ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرىغا رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېڭى يىللىق سالىمىنى يەتكۈزدى

د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ئۇيغۇر ۋەكىللەر ياپونىيە باش ۋەزىر ياردەمچىسى سېئىجى ئېتو ئەپەندىمنىڭ ئىشخانىسىدا سوھبەتتە. 2016-يىلى 1-ئىيۇن، توكيو.

6-يانۋار ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئەزالارغا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېڭى يىللىق سالىمىنى يەتكۈزدى.

ياپونىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىكىدىكى ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى ياپونىيە پارلامېنتىدىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر مەسىلىسىنى قوللىغۇچى ئەزالار بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بېرىپ، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېڭى يىللىق سالىمىنى يەتكۈزگەن بولۇپ، ياپونىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلغان بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى ئالدى بىلەن ياپونىيە دۆلەت بىخەتەرلىك كومىتېتىنىڭ سابىق رەئىسى، ياپونىيە پارلامېنت ئەزاسى، ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رەئىسى فۇرىيا كېيجى ۋە ياپونىيە باش ۋەزىرى شىنزو ئابېنىڭ ياردەمچىسى ئېتو سېئىجى ئەپەندىلەر بىلەن ئايرىم-ئايرىم سۆھبەتتە بولغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى تۇرمۇھەممەت ھاشىم بۇ ھەقتە توختالدى.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتى كيۇشۇ شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئىمامۇرا نوھ ئىبراھىم بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ قاراشلىرىنى بايان قىلىپ: «تەشكىلاتىمىزنىڭ دائىم دېگۈدەك ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن بۇ خىلدىكى ئۇچرىشىشلارنى ئېلىپ بېرىپ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىۋاسىتە ھالدا ياپونىيە ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىغا يەتكۈزۈشىنىڭ ئەھمىيىتىنى زور دەپ قارايمەن. چۈنكى، ياپونىيە ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى خىتاي بىلەن بولغان ھەر خىل دىپلوماتىك ئۇچرىشىشلاردا ئەلۋەتتە، ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىنى تىلغا ئېلىپ خىتايغا بۇ جەھەتتە بېسىم ئىشلىتىشتە بەلگىلىك رول ئوينايدۇ دەپ ئويلايمەن» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ ئېيتىشىچە، ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ياپونىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن يەنە پات يېقىندا ياپونىيە پارلامېنتىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ بىر قىسىم پائالىيەتلىرى ئۈستىدىمۇ سۆھبەتتە بولغان.

زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىنىڭ ھىمايىچىلىرىدىن تاكاشى ساتو ئۆزىنىڭ ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسىغا بولغان ئۆزگىچە قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ :«ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى 2012-يىلى توكيودا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 4-نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيى چاقىرىلىش ئالدىدا، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ياپونىيە تەرەپكە قۇرۇلتاينىڭ ئېچىلىشىنى چەكلەش توغرىسىدا ئوتتۇرىغا قويغان تۈرلۈك تەلەپلىرىنى دىپلوماتىك يوللار ئارقىلىق رەت قىلغان بولسىمۇ، بىراق شۇندىن بۇيان ياپونىيە پارلامېنتى ئۇيغۇر دوستلۇق گۇرۇپپىسى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرى ئوتتۇرىغا قويغان بەزى تەلەپلەرنى تېخىچە ئورۇنلىيالمىدى. مەن شەخسەن ئۇلارنىڭ بۇ يىلقى خىزمەتلىرىدە ئۇيغۇرلارغا ئەمەلىي بىر ئىش قىلىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دېدى.

تۇرمۇھەممەت ھاشىمنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا مەزكۇر تەشكىلات ئەزالىرى يەنە ياپونىيە پارلامېنتىدىكى ئۆكتىچى سىياسىي پارتىيەلەردىن بىرى ھېسابلىنىدىغان «ياپونىيە قەلبى» پارتىيەسىنىڭ مەسئۇللىرى بىلەنمۇ ئۇيغۇر مەسىلىسى توغرىسىدا سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

ياپونىيە ئۇيغۇر بىرلىكى تەشكىلاتىدىن ئىگىلىشىمىزچە، مەزكۇر تەشكىلات يېقىن كەلگۈسىدە رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەھبەرلىرىنىڭ ياپونىيەدە ئېلىپ بارىدىغان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ھازىردىن باشلاپ جىددىي تەييارلىق قىلىش خىزمىتىنى باشلىغان.

مەنبە:ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*