشنى ئارزۇ قىلغانلار بولسا، ئىلتىماسى كۆزدىن كۆچۈرۈلۈپ، مەلۇم نىسبەتتە ئېتىبار بىلەن مۇئامىلە قىلىنىدۇ.
  4. ھەر بىر دۆلەتتىن ئىلتىماس قىلغان ياشلاردىن 2-3 نەپىرى تاللىنىدۇ.

بۇ قېتىمقى كۇرسقا قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلەرنىڭ يىغىنغا قاتنىشىش يول كىراسى، يىغىن جەريانىدىكى ياتاق، تاماق چىقىملىرىنى د ئۇ ق ئۈستىگە ئالىدىكەن.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*