رابىيە قادىر: مېنىڭ ئالاسكا سۆھبىتىدىن كۈتىدىغىنىم

بايدىن ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن ئالاسكا سۆھبىتىدە ئۇيغۇر مەسىلىسىنىمۇ ئوتتۇرىغا قويىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى، قارىماققا ئىجابىي بىر خەۋەردەك كۆرۈنسىمۇ، مەن يەنىلا ئەندىشىدىن خالىي ئەمەس، چۈنكى، بۈگۈنكى باسقۇچتا، مەسىلىنىڭ قويۇلۇشىلا ئەمەس، قانداق ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى يەنى قانداق تەلەپپۇز قىلىنىشى ئەڭ مۇھىم.
نۆۋەتتە شەرقى تۈركىستاندا 3مىليوندىن ئارتۇق ئىنسان 4 يىلدىن بۇيان لاگېرلارغا سولىنىپ يېتىۋاتىدۇ، بۇلاردىن ھازىرغىچە قانچىلىكىنىڭ ئۆلۈپ بولغانلىقى، قانچىلىكىنىڭ ھايات ئىكەنلىكى، ھاياتلىرىدىن قانچىلىكىنىڭ ئۆلۈم گىردابىغا كەلگەنلىكى، خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك كۈچلىرىدىن باشقا ھەرقانداق شەخس ۋە ھەرقانداق ئورگان ئۈچۈن سىر. لاگىر شاھىتلىرى، ئۆزلىرىنىڭ بۇ لاگېردىن بەدەن ئېغىرلىقى جەھەتتىن بىر يىلدا 20 كىلوگرام خوراپ چىققانلىقىنى بايان قىلىشتى. ئەڭ يېقىنقى بىر خەۋەردە، ئاتۇشلۇق كارخانىچى قۇربانجان ئابدۇكېرىمنىڭ لاگېردا 3 يىل ئېتىپ 105 كىلودىن 53 كىلوگرامغا چۈشكەنلىكى ۋە مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا لاگېردىن چىقىپ 3 كۈندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكى ئاشكارىلاندى. خەلقىمىز تەرىپىدىن ئۆلۈم لاگېرى دەپ ئاتىلىۋاتقان مەزكۇر لاگېردىكى ئىنسانلارنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى غەرب دۇنياسىنىڭ ياردەم ۋە ئادالىتىگە باغلىق. ئۇلارنىڭ شەرقى تۈركىستان ئىچى-سىرتىدىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى يەنى بىزلەر، ئۈمىدىمىزنى دۇنيانىڭ ئەڭ قۇدرەتلىك دۆلىتى بولغان ئامېرىكىغا باغلاپ تۇرۇۋاتىمىز.
گەرچە بايدىن ھۆكۈمىتى، ئىلگىرىكى ھۆكۈمەتنىڭ » ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» ئېنىقلىمىسىنى توغرا دەپ قارايدىغانلىقىنى بىرقانچە قېتىم بىلدۈرۈپ بولغان بولسىمۇ، يەنە بەزى سورۇنلاردا، ئۇنى » ئىنسان ھەقلىرى مەسىلىسى» ياكى » ئاز سانلىقلارغا بېسىم سېلىش» مەسىلىسى سۈپىتىدىمۇ تىلغا ئېلىۋاتىدۇ. ئەگەر بۇ تۇتامسىزلىق، ئالاسكادىكى سۆھبەتتىمۇ داۋام قىلسا، يەنى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق» دەپ ئوچۇق تىلغا ئېلىنمىسا، بايدىن ھۆكۈمىتى ھە دېگەندىلا قەدەمنى خاتا باسقان بولىدۇ، بۇ قەدەمنىڭ زىيىنىنى ھەممىدىن بەك مەزلۇم ئۇيغۇر خەلقى تارتىدۇ. چۈنكى خىتاي بۇنداق «تارتىنچاق سىياسەت»تىن، «دىپلوماتىك نازاكەت»تىن خاتا سىگنال ئالىدۇ ۋە ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى ئوخشاشلا ۋە بەلكىم تېخىمۇ شىددەت بىلەن داۋاملاشتۇرىدۇ.
ئالاسكا يىغىنى ھەققىدىكى خەۋەرلەردە يەنە خىتاي تەرەپكە، ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇشنى توختاتمىسا، مەجبۇرى ئەمگەككە چېتىشلىق ماللارنى سېتىۋېلىش ۋە سېتىپ بېرىشنىڭ توختايدىغانلىقىدىن سىگنال بېرىلىدىغانلىقى خەۋەر قىلىندى، ئەگەر قىرغىنچىلىققا قارىتا جازالاردىن ئەڭ يېنىكىنىڭ مۇشۇ ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلسە مەسىلە يوق، بىردىن بىر جازا مۇشۇ دەپ بىلدۈرۈلسە، خىتاي بۇ جازا پىلانىدىن چۆچىمەيلا قالماستىن جاسارەت ئالىدۇ، چۈنكى خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىدىكى مەقسىتى ئۇيغۇرلارنىڭ ئىشغالىيەت ئاستىدىكى ئانا ۋەتىنى -شەرقى تۈركىستاننى ئەبەدىي يۇتۇۋېلىش. خىتاي بۇ غايىسىگە يېتىش ئۈچۈن بەلگىلىك ئىقتىسادىي بەدەللەرنى تۆلەشكە ئاللىقاچان تەييارلىنىپ بولغان.
شۇڭا مەن ئامېرىكا ۋەكىللىرىنى خۇددى جۈمە كۈنى ب د ت دا ئوتتۇرىغا قويغىنىدەك، خىتاي بىلەن بۇ يۈزمۇ سورۇندىمۇ قىرغىنچىلىقنى قىرغىنچىلىق دەپ ئاتىشىنى، خىتايغا قارىتا جازانىڭ ئېكسپورت ۋە ئىمپورت بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدىغانلىقىنى ئوچۇق بىلدۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر

Leave a Comment

*

*