شۆھرەت زاكىرنىڭ بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى يەنىمۇ كۈچەيتىش ھەققىدە قىلغان سۆزى دىققەت قوزغىدى

ئۇيغۇر ئاپتونوم رايون دائىرىلىرى بۇ يىل كىرەر-كىرمەيلا ئۇيغۇر ئېلىدا مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت باش نىشاننى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى قەدەمدە بىر تەكىتلىمەكتە.

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 1-ئاينىڭ 9-كۈنى شىنجاڭ ‹‹خەلق›› سارىيىدا ئېچىلغان بولۇپ، بۇ يىغىندىمۇ ئەمەلدارلار مۇقىملىقنى قەتئىي قوغداشنى تەكىتلىگەن. خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، شۇ كۈندىكى يىغىندا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىر ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە، ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن بىر يىل ئىچىدە مۇقىملىقنى قوغداش ئۈچۈن نۇرغۇن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ ئېلىنغانلىقىنى تىلغا ئېلىپ تۇرۇپ، تېررورچىلارنىڭ ئۇيغۇر ئېلىغا قانۇنسىز كىرىپ-چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن 2017-يىلىدا چېگرا بىخەتەرلىكىنى قوغداش تەدبىرلىرىنىڭ يەنىمۇ كۈچەيتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

شۆھرەت زاكىرنىڭ بۇ سۆزى چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئالاھىدە دىققىتىنى قوزغىدى. ئامېرىكىنىڭ بىرلەشمە ئاگېنتلىقى بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ رەئىسى شۆھرەت زاكىرنىڭ چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىشنى تەكىتلىگەنلىكى، ئەمما ئۇيغۇر ئېلىدا 2009-يىلى يۈز بەرگەن ئۈرۈمچى ۋەقەسىدىن كېيىن ئاللىقاچان ئىنتايىن قاتتىق بىخەتەرلىك سىياسەتلىرى يۈرگۈزۈلۈپ كەلگەنلىكى ۋە بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئۇيغۇر تېررورچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن بىر قانچە قېتىملىق ھۇجۇملاردىن كېيىن يەنىمۇ چىڭىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىز ئۇيغۇر ئېلىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ بۇندىن باشقا يەنە قانداق چىڭىتىلىدىغانلىقىنى، يەنە قانداق تەدبىرلەرنىڭ ئېلىنىدىغانلىقىنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئالاقىدار ھۆكۈمەت ئورگانلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ بىر نەتىجىگە ئېرىشەلمىدۇق.

چەتئەللەردىكى كۆزەتكۈچىلەر بولسا، شۆھرەت زاكىرنىڭ سۆزىنىڭ يەنىمۇ قاتتىق بېسىمدىن دېرەك بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. ئامېرىكىدىكى ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق فوندىنىڭ تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكى شۆھرەت زاكىرنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزى ئۈستىدە توختىلىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ يۆتكىلىش ۋە ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىنى ئىلگىرىلەپ چەكلىمە ئاستىغا ئالىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ مۇنداق دېدى: «مەنچە بۇ، ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچى ۋە سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ھوقۇقىنىڭ چەكلىنىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان يەنە بىر مىسال. بۇ خىل تەدبىرلەر قارىماققا ئاتالمىش تېررورچىلارنى نىشان قىلغاندەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمما بىز ئۆتكەن يىللاردا بۇ خىلدىكى تەدبىرلەرنىڭ ئەمەلىيەتتە ئادەتتىكى ئۇيغۇر خەلقىنى نىشان قىلغانلىقىنى كۆردۇق. شۇڭا بىز بۇنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئەركىن ساياھەت قىلىش ۋە يۆتكىلىشىگە قويۇلىدىغان يەنە بىر چەكلىمە، دەپ قارايمىز.»

ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندى سۆزى داۋامىدا ئۇيغۇر ئېلىدا ئۆتكەن يىل ئىچىدە يولغا قويۇلغان پاسپورت يىغىۋېلىش ھەرىكىتىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ يەنە مۇنداق دېدى: «بىز ئۆتكەن يىلى ئىچىدە يولغا قويۇلغان پاسپورت يىغىش ھەرىكىتى ياكى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنلىرىغا قارايدىغان بولساق، بۇ قانۇن-تۈزۈملەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي كىشىلىك ھوقۇقىنى، جۈملىدىن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ ئىچىدە ئەركىن يۆتكىلىش ھوقۇقىنىلا ئەمەس، چەتئەللەرگە چىقىپ ساياھەت قىلىش ئەركىنلىكىنىمۇ دەپسەندە قىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈۋالالايمىز. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇققا بەرگەن ئېنىقلىمىسىدا مەسىلە بار. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ گېپى بويىچە تىنچلىق بىلەن پائالىيەت قىلغانلار ۋە نامايىش قىلغانلارمۇ ئاشۇ تېررورچىلار گۇرۇپپىسىغا كىرىپ كېتىدۇ. شۇڭا بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا، تېررورچىلارنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشىنىڭ چەكلىنىشى مانا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تىنچلىقپەرۋەر پائالىيەتچى، نامايىشچىلارنىڭ ياكى ھۆكۈمەتكە ئومۇمەن نارازىلىقى بار كىشىلەرنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنىڭ چەكلىنىشىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.»

مەلۇم بولۇشىچە، شۆھرەت زاكىر چېگرا بىخەتەرلىكىنى كۈچەيتىش تەدبىرلىرىنىڭ چېگرا ئىچى ۋە سىرتىدا زورىيىۋاتقان تېررور تەھدىتىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئېلىنىدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي كۈندىلىك گېزىتى شۆھرەت زاكىرنىڭ يۇقىرىدىكى سۆزىگە ئېلاۋە قىلىپ تۇرۇپ، ئۇيغۇر ئېلىدا تېررورلۇق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان تېررورچىلارنىڭ نۇرغۇنلىرىنىڭ چەتئەللەردە تەربىيىلىنىپ قايتىپ كەلگەنلەر ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ھەرقانداق تېررور گۇماندارىنىڭ چېگىرىدىن قانۇنسىز كىرىپ-چىقىشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىش كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن ئەپەندى بولسا شۆھرەت زاكىر ۋە خىتاي كۈندىلىك گېزىتى نەقىل قىلغان يۇقىرىدىكى سۆزنى ئاساسسىز، دەپ كۆرسىتىش بىلەن بىرگە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەسىلىنى كۆپتۈرۈش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ قاتتىق قوللۇق سىياسەتلىرىنى ئاقلاشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق ھۇجۇملىرىنى خەلقئارالىق تېررور تەشكىلاتلىرىغا باغلىسىمۇ، بۇنىڭغا قايىل قىلارلىق ئىسپات كۆرسىتىپ باقمىغانلىقىنى تەكىتلىدى، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، خەلقئارا جامائەتنى ئۇيغۇرلار قىلىۋاتقان نارازىلىق ھۇجۇملىرىنىڭ پىچاق، توقماق بىلەن ھۇجۇم قىلىشقا ئوخشاش ئىپتىدائىي ئۇسۇللاردا ئېلىپ بېرىلىۋاتقانلىقىنىمۇ ئۇنتۇپ قالماسلىققا چاقىردى.

ھېنرىي شاجېسكى ئەپەندىمۇ ئۆز سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ تېررورلۇق تەھدىتى ھەققىدە ئىلگىرى سۈرگەنلىرىگە ئىشىنىش ئۈچۈن رايوندا ئوچۇق-ئاشكارىلىقنىڭ بولۇشىنىڭ زۆرۈرلۈكىنى تەكىتلىدى. ئۇ سۆزىدە، خىتاي ھۆكۈمىتى تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش ھەرىكىتى نامى ئاستىدىلا كىشىلەرنى تېررورچى دەپ ئۆلتۈرۈۋاتىدۇ. بىزدە خىتاي تەمىنلىگەن رەسمىي ئۇچۇردىن باشقا ھېچقانداق ئۇچۇر يوق. شۇڭا بىز خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئېيتقانلىرىغا نىسبەتەن كۈچلۈك گۇمانىي پوزىتسىيىدە بولۇشىمىز كېرەك. بۇنداق ئەھۋالدا ئۇيغۇر ئېلىدا ھەقىقەتەن تېررور تەھدىتى بارمۇ، دېگەننى جەزملەشتۈرۈش قېيىن. شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خەلقئارا جامائەتنىڭ كاللىسىدىكى بۇ تۈگۈننى يېشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ژۇرنالىستلارنىڭ ۋە دىپلوماتلارنىڭ رايونغا بېرىشىغا، مۇستەقىل ئەھۋال ئىگىلىشىگە رۇخسەت قىلىشى كېرەك» دېدى. بىرلەشمە ئاگېنتلىقىمۇ ئۇيغۇر ئېلىدىكى تېررورلۇق ۋەقەلىرى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە بېرىلىۋاتقان ئۇچۇرلارنىڭ ئىنتايىن چەكلىك ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ ئۆتكەن.

يىغىن ھەققىدە ئۇيغۇر ئېلىدىكى تەڭرىتاغ تورى تارقاتقان خەۋەرلەردىن قارىغاندا، بۇ قېتىملىق ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىدا چېن چۈەنگو ۋە شۆھرەت زاكىر باشلىق ئەمەلدارلار قىلغان سۆزىدە ئەڭ ئاساسلىق تەكىتلەنگىنى مۇقىملىق ۋە مەڭگۈلۈك ئەمىنلىك بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت باش نىشاننى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش بولۇپ، بۇنىڭ ئۈچۈن يۇقىرىدا تىلغا ئېلىنغان بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنىڭ كۈچەيتىلىشىدىن باشقا، قوش تىللىق مائارىپ سىياسىتىنى كۈچەيتىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ، بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشمۇ تىلغا ئېلىنغان مۇھىم مەسىلىلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

مەنبە: ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى

Leave a Comment

*

*