كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى 2016‏-يىلى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالىدا ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى بىلدۈردى

دوكلاتتا ئىلگىرى سۈرۈشىچە، پوپىلىزىم يەنى ئاممىباپچىلىق ۋە مايۇرىتىزم يەنى كۆپ سانلىقچىلىق غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ كېلەچىكىگە زور تەھدىت پەيدا قىلماقتىكەن.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە درىكتورى كېننىس روت پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، بەزى غەرب ئەللىرىدىكى بىر قىسىم سىياسەتچىلەرنىڭ ئىرقچىلىق، نەپرەتچىلىك، يەرلىك مىللەتچىلىك، ئاياللار دۈشمەنلىكىگە باش ئۇرۇش ئارقىلىق ھوقۇق تۇتۇشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى.

كەننېس روت مۇنداق دەيدۇ: «بۇ سىياسەتچىلەرنىڭ ئورتاق ئالاھىدىلىكى، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ خەلق ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقى، كۆپ سانلىق خەلقنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش، مەدەنىيەت ئۆزگىرىشىنى توسۇش، تېررورلۇققا قارشى قوغداش، بۇنىڭ بەدىلىگە ئۇلار كىشىلىك ھوقۇققا خىلاپلىق قىلىشقا رازى ئىكەنلىكىنى قەيت قىلىپ كەلدى. ھالبۇكى، بىز بۇ ئويۇننى بۇرۇن كۆرگەن. ئۆتكەن ئەسىردە بەزى كوممۇنىست ۋە فاشىست ھاكىمىيەتلەر كۆپ سانلىق خەلق ئاممىسىغا ۋەكىللىك قىلىدىغانلىقىنى قەيت قىلىپ، ئۆز خەلقىنى قاتتىق باستۇرغان ئىدى.»

بۇ، كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 27‏-قېتىملىق دوكلاتى. مەزكۇر ئورگان 1990‏-يىلدىن باشلاپ ھەر يىلى دوكلات ئېلان قىلىپ كەلگەن. ئۇ بۇ يىللىق دوكلاتىدا دۇنيادىكى 90 نەچچە دۆلەتنىڭ كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ھەققىدە توختالدى.

دوكلاتتا، خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىپ، 2016‏-يىلى ئۇنىڭ ئىپادە ئەركىنلىكى، يىغىلىش، تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش، دىنىي ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى، كومپارتىيە دىكتاتۇرلۇقىنىڭ يېقىن كەلگۈسىدە ئۆزگىرىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق سىگنال يوقلۇقىنى بىلدۈرگەن.

دوكلاتتا يەنە، 2016‏-يىلى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدا ھەر خىل ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇق چەكلىمىلىرىدە، دىنىي ۋە مىللىي كەمسىتىشلىرىدە ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

دوكلاتتا: «خىتاي ھۆكۈمىتى بۇ رايوندا تېررورلۇققا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرنى ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، ئەمما بىر قانچە تال مۇستەقىل ئۇچۇرنى ھېسابقا ئالمىغاندا، يۈز بەرگەن نارازىلىق، زوراۋانلىق، تېررورلۇق ياكى تېررورلۇققا قارشى ھەرىكەتلەرنىڭ تەپسىلاتى ناھايىتى چەكلىك» دېيىلگەن.

دوكلاتتا يەنە، خىتاينىڭ پاسپورتقا ئىلتىماس قىلغۇچى ئۇيغۇرلارغا دنا ئۈلگىسى، ئاۋاز، 3 ئۆلچەملىك ئىماگ ۋە بارماق ئىزى تاپشۇرۇشنى شەرت قىلىپ قوشقانلىقىنى تەنقىدلەپ، «بۇ تەلەپلەر شىنجاڭ پۇقرالىرىنىڭ ئەسلىدىنلا ئىنتايىن قاتتىق چەتئەل ساياھەت چەكلىمىسىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇردى» دېگەن.

د ئۇ ق نىڭ كۆرسىتىشىچە، 2016‏-يىلى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتى ئالدىنقى يىللارغا قارىغاندا داۋاملىق ئېغىرلاشقان. د ئۇ ق نىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئۈمىد ئاگاھى، بۇنىڭ ئىچىدە دىنىي بېسىمنىڭ ئالاھىدە ئېغىرلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئاگاھى: «بۇلتۇرقى ئەھۋال 2015-يىلدىكىدىن ئېغىر. 2015‏-يىلدىكى ئەھۋال زاتەن 2014‏-يىلقىدىن ئېغىر ئىدى. مەسىلەن، خىتاي خەلقئارا تېررورلۇقنى باھانە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادىنى پۈتۈن بېسىم ۋە پۈتۈن كۆچى بىلەن چەكلەپ كەلدى. ھېچقانداق گۇناھى بولمىغان كىشىلەرنى مىڭلاپ تۈرمىگە تاشلاپ، جامىي-مەسچىتلەرنى چېقىپ، سەن دىنغا ئىشەنسەڭ، دىنغا ئېتىقاد قىلساڭ، خىزمەتتىمۇ ئىشلىيەلمەيسەن، مەكتەپكىمۇ كىرەلمەيسەن، جەمئىيەتتىمۇ تۇرالمايسەن، ھېچقانداق ئورنۇڭ بولمايدۇ، دېگەن يەرگە ئوچۇق-ئاشكارا ئېلىپ كەلدى. ئۆيدە ئىتائەت قىلغان ئىنسانغىمۇ، ئۆيدە روزا-رامىزان تۇتقان ئىنسانغىمۇ، ھەتتا بەزىدە ئىسلامى ئىسىملارغىمۇ ناھايىتى دەھشەتلىك بېسىملارنى ئېلىپ باردى» دېدى.

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى دوكلاتىدا يەنە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش چارىسى» نى تەنقىدلىگەن. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2016‏-يىلى 8‏-ئايدا خىتاينىڭ 2016‏-يىلى 1‏-يانۋاردا يولغا قويغان تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنىنىڭ «ئىجرا قىلىش چارىسى»نى ماقۇللاپ دەرھال يولغا قويغان ئىدى.

دوكلاتتا، خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى 2016‏-يىلى 1‏-يانۋاردا يولغا قويۇلۇپ، 6‏-ئايدا خىتاينىڭ گۇاڭجۇ 75‏-ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى 10 نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچى قولغا ئېلىنغان، «ئۇلار تېررورلۇق بىلەن ئەيىبلەنگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ دېلوغا دائىر ئۇچۇر ئىنتايىن چەكلىك»دېيىلگەن.

ئۈمىد ئاگاھى، پوپىلىزم ياكى ئاممىباپچىلىق، ئىرقچىلىق غەربنىڭ خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق بۇزغۇنچىلىقىغا سەل قاراپ، خىتاينىڭ كىشىلىك ھوقۇقنى تېخىمۇ قاتتىق دەپسەندە قىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش ئېھتىمالى بولسىمۇ، ئەمما بۇنىڭ تەرەققىي قىلىپ، غەرب دېموكراتىيەسىگە دەخلى قىلىشىغا ئىشەنمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈمىد ئاگاھى مۇنداق دەيدۇ: «غەربنىڭ دېموكراتىيەسى 100 يىلنىڭ ئىچىدە كۈرەش قىلىپ قولغا كەلگەن ناھايىتى چوڭ نەتىجە. مېنىڭچە، پوپىلىزم كۈچەيسىمۇ، لېكىن تەرەققىي قىلىپ بىر يەرگە كەلگەندە، بۇ غەرب دۇنياسىدىكى ئىنسانلار، بۇ سىياسەتچىلەر بۇنىڭ كۈچىيىپ چەكتىن ئېشىپ كېتىشىگە، بولۇپمۇ 2-دۇنيا ئۇرۇشىدىكى ئەھۋالنى كۆزدە تۇتۇپ يول قويمايدۇ. ھازىر كۆرۈۋاتىمىز، مەسىلەن، گېرمانىيەدە بۇ سەل ئاشقاندەك، باشقا دۆلەتلەردىمۇ سەل ئاشقاندەك قىلغان بىلەن، لېكىن لېبرال، دېموكراتىك پارتىيەلەرنىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ كەتكىنى يوق. قىسمەن كۆپەيدى، كۆپەيگەن بىلەن غەرب دېموكراتىيەسىنىڭ ئومۇمى پرىنسىپىغا دەخلى قىلالمىدى.»

لېكىن كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ درىكتورى كېننىس روتنىڭ قەيت قىلىشىچە، دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق دۇچ كېلىۋاتقان يەنە بىر خەۋپ كىشىلەردىكى كۈچلۈك سىياسىي شەخسلەرگە ئۈمىد باغلاش خائىشىدۇر.

ئۇ، پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا، خەلق كۈچلۈك شەخسلەرگە ئۈمىد باغلىسىمۇ، بىراق بۇنداق كىشىلەرنىڭ كۈچىنى باستۇرۇشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىت، ئىقتىسادى تەرەققىيات، پارىخورلۇق قاتارلىق مەسىلىلىرىگە چارە تاپمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇردى. كېننىس روتنىڭ قارىشىچە، رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بۇنىڭ تىپىك مىسالى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۈگۈنكى كۈندە كۈچلۈك شەخسلەر ياخشى باشقۇرىدۇ، دەيدىغان بىر خىل تىندىنسىيە مەۋجۇت. بىراق سىز رۇسىيە پرېزىدېنتى ۋلادىمىر پۇتىن، خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭغا ئوخشاش كىشىلەرگە قاراپ باقسىڭىز، ئۇلارنىڭ باستۇرۇشنى بارغانسېرى كۈچەيتىۋاتقانلىقىنى، بىراق ئۇلارنىڭ ئىقتىسادى تەرەققىيات سۈرئىتى داۋاملىق ئاستىلاپ ياكى چېكىنىپ، چېرىكلىك، مۇھىت بۇلغىنىشى ۋە باشقۇرۇشتىكى باش-باشتاقلىققا چارە قىلمىغانلىقىنى كۆرىسىز.»

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*