تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋاب قايتۇرغان

ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى 11-نچى يانىۋار خەۋرىدە بايان قىلىنىشىچە، تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندى 1-ئاينىڭ 11-كۈنى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مەدەنىيەت ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندىگە خەت يېزىپ، ئۇلارنىڭ ئۆزىگە بولغان ئەيىبلىشىگە ئىزاھات بەرگەن.

ئۇ خېتىنى مۇنداق باشلىغان: «دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى مۇئاۋىن رەئىسى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى رەئىسى ھۆرمەتلىك سېيىت تۈمتۈرك ئەپەندى، مەن 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئا خابەر تېلېۋىزىيەسىدە بىر مۇخبىرنىڭ رەئىنا رېستورانىدا 39 كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن تېررورچى تېپىلدىمۇ دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، خەۋپسىزلىك خادىملىرىمىز قاتىلنىڭ كىملىكىنى ئېنىقلىدى، ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى يۇقىرى ئىپادىسىنى ئىشلەتتىم. بۇ باياناتتىن كېيىن سىز، شەرقىي تۈركىستان ئاممىۋى تەشكىلاتى مەسئۇلى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن مېنى ئۇيغۇرلاردىن ئەپۇ سوراشقا چاقىردىڭىز، بۇنىڭغا كۆڭلۈم يېرىم بولدى.»

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسى قايناق ئەپەندى خېتىدە، رۇسىيە فېدېراتسىيەسى ئەنقەرە باش ئەلچىسى ئاندرېي كارلوفنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن مەۋلۈت مەرت ئالتىنتاشنىڭ تۈرك ئىكەنلىكىنىڭ 80 مىليون تۈرك پۇقراسى بىلەن مۇناسىۋىتى بولمىغاندەك، تېررورچى مەيلى ئۆزبېك، مەيلى ئۇيغۇر بولسۇن، ئۇنىڭ مىللەت خەلقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوقلۇقىنى، تېررورنىڭ مىللىتى يوقلۇقىنى، ئۇ ۋاقىتتا بىر ھۆكۈمەت رەھبىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۇ چاغدىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلىنىپ تۇرۇپ بەلكى ئۇيغۇر بولۇشى مۇمكىن ئاتالغۇسىنى ئىشلەتكەنلىكىنى بايان قىلغان.

ئۇ باياناتىدا يەنە، ئۇيغۇرلار بىلەن تۈركلەرنىڭ قان قېرىنداش ئىكەنلىكىنى، قېرىنداشلار ئوتتۇرىسىدا بەزىدە خاتا چۈشىنىشلەرنىڭ بولىدىغانلىقىنى، ئەمما ئۆز-ئارا چۈشىنىش ۋە دىئالوگ ئارقىلىق بۇ خاتا چۈشىنىشلەرنى تۈزەتكىلى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى بىلەن شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا يازغان خېتىنىڭ ئاخىرىدا ئۇ، 1989-يىلىدىن 1999-يىلىغىچە قەھرىمانماراش شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەندە، ئىشخانىسىنىڭ تېمىغا شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنىڭ ئېسىقلىق ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستان دېگەن ۋاقىتتا يۈرىكىنىڭ تىترەيدىغانلىقىنى ھەممە كىشىنىڭ بىلىدىغانلىقىنى يازغان. ئۆزىنىڭ ھازىر ئالدىراش ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇرلارنى ئەنقەرەدە كۈتۈۋالسا سۆيۈنىدىغانلىقىنى، تۈركىيەدە ھەممە ئۇيغۇرلارغا سالام يوللايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

مۇئاۋىن باش مىنىستىر ۋەيسى قايناق ئەپەندى 1-ئاينىڭ 5-كۈنى ئا خابەر تېلېۋىزىيەسىدە بۇ سۆزنى قىلغاندىن كېيىن، بۇنى مەنبە كۆرسىتىپ تۇرۇپ خىتاي ئاخباراتلىرى باشلىق پۈتۈن دۇنيا ئاخباراتلىرى ئىستانبۇلدا 39 كىشى ئۆلتۈرۈلگەن تېررور ۋەقەسىنى قىلغان كىشىنىڭ ئۇيغۇر بولۇش ئېھتىمالى توغرىسىدا خەۋەر تارقاتقان ئىدى. خىتاي ۋە غەرىپ دۆلەتلىرىدىكى ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ ۋەيسى قايناق قىلغان باياناتنى نەقىل ئېلىپ خەۋەر بېرىشى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى بەكمۇ بىئارام قىلغان. تۈركىيە خەۋەرلىرىدە ئېلان قىلىنىۋاتقان، تېرورچىنىڭ ئۇيغۇر بۇلۇش ئېھتىمالى ھەققىدىكى بايانلار تۈپەيلى ئەندىشە ئىچىدە قالغان ئۇيغۇرلارغا ۋەكالەتەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە لىدىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆز  نامىدىن » ئۇ ئۇيغۇر ئەمەس» دىگەن تېمىدا باياناتىنى بىلدۈرگەن، ۋە خەلقئارا ئۇيغۇر كىشىلىك ھۇقۇق ۋە دىموكراتىيە ڧوندى جەمىيىتى تور بېتىدە ئېلان قىلغان ئىدى. رابىيە قادىر خانىم بەرگەن باياناتىدا ئۇيغۇر خەلقىگە ۋەكالەتەن «قاندىشىمىز، دىندىشىمىز ، شۇنداقلا خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەردىكى سەبدىشىمىز تۈركىيەگە قىلىنغان ھۇجۇم» تۈپەيلى قەلبىمىز زەربىگە ئۇچرىغانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى.

رابىيە قادىر خانىم تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندىنىڭ جاۋاب مەكتۇبىغا قارىتا كۆز قارىشىنى ئىپادىلەپ، ۋەيسى قايناق ئەپەندىنىڭ بۇ مەسىلىگە ئەستايدىل مۇئامىلىدە بولغانلىقى، سەمىمىيىتى، شۇنداقلا شەرقى تۈركىستانغا بولغان سۆيگۈسى ئۈچۈن رەھمەت ئېيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

تۈركىيە مۇئاۋىن باش مىنىستىرى ۋەيسى قايناق ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەيىبلىشىگە جاۋاب قايتۇرۇپ يازغان مەكتۇپى – (ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى)

Leave a Comment

*

*