ئۇ ئۇيغۇر ئەمەس!

تۈركىيەدىكى رېئىنا كۇلۇبىغا قىلىنغان تېرورلۇق ھۇجۇمى توغرىسىدا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە لىدىرى رابىيە قادىر خانىم ئۆز باياناتىنى تۆۋەندىكىدەك بىلدۈردى:

 دىئاسپورادىكى پۈتۈن ئۇيغۇر پائالىيەتچىلەر، 3 كۈندىن بېرى تۈرك مېدىياسىنىڭ ئىكرانلىرىغا تىكىلىپ كۈن ئۆتكۈزىۋاتىمىز. ئەلۋەتتە بۇنىڭ بىرىنجى سەۋەبى، قاندىشىمىز، دىندىشىمىز ، شۇنداقلا خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەردىكى سەبدىشىمىز تۈركىيەگە قىلىنغان ھۇجۇمنىڭ قەلبىمىزدىكى زەربىسى بولسا، يەنە بىرى تېرورچىنىڭ ئۇيغۇر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى مىش-مىش خەۋەرلەر، شۇڭا ئۈچ كۈندىن بېرى ، » ئەي ئاللاھ، بۇ لەنىتى تېرورچى بىزدىن بولۇپ قالمىسۇن!» دەپ دۇئا قىلىۋاتىمىز.
مەن، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ مەنىۋى ئانىسى ۋە لىدىرى رابىيە قادىر، خەۋەرنىڭ ئارقىسى چىقشىغا تاقەت قىلالمىدىم. تۈرك قېرىنداشلىرىمغا شۇنى بىلدۈرۈپ قويۇشنى ۋەتەن ئىچىدە بۇ ھەقتە ئاۋازىنى چىقىرىشى مۇمكىن بولمىغان مەزلۇم خەلقىمىزنىڭ ئامانىتى سۈپتىدە بىلدۈرۈپ قويماقچىمەن:

تەسەۋۋۇر قىلالايمەنكى، شەرقى تۈركىستاندا » ياردەمچىمىز ئاۋۋال ئاللاھ، ئۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيە» دەپ ئۈمىد بىلەن ياشاۋاتقان، تۈركىيە خەۋەرلىرىگە تەلپۈنىۋاتقان، تۈركىيە ماللىرىغا ئۆزىنى ئېتىۋاتقان، تۈركىيە سەپىرىنىڭ ھەسرىتىنى چېكىۋاتقان خەلقىمىز، تۈركىيەدىكى تېرورلۇق ھۇجۇمىدا ئۆلگەن 39 كىشىنىڭ ئازابىنى يۈرىكىدە ئەڭ چوڭقۇر ھېس قىلغان خەلىقلەرنىڭ بېشىدىدۇر. شۇڭا خەلقىمگە ۋاكالىتەن دىيەلەيمەنكى؛

ئەگەر ئۇ لەنىتى تېرورچىنىڭ كىملىكى كېنىشكىسىدە ئۇيغۇر دەپ يېزىلىپ قالغان بولسا ئۇ بىزدىن ئەمەس!
ئۇ بىزدىن ئەمەس، چۈنكى، بىر ئۇيغۇر، ۋەتىنىنى خىتاي بېسىپ ياتسا چەتئەلدىن دۇشمەن ئىزدەيدىغان، ئەقىلسىز ئەمەس؛

بىر ئۇيغۇر، ئۆز زىيالىلىرىنى، ئولىمالىرىنى خىتاي ساقچىلىرى تۇتۇپ سولاۋاتسا، ئۆزىگە قۇچاق ئېچىۋاتقان، قولىدىن كېلىشىچە يار يۆلەكتە بولۇۋاتقان قېرىندىشى تۈركىيەگە ئوق چىقارغۇدەك ۋىجدانسىز ئەمەس؛

شۇنداق، ئۇنىڭ ئىسمى بەلكى ئۇيغۇرچە بولۇشى مۇمكىن، قىياپىتى ئۇيغۇرغا ئوخشىشى مۇمكىن، ئەمما ئۇنىڭ روھى، زېھنىيىتى ئۇيغۇر ئەمەس، ھىسسىي- تۇيغۇلىرى ئۇيغۇرچە ئەمەس. بۇ ھەركەتنى ئېلىپ بارغان كىشى مىڭىسى پۇتۇنلەي يۇيۇلغان ، ۋەتەن- مىللەت ئېڭى، ھەتتا ئىنسانىي تۇيغۇسىنىمۇ يوقاتقان بىر مەخلۇق ئىكەنلىكى ئېنىق.

شۇنداق، خىتاينىڭ نەپەس ئالدۇرمايۋاتقان سىياسىي بېسىملىرى، دىنىي چەكلىمىلىرى، ئىقتىسادىي چەتكە قېقىشلىرى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان نەچچە مىڭلىغان ئۇيغۇرنى خالاپ-خالىماي ئانا ۋەتىنىدىن ئايرىلىشقا مەجبۇر قىلدى؛ بۇلارنىڭ كۆپ قىسمى ئائىلىسىنى قوغداشنىڭ، ئەۋلاتلىرىنى تەربىيىلەشنىڭ كويىدا، بىر قىسمى شەرقى تۈركىستاندا ئېزىلىۋاتقان قېرىنداشلىرىنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن يول ۋە ئىتتىپاقداش ئىزدەشنىڭ، دوست ئىزدەشنىڭ تىرىشچانلىقىدا؛ ئەگەر كىمكى بۇ غايىدىن چەتنىگەن، چەتئەلدىن دۈشمەن ئىزدىگەن بولسا، ئۇ ۋەتىنىنى ئۇنۇتقان، مىللىتىدىن ۋاز كەچكەن ۋەتەن خائىنى دېمەكتۇر! ئۇ بىزدىن ئەمەس…..

خەۋەرلەردىن قارىغاندا ھۇجۇمغا، تېرور تەشكىلاتى دائىش ساھىپ چىققان، تېرورچىنىڭ دائىش ئەزاسى ئىكەنلىكى ئېنىق، ھۇجۇمنىڭ نىشانىمۇ، شەكلىمۇ تىپىك دائىشقا خاستۇر. بۇ ۋەقەنىڭ ھىچبىر جەھەتتىن ئۇيغۇر بىلەن ئالاقىسى يوقتۇر….

ئىشىنىمەنكى، تېرورچى سوراق جەريانىدا، مىللىتىڭ كىم دېسە، «مەن ئۇيغۇر» دېمەيدۇ، بۇنى دېگۈچىلىك زېھنىيەتكە ساھىپ ئىنسان، تۈركىيەگە ھۇجۇم قىلمايدۇ، چۈنكى ئۇ يۇيۇلغان مىڭىسى بىلەن ئۆزى تەۋە تەشكىلاتنىڭ تەلىماتلىرىغا خاس كىملىك بايان قىلىشى مۇمكىن. شۇڭا مەتبۇئاتلارنىڭ بۇ ۋەقەنى خەۋەر قىلغاندا ئۇ ۋەكىللىك قىلمايدىغان مىللەت ياكى ئۆلكە نامىنى ئاتىغاندىن كۆرە، ئۇ تەۋە تەشكىلاتنىڭ نامى بىلەن ئاتىشنى ئۈمىد قىلىمەن ۋە مۇشۇنداق قىلىشنى مۇستەقىل ئاخباراتچىلارغا خاس ھەم ئوبيىكتىپ، ھەم ھەققانىي ئاخباراتچىلىق دەپ بىلىمەن.

ئەگەر بۇ ھۇجۇمنى قىلغۇچىنىڭ كىملىكى ئۇيغۇر بولسا، بۇ ھۇجۇم 39 نەپەر تۈرك ۋە تۈركىيە مېھمىنىغا قىلىنغان ۋەھشىي بىر ھۇجۇملا ئەمەس، ئۇيغۇرنىڭ شان – شەرىپىگە، سىياسىي مەنپەئەتىگە، ئۇيغۇرنىڭ ئۈمىدىگە ، ئۇيغۇرنىڭ قەلبىگە قىلىنغان بىر ھۇجۇمدۇر.

بۇ ۋەقە دۇنيادا پەقەت بىرلا كۈچنى خوش قىلىۋېتىشى مۇمكىن، ئۇ بولسىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ئىنسان سۈپىتىدە ياشاشتىن ئىبارەت ھەق – ھوقۇق كۈرىشىنى تېرورلۇققا باغلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقان، 10 مىڭلارچە بىگۇناھ ئۇيغۇرنى تېرورچى قالپىقى بىلەن ئەيىبلەپ تۈرمىدە چىرىتىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرىنى. بۇ ۋەقەنىڭ ئۇيغۇرلارغا مۇناسىۋەتلىك دەپ خەۋەر قىلىنىشى، خىتاينىڭ خەلقئارا سەھنىدە كۆرەڭلەپ گەپ قىلىشىغا، شەرقى تۈركىستاندا تۇتقۇن قىلىش، دىئاسپورادا چىگرادىن قايتۇرۇشلارنى تېخىمۇ كەڭ ۋە شىددەت بىلەن ئېلىپ بېرىشىغا، تېپىلماس سىياسىي ئاتموسفىرا يارىتىپ بېرىشى مۇمكىن.
بىلىمىزكى، تۈركىيە مىڭ يىللىق بىر تۈرك دۆلىتىدۇر. مىڭ يىلدىن بېرى مۇستەقىللىقىنى يوقاتماي، تۈرك خەلىقلىرىگە، مەزلۇم مىللەتلەرگە ئەركىنلىك ۋە مۇستەقىللىقنىڭ ئېلھامىنى بېرىپ كېلىۋاتقان دۆلەتتۇر. بۇ دۆلەت، بۇنداق لەنىتى تېرورچىلارنىڭ زەربىسىگە قىلى تەۋرىمەيدۇ، خەلقئارا سەھنىلەردىكى ھەققانىي مەيدانىدا تەۋرەش بولمايدۇ. مېدىيالاردىكى «ئۇيغۇرنىڭ قىلمىشى» نىڭ يىگانە نەتىجىسى ئۇيغۇر خەلقىنىڭ دۈشمىنىنى خوش قىلىشتۇر. شۇڭا بىلىپ قېلىڭلار، ئۇ بىزدىن ئەمەس.

مەيلى ئايرىم مەقسەتلىك، مەيلى تەسادىپىي ۋەقە بولسۇن، بۇ ئىشقا سەۋەپ-نەتىجە نۇقتىسىدىن بىر قاراپ چىقىش ھۇشيارلىقىمىز ئۈچۈن پايدىلىقتۇر؛ ئەگەر بۇ ھۇجۇمنى بەلگىلىك مەقسەتلەرگە يېتىش ئۈچۈن قوللىنىلغان سەۋەپ دەپ قارىساق، ئەلۋەتتە بۇ بەلكى، ئۇيغۇر مىللىتىنى يەر-يۈزىدىن يوقۇتۇشنىڭ ستراتىگيەلىك پلانىنى تۇزىۋاتقان خىتاي دۆلىتىنىڭ ۋە ياكى تۈركىيەنىڭ كۈچلىنىشىنى خالىمايۋاتقان كۈچلەرنىڭ پەردە ئارقسىدىكى مەككىرانە سىياسىي ئويۇنلىرىدىن بولۇشى مۇمكىن؛ ئەگەر ۋەقەنى بىر نەتىجە دەپ قارىساق، بۇ ، ۋەتىنىدە بوش قالغان بىر مىڭىگە ، چەتەلگە چىققاندا ئۇچراشقان چۈرۈك بىر ئىدىئولوگىيە، بۇنىڭ ئۈستىگە ۋەھشىي بىر كىشىلىك تەبىئەتنىڭ قېتىلىشى بىلەن كېلىپ چىققان پاجىئەلىك نەتىجىدۇر. مەن بۇنى ئۆزۈر سۈپتىدە دېمەيۋاتىمەن، تېرورنىڭ ئۆزرىسى بولالمايدۇ، پەقەت ھەممىمىزنىڭ ئىبرەت  ئېلىشىمىز لازىملىقى نۇقتىسىدىن دەۋاتىمەن.  بۇ يەردىكى ئىبرەت شۇ: مۇستەقىل ياشاۋاتقانلار دۆلىتىنىڭ، مۇستەقىللىقىنىڭ  قىممىتىنى بىلىشى كېرەك. بۇنى يوقاتسا، ئىگىلىك ھوقۇقى بىلەن بىللە يەر ئاستى يەر ئۈستى بايلىقلىرى،  تالان – تاراج قىلىنىش، گاھىدا  ئەۋلاتلىرىنىڭ نامىنى   مۇستەملىكىچى  دۆلەتلەرلا ئەمەس،  ھەتتا باندىت  گۇرۇھلار،  تېرورچى تەشكىلاتلارمۇ سۈيئستىمال قىلىدىغان ئېچىنىشلىق  ئاقىۋەتكە دۇچ كېلىدۇ.

ئاخىرىدا مەزكۇر ۋەقەدە ئۆلگەنلەرگە ئاللاھتىن مەغپىرەت، ئائىلە ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغا سەۋر تىلەيمەن، تۈركىيە دۆلىتىمىزگە كۈچ قۇدرەت تىلەيمەن، ئاللاھدىن مەزلۇم خەلقىمنى دۇنيانىڭ نەرىدە ياشاۋاتقان بولسا بولسۇن، پالاكەتچىلىكتىن، پىتنە تۆھمەتتىن، يامان ئاتاقالاردىن خالىي قىلىشىنى تىلەيمەن.

Leave a Comment

*

*