ئۇيغۇر زىيالىيلىرى: «كەسپىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى مائارىپتىن باشلىنىدۇ!»

خىتايدىكى بەزى ساھەلەردە كۆرۈنەرلىك ئىجتىمائىي مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقان كەسپىي ئەخلاققا مۇناسىۋەتلىك ئەھۋاللار ھەققىدە بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى پىكىر قىلىپ، سوتسىيالىستىك مائارىپ سىستېمىسىدىكى «سوتسىيالىستىك تۈزۈلمىنى مەركەز قىلىش» ئىدىيىسىنىڭ تەسىرىدە كەسپىي ئەخلاق سىستېمىسىنىڭ، بولۇپمۇ تېببىي ئەخلاق قارىشىنىڭ ۋەيران قىلىنغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تەسىرى ھەققىدىمۇ ئۆز قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئاشكارا ئۇچۇر مەنبەلىرىدىن «تەڭرىتاغ تورى» ۋە «خىتاي خەۋەرلەر تورى» قاتارلىقلاردا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى تېببىي داۋالاش ساھەسىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئۇتۇقلار ھەمدە ئىچكىرىدىكى تېببىي ئورۇنلارنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ھەرقايسى نامرات ناھىيىلەرگە غايەت زور مىقداردا ئارقىمۇ ‏- ئارقىدىن بېرىۋاتقان ياردەملىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەر خىتايدىكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇۋاتقان ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە كەڭ يەر ئېلىۋاتقانلىقى مەلۇم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلارنىڭ ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ ئاخباراتلىرىدا ھېچقاچان كۆزگە چېلىقمايدىغان ئالاقىدار سەلبىي ھادىسىلەرمۇ تاشقى دۇنياغا ئاشكارا بولۇشقا باشلىدى. بۇنىڭدا ھەممىدىنمۇ بەك كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى خىتاينىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى دوختۇرخانىلاردا بارغانسېرى ئەۋج ئېلىشقا باشلىغان كېسەل كۆرسىتىش قىيىن بولۇش، شۇنداقلا دوختۇرلاردىكى كەسپىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشى ھەمدە كېسەلنى بىرىنچى ئورۇنغا قويۇشنىڭ ئورنىغا داۋالىنىش ھەققىنى ھەممىدىن مۇھىم ئورۇنغا قويۇشنىڭ يامراپ كەتكەنلىكى بولماقتا. شۇلار قاتارىدا ئۇيغۇرلار دىيارىدىكى ئۈندىدار قاتارلىق ئىجتىمائىي تاراتقۇ سەھىپىلىرىدە پات- پاتلا كۆزگە چېلىقىدىغان «… دوختۇرخانىدىكى ماۋۇ قېرىندىشىمىزغا ياردەم قىلايلى» دېگەن مەزمۇندىكى داۋالىنىش خىراجىتىگە ئالاقىدار مۇراجىئەتنامىلەرنى، شۇ كىشىگە تېزدىن ئىئانە توپلاپ كېيىنكى داۋالاشقا يوللىمىغاندا ھاياتىنىڭ ئاخىرلىشىش ئېھتىمالى بارلىقى ھەققىدىكى ئېلانلارنى كۆرسىتىش مۇمكىن.

ئىجتىمائىي تۇرمۇشتىكى مۇشۇ خىل ھادىسىلەرنىڭ بارغانسېرى ئاۋۇپ كېتىشى تۈپەيلىدىن، مەكتەپ تەربىيىسى ئالغان ھەرقانداق پۇقراغا بالىلىقىدىن تارتىپ سىڭدۈرۈلىدىغان «دوختۇر- كېسەلنى داۋالىغۇچى ئاق خالاتلىق پەرىشتە» دېگەن ئۇقۇمنىڭ ھازىر ھېچقانچە جەزىبدارلىقى قالمايۋاتقانلىقى مەلۇم. ئىلگىرى ئۇيغۇرلار دىيارىدا ئالدىنقى قاتاردا سانىلىدىغان تېببىي داۋالاش ئورۇنلىرىنىڭ بىرى بولغان ئۈرۈمچى تۆمۈريول دوختۇرخانىسىدا مەسئۇل دوختۇر بولۇپ ئىشلىگەن ئەنۋەر توختى ئەنە شۇ خىل داۋالاش مۇھىتىنى باشتىن كەچۈرۈپ باققان سابىق دوختۇر. ئۇ ئادەتتىكى كېسەللەرنى داۋالاشتىن باشقا يەنە، ھازىرقى كۈندە تېببىي ساھەدە دۇنياۋى مىقياستا قىزىق نۇقتا بولۇۋاتقان قانۇنسىز ئادەم ئورگانلىرى سودىسىنىمۇ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن. ئەنۋەر توختىنى دوختۇرلۇق ساھەسىدە خىزمەت قىلىش جەريانىدا يىللاردىن بۇيان ئويلاندۇرۇپ كەلگەن سوئاللارنىڭ بىرى، نېمە ئۈچۈن بىر قىسىم دوختۇرلارنىڭ بىمار ئۆلۈپ كېتىۋاتقان ئەھۋالدىمۇ ھېچقانچە گۇناھكارلىق تۇيغۇسىدا بولماسلىقى بولغان. ئۇ بۇ خىل ھادىسىنىڭ كېلىپ چىقىشىنى «تۈزۈم ھەممىدىن ئەلا» دەيدىغان كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان مائارىپنىڭ بىۋاسىتە نەتىجىسى، دەپ يەكۈنلەيدۇ.
كىچىكىدىن خىتايچە مەكتەپتە ئوقۇغان ئۇيغۇر زىيالىيسى، ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەنمۇ بۇ نۇقتىدا كوممۇنىستىك تۈزۈم بەرپا قىلغان ئاتېئىزم تەربىيىسىنىڭ بارچە ئېتىقاد شەكىللىرىنى يوقاتقانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلەيدۇ. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىلدىكى ئېتىقاد كرىزىسىنىڭ ئوتتۇرىغا چىقىشى بىلەن ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرى تەدرىجىي تاشلىنىپ قالىدىكەن. بۇ ھال ھازىر خىتايلاردىمۇ، ئۇيغۇرلاردىمۇ ئوخشاش شەكىلدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بىر زور ئىجتىمائىي مەسىلە ئىكەن.

ئەنۋەر توختىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا بۇ جەھەتتە ئەڭ قاتتىق تەسىر قىلغان بىر نۇقتا، كوممۇنىستىك ئىدېئولوگىيە يېتەكچى ئورۇندا تۇرىدىغان مەكتەپلەر ئارقىلىق يېتىشىپ چىققان تېببىي خادىملارغا سىڭىپ كېتىۋاتقان ئىدىيەلەر قاتارىدا ئىنساننى بىر تۈرلۈك ماتېرىيال قاتارىدا چۈشىنىش خاھىشى ئىكەن. چۈنكى،بۇ خىل مائارىپ سىستېمىسىدا دۇنيا مىقياسىدا ساۋات خاراكتېرلىك بىلىملەردىن سانىلىۋاتقان ئىنسان ھەقلىرى ۋە دېموكراتىيە چۈشەنچىلىرى ھېچقاچان ئوقۇتۇش مەزمۇنىدىن ئورۇن ئالمايدىكەن. بۇنىڭ بىلەن خىتاي مىللەتچىلىكى ئەۋج ئېلىۋاتقان ھازىرقى كۈندە، خىتاي مىللىتىدىن بولمىغان ئۇيغۇر بىمارلارنىڭ ھاياتى بەزى خىتاي دوختۇرلارنىڭ نەزىرىدە تېخىمۇ ئەرزىمەس نەرسىگە ئايلىنىپ قېلىشى مۇمكىن ئىكەن.

ئېلشات ھەسەن بۇ ھەقتە سۆز بولغاندا، بۇ خىلدىكى كەسپىي ئەخلاق بۇزۇلۇشىنىڭ ھازىر باشقا ساھەلەردىمۇ كۆپلەپ ئوتتۇرىغا چىقىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىكى تۈپ ئامىللارنىڭ بىرى، دەل خىتايچە مائارىپ سىستېمىسىدىكى ماددىي بايلىقنىڭ زىيادە تەكىتلىنىشى ئارقىسىدا كېلىپ چىققان ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى ئەخلاق كرىزىسى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.
تېببىي ئەخلاق ساھەسىدىكى بۇ خىل بۇزۇلۇشنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ھەققىدە، ھازىر ئامېرىكىدا ياشاۋاتقان دوختۇر جۈرئەت ئوبۇل پىكىر بايان قىلىپ، بۇنىڭدا يەنىمۇ مۇھىم بولغان بىر ئامىل – تېببىي ساھەگە بولغان نازارەتنىڭ يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى تىلغا ئالدى. ئۇنىڭ قارىشىچە، مۇشۇ ئامىل ئاشۇ خىلدىكى تېببىي ئەخلاقنىڭ بۇزۇلۇشىغا يوچۇق ئېچىپ بەرمەكتە ئىكەن.

ئالاقىدار ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇرلار دىيارىنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا تېببىي ئەخلاق جەھەتتىكى بۇ خىل بۇزۇلۇش ئېغىر دەرىجىدە مەۋجۇت بولۇۋاتقان بولۇپ، ئىزچىل تۈردە جامائەت پىكرىدىكى مۇھىم تېمىلاردىن بولۇپ كەلمەكتە.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*